«بىر ئۇيغۇر كۈلسە، كۆڭۈللۈك دېمە،
پۈتكۈل خەلقىنىڭ يۈرىكى سۇنۇق.
بىر ئۇيغۇر ئۆلسە، ئارتۇق غەم يېمە،
تىرىكلىرىنىڭ ھەسرىتى ئۇلۇغ.»
مانا بۇ نۆۋەتتە ئاللمۇتادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىب ئىلاخۇن جەلىلوف ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەلىك رىياللىقىدىن ھەسرەتلىنىپ، قەلەمگە ئالغان سانسىز مىسرالارنىڭ بىر قىسمىدۇر.
ئىلاخۇن جەلىلوف 1942-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ كەتمەن يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىككى ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ دادىسى جېلىل ئەپەندى ستالىنگراد ئۇرۇش سېپىدە قۇربان بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئانىسى مەنىشخاننىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. ئىلاخۇن 1959-يىلى مەكتەپنى تاماملاپ، كولخوزدا ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئالمۇتاغا جايلاشقان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ قازاق بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن.
ئىلاخۇن جەلىلوف بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، 1980-يىلى ئۆزبېكىستان رادىيو كومىتېتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، 1982-، 1985-يىللىرى «جازۇشى» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
ئۇ يەنە 1985-، 2000-يىللىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە 2000-، 2006-يىللار ئارىلىقىدا جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «سەنئەت» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا چىققان.
ئىلاخۇن جەلىلوفنىڭ شائىر بولۇپ يېتىلىشىدە پېشقەدەم پېداگوگلار، ئالىملار، يازغۇچىلاردىن ھاكىم مەشۈروف، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، ئىلىيا بەختىيا ۋە باشقىلار مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەدىبنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. كېيىن ئۇنىڭ «يەرگە تەزىم»، «ئىنتىلىش»، «سالام خەلقىم»، «ۋەسىيەت»، «مىراس» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
ئەدىب پو'ئېزىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ۋە تونۇلغان كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان «يېڭىچە ياڭرىغان ئاھاڭلار»، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ئىپارخانغا بېغىشلانغان «ئىپارخان» قاتارلىق تارىخىي پوۋېستلارنى قەلەمگە ئالغان. ئۇ ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ياشىماقتا.
نادامەت
ئىلاخۇن جەلىلوف
بىر ئۇيغۇر كۈلسە، كۆڭۈللۈك دېمە،
پۈتكۈل خەلقىنىڭ يۈرىكى سۇنۇق.
بىر ئۇيغۇر ئۆلسە، ئارتۇق غەم يېمە،
تىرىكلىرىنىڭ ھەسرىتى ئۇلۇغ.
ئۈگدەپ قالغاندەك جەڭگىۋار تۇيغۇ،
ئۆزىنى ئۆزى ئۇنتۇدى بەلكىم.
پۈتكۈل ۋۇجۇدىن ئىگىلەپ قايغۇ،
چىرايى سولغۇن، بېقىشى غەمكىن.
ئىچىمنى تاتلاپ كۈندە تۇغۇلار،
جاننى قېينىغان جاۋابسىز سوئال.
دۇنيادا ئورنۇڭ نەدە، ئۇيغۇرلار؟-
مىڭ يىل ئاۋۋالقى بىچارە شۇ ھال.
ھەرىكەت، ئىدراك، پەيلىگە بېقىپ،
تالاي ئۆزگەردى ئادەملەر، زامان.
تۇرمۇشنىڭ گۈنسىز چىرىقىن يېقىپ،
ئۆزگەرمەي كېلەر ئۇيغۇرۇم ھامان.
ھۆرلۈك كۈرەشتە قۇچمىغاچ زەپەر،
خاتىرجەم، تىنچلىق قىلمىغان نېسىپ.
ھەر كۈنى كېلەر تەشۋىشلىك خەۋەر،
ۋۇجۇدنى داغلاپ، يۈرەكنى قىسىپ.
ئەل بېشىن قوشقان ئوغۇزخان خاقان،
پەرمان چىقارغان ئۇيغۇر ئاتاشقا.
خەلقىنىڭ داڭقىن ئالەمگە يايغان،
تارىخىن يېزىپ مەڭگۈلۈك تاشقا.
