تۇتقۇندىكى شائىر پەرھات تۇرسۇن: «بىز ھېچ يەردىن كەلمىگەن، ھېچ يەرگە بارمايمىز»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.02.01
Perhat-Tursun.jpg تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە دوكتور پەرھات تۇرسۇن.
Social Media

يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە دوكتور پەرھات تۇرسۇننىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. رادىيومىز ئۇنىڭ تۇتقاندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىدى.

بىز بۇ نۆۋەتلىك سەھىپىمىزنى پەرھات تۇرسۇنغا بېغىشلاپ، ئۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.

ئۇنداقتا، پەرھات تۇرسۇن كىم؟ 

پەرھات تۇرسۇن ھەققىدىكى تور يازمىلىرىغا قارىغاندا، ئۇ 1969-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش دىيارىدا تۇغۇلغان. 2011-يىلى خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاغاتاي تىلى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋىي سەنئەت يۇرتىدا ئىلگىرىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇغان.

2012-يىلى ئامېرىكىدىكى «ھايدېنس فېررى» ژۇرنىلى پەرھات تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پەرھات تۇرسۇنغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئۇ شائىر، نەسىرچى، يازغۇچى ھەم سىنارىست بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازغان شۇنداقلا ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى.»

پەرھات تۇرسۇننى يېقىندىن تونۇيدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئېيتىشىچە، پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېڭى شېئىرىيىتى ۋە مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم يازارلارنىڭ بىرى ئىكەن. 

ئامېرىكادىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى جاشۇۋا فىريمان پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە: «پەرھات تۇرسۇن كۆپرەك ئوقۇرمەنلەرگە يازغۇچى ياكى ئوبزورچى سۈپىتىدە تونۇلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر شائىردۇر،» دەپ يازىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەرھات تۇرسۇن 11 يېشىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كېرىشكەن بولۇپ، 1998-يىلى ئۇنىڭ «مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن يۈز پارچە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 

پەرھات تۇرسۇننىڭ يەنە «مەسىھ چۆلى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بىلەن «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» ناملىق رومانى نەشردىن چىققان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر يازغۇچى ئەدىبلىرى تۈركۈملەپ تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلانغان مەزگىلدە 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان پەرھات تۇرسۇندەك بىر يازغۇچىنى ئەسلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن.


تارىم دەرياسى

پەرھات تۇرسۇن


خۇددى تارىم سۈيىدەك،

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان،

مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز،

بىز ھېچ يەردىن كەلمىگەن،

ھېچ يەرگە بارمايمىز.

ئەگەر خۇدا ياراتقان بولسا ئىنساننى.

بىزنى خۇدا مۇشۇ يەرگە ياراتقان.

ئەگەر ئادەم ئۆزگەرگەن بولسا مايمۇندىن،

بىز ئۆزگەرگەن مۇشۇ يەرلىك مايمۇندىن.

سەكراتتىكى ۋەسىيەتتەك،

ئۈزۈك-ئۈزۈك چىقىرىۋېتىلگەن قاندەك سانسىز ئېقىنلار،

تارىم،

ئەي ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىلىنغان يارا ئېغىزى،

قاچان ئېقىپ تۈگەيدۇ سېنىڭدىكى قان؟

ئىرقىي ئىزلاردەك گاھى يوقىلىپ گاھى پەيدا بولىسەن،

سۇلالىلەردەك گاھى جاھانغا ھۆركىرەپ گاھى ئۆچىسەن،

بىراق بۆرىدەك ھۇۋلىغان تاغلار،

جاكارلايدۇ ئۆچكەن ھەممىنى ئون سەككىز مىڭ ئالەمگە.

بىراق ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ ئۇنىڭ تىلىنى،

كۈچلۈك پەرىشتىلەر، يورۇق تەڭرىلەر،

قۇياشنى تۇغ قىلىپ قادىغان كۆككە.

ئۇ-ئەسىرلەر باشلانغان چاغدا.

چوققىدىكى قىيا تاشلاردا قالغان قان ئىزى.

سىرغىپ چىقىسەن ئاشۇ تاشلار ئارىلىرىدىن.

ئاشۇ قۇياش توزۇپ كەتتى.

يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىنكى مۇقەددەس تاغ،

بىر تال تاش بىر تال تاشتىن ئاستا-ئاستا،

سېنى گاندون قۇرۇتالمايدۇ.

ئەي، تامچە-تامچە قان ئىچىدە جۇلالىغان گۈل،

يۈكۈنۈپ سەجدە قىلىدۇ مەنزىلسىز سەيياھ،

ئۇماينىڭ مەڭگۈلۈك كۆپىيىش كۈچىگە،

سېنى جىنسىي كېسەللەر بۇلغىيالمايدۇ.

ئەي، كارۋانلار تاشلاپ كەتكەن گۈلخان يالقۇنلىرىدا.

مەخپىي ئېچىلغان زەڭگەر رەڭلىك گۈل.

تەسمۇ ئەجەبا ھاياتلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش،

نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى جەسەتلەردىنمۇ،

ئىزدىسەك بىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىزنى.

تېرىمىزنىڭ رەڭگىنى ئىزدە تەكلىماكان بارخانلىرىدىن،

قېنىمىزنىڭ تەركىبىنى ئىزدە تارىم سۈيىدىن،

خۇددى تارىم سۈيىدەك،

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان، مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز.


قەسىدە

پەرھات تۇرسۇن


سېنىڭ روھىڭ پۈتۈن دۇنيا

-ھېرمىن ھېسسي، «سددىخارتا» دىن 


قاچ-قاچتا مۇزداۋاندا توڭلاپ قالغان جەسەتلەر ئىچىدىن مېنى تونۇيالامسەن،

پاناھ تارتقان؟

قېرىنداشلار سالدۇرۇۋالدى كىيىملىرىمىزنى.

ھازىرمۇ ئۇندىن ئۆتسەڭ ئۇچرايدۇ يالىڭاچ جەسەتلىرىمىز.

قەتلىئامنى ئۇلار ماڭا مۇھەببەت دەپ تاڭغاندا،

بىلەمسەن، مەن سەن بىلەن بىللە.


ئۈچ يۈز يىللىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تونۇمايدۇ ئۇلار بىر بىرىنى، بىلمەيدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى.

زەھەرنى ئېسىل شاراب بىلىپ خۇشاللىق بىلەن ئىچىۋەتكەن مەن،

ئۇلار كوچىلاردىن غايىب بولغان گەۋدەمنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرگەندە،

بىلەمسەن، مەن سەن بىلەن بىللە.


كاللىلاردىن ياسالغان ئاشۇ مۇنار ئىچىدە بار مېنىڭمۇ كاللام،

قىلىچنىڭ ئىتتىك گاللىقىنى سىناش ئۈچۈنلا كەسكەن مېنىڭ كاللامنى.

قىلىچ ئالدىدا بىز سۆيگەن سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى خۇددى تەلۋە ئاشىقنىڭ ۋۇجۇدىدەك گۇمران بولغاندا،

بىلەمسەن، مەن سەن بىلەن بىللە.


بازاردا ئېگىز تۇماقلىقلار قارىغا ئېلىش مەشىق نىشانى بولغاندا،

مېڭىسىگە ئوق سانجىلغان كىشىنىڭ چىرايى ئازابلىق سوزۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى بىلمەك بولۇپ قارىغان كۆزىنىڭ ئالدىدا جاللاتنىڭ گەۋدىسى غۇۋالىشىپ يوقالغاندا،

ئوق سانجىلغان مېڭىدىكى قىزىپ كەتكەن تەپەككۇردا ئەكس ئەتكىنى مېنىڭ گەۋدەم، ئاشۇ چاغدا

بىلەمسەن، مەن سەن بىلەن بىللە.


شاراب ئىچىش قان ئىچىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ ھېسابلانغان ئاشۇ دەۋرلەردە،

بىلەمسەن ئادەم قېنىدا چۆرگىلىگەن تۈگمەندە تارتىلغان ئۇننىڭ تەمىنى؟

ئەلىشىر ناۋايى ئەسەبىيلەرچە خام خىيال قىلىپ چىققان شارابنىڭ تەمى ئۈلگە ئېلىنغان مېنىڭ قېنىمدىن،

چەكسىز سىرلىقلاشقان ئاشۇ مەستلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا،

بىلەمسەن، مەن سەن بىلەن بىللە.


2006-يىل 3-ئاي، بېيجىڭ، شىخوڭمىن

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.