ئۈمىدۋار شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف: «ئۇيغۇر بولغانلىقىم بەختىم مېنىڭ»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.06.05
abdughopur-qutluqof-sheir.jpg شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى.
RFA/Oyghan

«ئۇيغۇر بولغانلىقىم بىر بەختىم مېنىڭ، قەشقەر، بالاساغۇن قوش تەختىم مېنىڭ» دەپ خىتاب قىلىدۇ، ئالمۇتادا ئىستىقەمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىپادىلەنگەن بىر لىرىكىسىدا.

ئۇنداقتا، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف كىم؟

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلى ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تاماملىغان. ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا ئاباي، ئابدۇللا توقاي، سەدىردىن ئەينى قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن ھەم ئۆزىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك 1962-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ قازاقىستانغا يەرلەشكەندىن كېيىن دەسلەپتە مۇ’‍ئەللىمچىلىك قىلغان، ئاندىن 1970-يىلدىن تارتىپ «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە ئىشلىگەن. ئەدىب 1998-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ 1965-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى رىزۋانگۈل ھەققىدە يازغان داستانى قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت «كوممۇنىزم تۇغى» دا بېسىلغان. ئۇنىڭ «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» ناملىق تۇنجى توپلىمى 1967-يىلى «جازۇشى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى شائىرنىڭ «يار ۋە دىيار»، «گۈل ۋە كۆڭۈل»، «جەسۇر جانلار»، «ساداقەت سەتىرلىرى»، «قىران قىسمىتى»، «ئۇيغۇرىستان» قاتارلىق 20 گە يېقىن توپلاملىرى ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، ئۆزبېك، قاراقالپاق، قىرغىز تىللىرىدا نەشر قىلىندى.

ئەرىشتىن كەلگەن ۋەھى

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف

ئۇيغۇر بولغانلىقىم بىر بەختىم مېنىڭ،

قەشقەر، بالاساغۇن قوش تەختىم مېنىڭ.

ئانچىلا ئۈمىدنى ئۈزۈۋەتمىگىن،

ئۈرۈمچى بولغۇسى پايتەختىم مېنىڭ!

يەتكەن چېغى ئۇلۇغ ئاللاھقا ئاھىم،

ماڭا ۋەھى كەلدى ئەرشى ئەلادىن.

خوش خەۋەر بىز كۆپتىن كۈتكەن كۈن يېقىن!

يا دوست، قۇتۇلغايمىز شۇم ئەجدىھادىن. . .

يا دوست، باغرىمغا سەن باغرىڭنى ياققىن،

قۇچاقلا، قۇلىقىڭغا گېپىم بار ئىدى.

خۇشلۇقتىن يېرىلىپ كەتمىسە يۈرەك،

شۇ كۈنى چالارغا دېپىم بار ئىدى.

كىمدۇر بىرى ئېيتتى ماڭا شىۋىرلاپ،

«ئازادلىقنى خۇشال كۈتۈپ ئالغىن!» -دەپ.

بېشىم بىلەن چىقاي دېسەم، ئۇ دېدى:

«تىل تەگمەسچۈن تۇمار پۈتۈۋالغىن!» -دەپ.

يا رەب، دوست-دۈشمەننىڭ تىلى تەگمىسۇن،

بوينۇمغا تىل تۇمار ئېسىپ ئالايمەن.

بۇ قېتىم تەختىمنى تارتقۇزۇپ قويسام،

ئەۋلادلار يۈزىگە قانداق قارايمەن! . . .

ئۇيغۇرىستان، ساڭا قان كېرەك بولسا،

بىر تامچە قالغۇچە ساڭا قان بېرەي!

ئۇيغۇرىستان ساڭا جان كېرەك بولسا،

(سەنسىز ماڭا جاننىڭ نېمە كېرىكى؟)

مىڭ جېنىم بولسىمۇ جان دەپ جان بېرەي.

سېنىڭ تاپىنىڭغا كىرگەن تىكەننى،

سۇغىرىپ ئالايمەن مەن تىلىم بىلەن.

مەن نىمجان ياشىدىم شۇنچە يىل سەنسىز،

مەن تىرىك ياشايمەن ئۆز ئېلىم بىلەن.

ئاي-يۇلتۇز بايراقنى بىر كۆرۈپ كۈلسەم،

«ئۇھ!» دەپ بۇ يۈرىكىم تاپاتتى دەرمان.

كۆز ياشتىن سۇ سېپىپ، كوچا سۈپەرسەم،

شادلىقتىن يۈرەكتە قالاتتى ئارمان. . .

ئۇيغۇر بولغانلىقىم بىر بەختىم مېنىڭ،

قەشقەر، بالاساغۇن قوش تەختىم مېنىڭ!

ئانچىلا ئۈمىدنى ئۈزۈۋەتمىگىن،

ئۈرۈمچى بولغۇسى پايتەختىم مېنىڭ. . .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.