بۈگۈنكى سەھىپىمىز يېقىندا شىۋېتسىيەدە نەشرىدىن چىققان «كېچە» ناملىق ئۇيغۇرچە ۋە شۋېتچە شېئىرلار توپلىمى ھەمدە مەزكۇر توپلامنى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ھەققىدە بولىدۇ. بەلكى بۇ خۇش خەۋەر رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ زىمىستان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇدھىش خەۋەرلەردىن مۇزلىغان قەلبلىرىگە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلالىسا ئەجەب ئەمەس.
مەزكۇر توپلامنىڭ روياپقا چىقىشىغا باش بولۇپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسىز دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇشبۇ مىنۇتلاردا ئىلگىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چەككەن ۋە نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان بۇ توپلامنىڭ شۋېت ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
مۇراسىم 12-ئۆكتەبىر ستوكھولم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق كىتابقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم شىرلىرى شۋېت ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلغان، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
كىتابنى شىۋېتسىيەدىكى «نارىن» نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر شئېىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شۋېت تىلىدا نەشر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بۇنداق توپلاملارنىڭ ياۋروپانىڭ باشقا ئەللىرىدىمۇ نەشر قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«نارىن» نەشرىياتىنىڭ باشلىقى لارش نارىن ئەپەندىم مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا بەند قىلىنغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى شىۋېتسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر يىلدەك ۋاقىت ئىلگىرى بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم. يىغىندا سۆزلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر شائىرلار ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە ئىكەن. شۇ چاغدا نېمىشقا بۇلارنى توپلەپ بىر شېئىرلار توپلىمى چىقارمايمىز دېگەن ئويغان كەلدىم. مانا بىر يىلدىن كېيىن بۇ كىتابنى نەشر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. بەختكە قارشى بۇ شائىرلارنىڭ بىر قىسمى ئاتالمىش‹ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قامىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەرسىزمىز. شۇ سەۋەبلەردىن بۇ كىتاب نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب شۋېت سىياسىيونلارغا، چېركاۋ رەھبەرلىرىگە ئەۋەتىلدى. بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت ئۇلارنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش. مەن بۇنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە تەرجىمە قىلىپ نەشرى قىلىنغان ئىدى.