بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئانا تىل ھەققىدە ئېيتقانلىرى

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە، "قوش تىل مائارىپى" نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىدارە - مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

0:00 / 0:00

ۋەتىنىم تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان " تىلغا تىغ سالغان ئۆزىمىز " ناملىق ماقالە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىش مۇمكىن.

ماقالىدە ئاپتور 20 يىللىق تەرجىمانلىق خىزمىتى جەريانىدا، ئۆزى ئۇچراتقان ئۇيغۇر پېشقەدەملىرى، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرلىرى، دىنىي زاتلار، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، خەلق ۋەكىللىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى بەزى ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇچراۋاتقان پاجىئەلىرىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشقان.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ، "مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە، مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلىشقا ھوقۇق بېرىلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە ئۇيغۇر ئەزالار بار. مەن ئۇلارنىڭ چوڭ يىغىنلاردا، گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا سۆزگە چىقىپ پىكىر بايان قىلغاندا بىرەرسىنىڭمۇ ئانا تىلدا سۆزلىگىنىنى ئۇچراتمىدىم، ئۇلارنىڭ قولاشمىغان ناھايىتى قاتتىق خەنزۇچە تەلەپپۇزى بەزىلەرگە خۇش ياقمىسا، بەزىلەرنى كۆلدۈرۈۋىتەتتى."

ئاپتور يەنە، تىبەت ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :" ئەمما تىبەت خەلقىدىن بولغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەرگىز بىزنىڭكىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئانا تىلىدا سۆزلەيدۇ، تەرجىمانلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ."

ئاپتور ئۇيغۇر كادىرلىرىغا مەخسۇس تەرجىمان ئاجرىتىپ بېرىلگەن تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ يەنىلا قىينىلىپ تۇرۇپ خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

" ئۇلارغا خىل تەرجىمانلار سەپلەپ بېرىلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە شۇنداق قولاشمىغان تەلەپپۇزىنى كۆز - كۆز قىلىپ، خۇددى شۇ تىلدا سۆزلىمىسە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغاندەك تەخىرسىز قىياپەتتە خەنزۇچە سۆزلەيدۇ. شۇغىنىسى قىززىقكى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ياكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇلارنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشكە قىستىمايدۇ، ئەكسىچە يىغىن ئۈچۈن 42 تەرجىمان ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئانا تىلىدا ئۆز جايىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشنى، بۇ ھەقتە پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىي تەكلىپلەرنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئۇنتۇپ، قولاشمىغان خەنزۇچە تەلەپپۇزىنى كۆز - كۆز قىلىشىدۇ. ئاشۇ ئەزالىرىمىز ( ۋەكىللىرىمىز ) ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىشىپمۇ باقمايدۇ. دېمەك، تىلىمىزغا تىغ ئۇرۇۋاتقانلار ئۆزىمىز بولماي كىم ؟ بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك سالمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق ساناپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقاندىكىن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، پارتكوم، ھۆكۈمەت، ' ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىل بولغان بۇ يولداشلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن قارىغاندا پۈتكۈل خەلق مۇشۇنداق ئويدا ئوخشايدۇ ' دەپ ئويلاپ، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئېھتىياجنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان ... "

ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار ئارىسىدا بەس - مۇنازىرىلەر قوزغىغان بولۇپ، باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرى بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ ئۆز تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان.

بىز ئىزدەش ئارقىلىق ماقالىنىڭ ئەسلى ئاپتورى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، شۇنداقلا ماقالە ئاپتورى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، كەڭ ئاممىغا سۇندى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى تەشەببۇس قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىر قىممىتىنى سۆزلەش، قانداق قىلغاندا ئانا تىلنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش، تەدبىر ئېلىش كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك قوزغالغان بولۇپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئۇچرىتىش مۇمكىن.