ئەجدادلار بەرگەن مىراسلار ئۇلۇغ،
شۇنى ماختىنىپ كېرىمىز كۆكرەك.
بارلىق ئىجتىھات-ئاللاھقا قۇللۇق،
ئوقەت، ئەمگەكتىن توي، مەشرەپ كۆپرەك.
مويۇنچۇر، مەھمۇت، يۈسۈپ خاس ھاجىب،
ناۋا'ئىي داڭلىق جاھان ئەھلىگە.
ھە، بىز، ئاتىلار يولىدىن داجىپ،
ئىختىيار بەردۇق گاسلىق مەيلىگە.
ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ ھۈنەر،
باشقىلار قۇردى بىلىم تەختىنى.
مۇرات-مەقسەتكە كەبە يەتكۈزەر،
ئۇيغۇرلار كۆزلەپ ماڭار مەككىنى.
ئاللاھ جېكىلەپ ئېيتقان بەندىگە:
«يارىتىش مەندىن، يارىلىش سەندىن.»
بىزلەر ھەممىنى ئارتىپ تەقدىرگە،
سائادەت، ئەرك ئىزدىدۇق دىندىن.
تەپەككۇر كۆزىن، گاراڭلىق توراپ،
كۆرمەس بۇرۇندىن نېرى-يېقىنى.
تۇيغۇ، سەزگۈنى بىغەملىك ئوراپ،
ئايرالماس رەڭنىڭ قارا-ئېقىنى.
ھەممىنى ئۆز دەپ، ئاقكۆڭۈل ساناپ،
ئېچىپ تاشلايسەن ئىچكى سىرىڭنى.
دۈشمەن قوينىدا يۈرەر تاش ساقلاپ،
ئاتىدۇ كۆزلەپ ئاجىز يېرىڭنى.
ئۆگەي ئاتالدىڭ بوغۇلۇپ ئۈنۈڭ،
ئۆزۈڭ بېغىدا ئەركىن سايرالماي.
قارا تۈنەككە ئايلاندى كۈنۈڭ،
دوستنى، دۈشمەننى تېخى ئايرالماي.
تېنىدىڭ ئانا ماكانغا پاتماي،
بىلمەي كىم سالغان قۇللۇق سەۋداغا.
ئازاب، كۈلپەتكە قارشى ئوق ئاتماي،
دەردكە ئىزدەيسەن غايىپتىن داۋا.
ئىشەنچ ئارتقان «دوست» نىڭ پەيلىدىن،
تالاي ئالدىنىپ چۈشتۈڭ بۇ كويغا.
ئەگەشكەن شىرمۇ قوينىڭ كەينىدىن،
كىملىكىن ئۇنتۇپ، ئايلىنار قويغا.
ۋەتەنسىز ئەلنى مەنسىتمەس دۇنيا،
كۆزگە ئىلمايدۇ ئەرزىمەس قەدرىڭ.
قانلىق ياش تۆكۈپ، قاخشىغىن، زارلا،
ھېچ كىم قەلبىنى تەۋرەتمەس دەردىڭ.
ئۆز دىيارىڭدا كەلگىندى يەكلەر،
دەپسەندە قىلىپ نومۇس، غۇرۇرنى.
ئۇيغۇر نەسلىدىن تارالغان ئەللەر،
ئەمدى مەنسىتمەي، خورلار ئۇيغۇرنى.
گۆدەكتەك يېڭى كەلگەن ھاياتقا،
تەمتىرەپ ئوچۇق يەردە ئاداشتۇق.
بۈيۈك تاغلارنى تارتقۇزۇپ ياتقا،
ئۆز-ئارا پاكار دۆڭنى تالاشتۇق.
يالا چاپلىنىپ ئىزگۈ ئىشىڭغا،
سەندىن باشلىنار قارا تىزىملار.
چۈشكەن كۈلپەتلەر ئازدەك بېشىڭغا،
ناھەق تېڭىلدى خۇنۈك «ئىزملار».
زوراۋان تەختكە ئولتۇرغان زامان،
ئادالەت، ھەقلىق، ھەقىقەت زە'ئىب.
شۇڭا قاياشسىز، ئىگىسىز قالغان،
تەنھا ئۇيغۇرغا تېڭىلار ئەيىب.
0:00 / 0:00