ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۇرۇش قىلامدۇ؟

ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت دەپ جاكارلىشىنى قوبۇل قىلمىسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

0:00 / 0:00

يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان پروگرامما مۇدىرى دوكتور پاترىك كرونىن، 3‏-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆزىنىڭ فايسبۇك تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ھازىرقى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت دەپ جاكارلىشىنى قوبۇل قىلمىسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن دېگەن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ تەسەۋۋۇرىدا يەنە تەمكىن ھالدا، ئامېرىكا بۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ بولغان، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

دوكتور پاترىك كرونىننىڭ ئوبزورىدىكى بۇ تەسەۋۋۇرنى ئالدى بىلەن خىتايچە چىقىدىغان دوۋېي تور گېزىتى كۆچۈرۈپ باستى ۋە بۇنىڭغا دائىر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، بۇ ھەقتىكى مەخسۇس تېمىسىنى ھەر كۈنى تولۇقلاپ-يېڭىلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. گېزىت گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي مەبلەغلىرى ئاۋسترالىيىدە ۋە ياۋروپادا چىقىرىۋاتقان گېزىتلەردە، ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي، دىپلوماتىيە، پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل تور گېزىتلىرىدىمۇ، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۇرۇش قىلىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى كېڭەيتىپ سۆزلەشكە باشلىدى.

خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھازىر، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۇرۇش قىلىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان پروگرامما مۇدىرى دوكتور پاترىك كرونىننىڭ «ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت دەپ جاكارلىشىنى قوبۇل قىلمىسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن»، «ئامېرىكا بۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ بولغان» دېگەن تەھلىلىنى تەكرار-تەكرار نەقىل كەلتۈرگەندىن باشقا، ئاۋسترالىيە پرېزىدېنتى جۇلىيا گىللارد خانىمنىڭ ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەشەببۇسىنىمۇ، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۆزلىرى كۆتۈرۈپ چىققان «ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتايچە گېزىتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ بايان قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە پرېزىدېنتى جۇلىيا گىللارد خانىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە ھەربىي مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىپ، ئورتاق دۈشمەنگە بىللە قارشى تۇرۇش كېرەك دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋسترالىيىنىڭ خەلقئارا سىياسەت تەتقىقاتچىسى ۋايت ئېلان قىلغان ماقالىلەردىمۇ، خىتاينىڭ كۈچلىنىۋاتقانلىقى---ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا قىلىنغان رىقابەت، خىتاينىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشتە، ئاۋسترالىيە چوقۇم ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى جوھن مېككايننىڭ، خىتاي كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشى ناتايىن، بىز خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى چوڭ كۈچ دەپ مۆلچەرلىمەيمىز، ئەمما ھەر ئېھتىمالغا قارشى تەييارلىق بولۇش كېرەك، بۇنداق تەييارلىقلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭىيىشىنى چەكلەشتە ئەڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان چارە، چۈنكى بىر رايوندا بىردىن كۆپ دۆلەتنىڭ بىر قائىدىگە رىئايە قىلىشى بىر غايەت زور كۈچ دەپ كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ، خىتايلار ئۆزلىرى ھازىر كۆتۈرۈپ چىققان «ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى قىلىپ كۆرسەتكەن.

خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى كامبېرىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىمۇ، خىتايلار ئۆزلىرى ھازىر كۆتۈرۈپ چىققان «ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايچە گېزىتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى كامبېرى قىلغان سۆزلىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەڭ تەۋرەنمەس ئاساسى-بۇ رايوندا دېموكراتىيىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاش، خەلقنىڭ دىنىي ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى قانات يايدۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئىتى دېگەن مۇشۇ، ئاسىيادا 21-ئەسىردە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش دەل مۇشۇ سەھنىدە نامايان قىلىنىدۇ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ رايونغا قوشىدىغان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى بولۇپ قالىدۇ، دېگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارى ئىقتىدارىنى دەل مۇشۇ سەھنىدە تەپسىلىي نامايان قىلىدۇ، دېگەن.