شائىر ئىلاخۇن جەلىلوف: «ئۇرۇش غالىبىيەت بىلەن ئاياغلاشقىنى بىلەن قورساقمۇ تويمىغان ئىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.10.16
ilaxun-jelilof-2.jpg كۆپ قىرلىق ئەدىب، شائىر ئىلاخۇن جەلىلوف ئەپەندى. 2018-يىللىرى.
RFA/Oyghan

20-ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن، شۇ جۈملىدىن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق زەرداب چەككەن ئىدى. 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەيدانىغا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىنمۇ مىڭلىغان قىز-يىگىتلەر ئاتلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان شۇ ئۇرۇش گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىچىدە خەلققە تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان ئىلاخۇن جەلىلوفتۇر.

سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ كەتمەن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئىلاخۇن جەلىلوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كۆرگەنلىرىنى مۇنداق دەپ ھېكايە قىلدى: «مەن ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدا دادام ئۆز ئىختىيارى بىلدەن ئۇرۇش مەيدانىغا كەتكەن ئىكەن. دادام تراكتورچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا قېلىشقا رۇخسەت بېرەتتىكەن. دادام: ‹مەن ئاياللار ئارىسىدا جۈرىمەنمۇ؟› دەپ، ئۇرۇشقا كەتكەن ئىكەن. 1943-يىلى ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ قازا قىپتۇ. بىزنى، يەنى ئۈچ بالىنى ئاپام مەنىشخان كولخوزدا ئىشلەپ يۈرۈپ، قاتارغا قاتتى. يېشىمىزغا يەتكەن ۋاقىتتا ئوقۇشقا كىردۇق. ئۇرۇش غالىبىيەت بىلەن ئاياغلاشقىنى بىلەن تۇرمۇش تۈزۈلۈپ كەتمىگەن، قورساقمۇ تويمىغان ئىدى. شۇندىمۇ بىز تىرىشىپ ئوقۇدۇق.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنى ئوقۇتقان مۇئەللىملەر ئىنتايىن ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر بولغانىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا تولىمۇ دىققەت بۆلگەن ئىكەن ۋە ئوقۇشتىن تاشقىرى قوشۇمچە دەرسلەرنى، سىياھەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتىكەن ھەمدە دائىم ئۇلارنىڭ روھلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتىكەن.

شائىر ئىلاخۇن جەلىلوف ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ياراتقان ئەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى شېئىرىمنى5-سىنىپتا ئوقۇۋاتقىنىمدا يازدىم، ‹ئاتام توغرىلىق ئوي› دەپ 8-يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا ئىلىيا بەختىيا ئەدەبىياتتىن دەرس بېرىدىغان بولدى. مۇسابىقىدە ‹ئاتام توغرىلىق ئوي› شېئىرىمنى ئوقۇپ بېرىۋېدىم، بىرىنچى ئورۇننى ئاپتىمەن. شۇنىڭغا ئىلىيا بەختىيانىڭ ماڭا ماياكوۋسكىينىڭ كىتابىنى سوغا قىلغىنى ئېسىمدا. شۇنىڭدىن كېيىن شېئىرىيەتكە قىزىقىپ كەتتىم.»

ئىلاخۇن جەلىلوف شۇ ۋاقىتداردا قاجىم جۇمالىيېف، مالىك غابدۇللىن، سېرىك قىرابايېف، نىغمەت ئابدۇللىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۈچىنچى ئوقۇش يىلىدا ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلىپ، ھەربىي دېڭىز قوشۇنىدا تۆت يىل داۋامىدا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا شېئىر يېزىشقا بولغان ئىشتىياقىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئاقىۋېتىدە كېيىن «دېڭىز سادالىرى» ۋە «دېڭىز چىللايدۇ» ناملىق ئىككى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەدىبنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئىجادىيىتىنى دەسلەپكىلەردىن بولۇپ كۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە شائىر ھېزىمەت ئابدۇللىن يۇقىرى باھالاپ، ئۇ ياش شائىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دېڭىز ماۋزۇسىنى ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىكەن.

ئىلاخۇن جەلىلوف ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ تېما جەھەتتىن خىلمۇ-خىل بولغانلىقىنى، ھەر بىر شېئىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئاساسىي ماۋزۇيۇم ئانا-ۋەتەن تەقدىرى. بۇ توغرىلىق نۇرغۇن جەريانلارنى يازدىم. تەبىئەت تېمىسى شۇنداقلا تۈركۈملەر. تۈركۈم دېگەن بۇ بىر ماۋزۇغا بېغىشلانغان شېئىرلار.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستانلىق يازغۇچىلار ئۆز ئىجادىيىتىدە ئەدەبىياتىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىگە مۇراجىئەت قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت پوئىزىيەنى، يا بولمىسا پروزىنى، يا بولمىسا دراماتۇرگىيەنى تاللىۋالغان ئىجادكارلار باركەن. ئىلاخۇن جەلىلوف بولسا ھەم پويېزىيە ھەم پروزا ساھەسىدە ئىجاد قىلىۋاتقان ئىكەن.

«ئەدەبىياتنىڭ يېتەكچىسى ئۇ پروزا. ھەر قانداق ئىجادكار ئالدى بىلەن شېئىردىن باشلايدۇ. كېيىن پروزىغا ئۆتىدۇ. پروزىغا ئۆتكۈنۈم، 1987-يىلى ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفقا ‹سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى› ئاتىقىنى بېرىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرىلىق پوۋېست يازدىم. ئاندىن ئىپارخان توغرىلىق رومان يازدىم.»

ئىلاخۇن جەلىلوف كېيىنكى يىللاردا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن ئاتالمىش «تۇرغۇن يىللىرى» غا بېغىشلانغان «چېكىنىش» رومانىنى، ئاندىن 1918-يىلى يەتتىسۇ تەۋەسىدە سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن جازالاش يۈرۈشلىرىگە بېغىشلانغان «ئۇيغۇر قىرغىنى» رومانىنى نەشىر قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.