«ئەزىز ۋەتەن، ھالىڭ مۈشكۈل، تېنىڭدە جان قالمىدى،
قان بىقسىغان تۈرمىلەردىن ھېچ كىم پىنھان قالمىدى.
ئادەم سۈپەت ياۋۇزلارنىڭ زۇلۇمىدا خورلاندىڭ،
تەقىپلەرگە ئۇچرىمىغان بىرەر ئىنسان قالمىدى.»
مانا بۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىدىن قەلبى ئۆرتەنگەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر شائىرى ۋىليام قۇرۋانجان ئوغلى مولوتوف قەلەمگە ئالغان مۇڭلۇق مىسرالاردىن بىر قەترە.
شائىر ۋىليام قۇرۋانجان ئوغلى مولوتوف 1976-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاۋات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاۋات ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملاپ، 1994-1999-يىللار ئارىلىقىدا قانىش ساتپايېف نامىدىكى قازاق مىللىي تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېخنولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ۋىليام مولوتوف ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان مەكتەپ ۋە بانكا قاتارلىق ھەر خىل خىزمەت ئورۇنلىرىدا بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.
1998-يىلى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جەنۇبىي قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئۆتكەن دۇنيا تۈرك ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدە ئېلان قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇ دۇنيا تۈرك ياش يازغۇچىلار بىرلىكى رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى بولۇپ سايلانغان.
ۋىليام مولوتوف «سىرلىق ئالەم»، «كۆك بۆرە ئەۋلادىمەن»، «يۇلتۇزلاردا ئارمانلار»، «قەلبىم ئاسمىنى» شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قازاق، ئەزەربەيجان، ئۆزبېك، تۈرك، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، تۈركىيە، بېلورۇسىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ھەر خىل مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.
2013-يىلى ۋىليام مولوتوف «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەتلىك مۇشائىرەنىڭ غالىبى ئاتالغان. 2014-يىلى ئۇ قازاقىستاننىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەرباپلىرىغا بېرىلىدىغان دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ياش شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ «ۋارىس» ئەدەبىي ئىجادىي بىرلەشمىسىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە.
خوش، ۋەتەن
2012-يىلى ۋەتەنگە بېرىپ قايتقاندا
ئالدىراتماي تۇرغىن مېنى كىراكەش،
ئۇنىڭسىزمۇ ئىچىم تىت-تىت، كۆڭلۈم غەش.
قېنىۋالاي ھاۋاسىغا ۋەتەننىڭ،
بېسىلسۇن سەل يۈرەكتىكى ئوت-ئاتەش.
كۈتەلمەيمەن، كەتتۇق چاپسان بول، -دەيسەن،
ۋاقىت دېگەن ھازىر قىزىل پۇل، -دەيسەن.
باش ئاغرىيدۇ مىڭ بىر تۈرلۈك ئويلاردا،
ھە، ئەلۋەتتە بۇنىغۇ سەن بىلمەيسەن.
تاپالماستىن جېنىمغا جاي قويارغا،
كۆڭۈل زادى ئۇنىمىدى قىيارغا.
قېرىندىشىم، بەرگىن ماڭا بىر پۇرسەت،
ئەندى قاچان كېلىمەن بۇ دىيارغا؟!
خوشلىشىشقا ۋاقىت كەلگەن كۈن بۈگۈن،
سۈكۈت ساقلاپ، جىمجىت قاتاي ئۈن بۈگۈن.
كۆكتە قۇياش نۇرلار چېچىپ تۇرسىمۇ،
قەلب ئاسمىنىم بۇلۇت ياپقان تۈن بۈگۈن.
مەن كېتىمەن، مەغرۇر تاغلار خەير-خوش،
دەريا-كۆللەر، يېشىل باغلار خەيرى-خوش.
ئاتا-ئانا ئىسسىق مېھرىن سەزگەندەك،
قايتىلانماس ئېسىل چاغلار خەيرى-خوش.
خوش بول ۋەتەن، تويمىدىمغۇ ساڭا مەن،
مۇڭلىرىمنى ھاپاش قىلىپ ماڭىمەن.
كۆرۈشەرمىز يورۇق ئاتقان تاڭلاردا،
ئامان بولسام، ھۆر باغرىڭغا يانىمەن!
قالمىدى
ئەزىز ۋەتەن، ھالىڭ مۈشكۈل، تېنىڭدە جان قالمىدى،
قان بىقسىغان تۈرمىلەردىن ھېچ كىم پىنھان قالمىدى.
ئادەم سۈپەت ياۋۇزلارنىڭ زۇلۇمىدا خورلاندىڭ،
تەقىپلەرگە ئۇچرىمىغان بىرەر ئىنسان قالمىدى.
بېگۇناھلار كۆز يېشىدىن كۆللەر ھاسىل بولسىمۇ،
قانخورلارنىڭ يۈرىكىدە قىلچە ۋىجدان قالمىدى.
دىنسىزلارنىڭ قوللىرىدىن ۋەيران مەسچىت، مەدرىسە،
تارتمىغانۇ دەرت-ئەزىيەت بىر مۇسۇلمان قالمىدى.
قىلمىشى يوق، سوت-سوراقسىز چېتىدىنلا قامالدى،
زىيالىي ھەم ئوقۇغۇچى، ئىشچى-دېھقان قالمىدى.
قېرى ھەم ياش، ھەتتا ئۆسمۈر ئازابلاندى قىيناشتا،
ۋەھشىلىكنى كۆرمىگەن ھەم ئاجىز-جۇۋان قالمىدى.
يەر جەننىتى-گۆزەل زېمىن چوڭ تۈرمىگە ئايلىنىپ،
مىلليونلار پاتماي ئەمدى، بىر بوش زىندان قالمىدى.
ئاڭلىماسقا سېلىۋېلىپ بەزى تۇغقان يۈرسىمۇ،
ئۇيغۇر دەردىن ئاڭلىمىغان پۈتكۈل جاھان قالمىدى.
تەغدىرىمىز كېلىپ قالدى ئېگىز ياردا گىرۋەككە،
يە يۈكسىلىش، يە يوق بولۇش-باشقا ئىمكان قالمىدى.
ئويلاپ، ئويلاپ تىڭشاپ كۆرسەم يۈرىكىمنى، دىلىمنى،
«كۈرەش قىلغىن!» دېگەن سۆزدىن ئۆزگە پەرمان قالمىدى.
چىدالماسمىز بۇ كۈلپەتكە، ئېھ، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم،
بۆلەك قارار بولۇشىغا ئەندى گۇمان قالمىدى.
خۇشلاندۇرماس بۇ ھاياتنىڭ قىزىقلىرى، پېقىرنى،
ۋەتىنىمنىڭ ھۆرلىكىدىن باشقا ئارمان قالمىدى!
0:00 / 0:00