ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى قانداق شەرت ئاستىدا كاپالەندۈرۈلىدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلى ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ئاياللار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش مەسىلىلىرىگە دائىر دېلولار يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان خېلى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ ئايال ۋە بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىش مەسىلىلىرى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئايال ۋە نارسىدىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە چىقىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 23-ۋە 24-ئىيۇل كۈنلىرى ئېچىلغان، ئاياللار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر خىزمىتى خۇلاسە يىغىنىدا، 2001-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، ئائىلىۋى ۋە جىسمانىي قاتارلىق ئالتە ساھە بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر خىزمەت ۋە مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ تەمىنلىگەن دوكلاتىغا قارىغاندا، 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن، ئايال ۋە قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ھەق-ھوقوقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش دېلولىرى 11599قېتىم يۈز بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ھوقوقىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچراش دېلوسى 917 گە يېتىدىكەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئون يىلدا ئادەم بېدىكلىرى ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلگەن ۋە سېتىۋېتىلگەن ئايال ۋە بالىلاردىن 4305 نەپەرنى قۇتقۇزغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى 21 مىليون 813 مىڭدىن ئاشقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە قورامىغا يەتمىگەنلەر 7 مىليون 110 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر ئۈچ نوپۇسىنىڭ بىرىنى قورامىغا يەتمىگەن دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللار ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا قارىتىلغان ھەر ساھە خىزمەتلىرىنىڭ تەڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشى زۆرۈرلۈكىدىن بېشارەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە ئايال ھەم بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 10 يىل خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، ئايال ۋە بالىلارغا ئۇيغۇر رايونىدا ئىززەتلىك، مۇقىم، ساغلام ۋە مەدەنىي ياشاش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىندى دېيىلگەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە پۈتۈنلەي باشقىچە باھا بېرىدۇ،بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلارنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىدا بېكىتىلگەن ھوقۇق مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قالغاندىن باشقا، ئىنسانىي ھەق-ھوقوقلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى شەرھلىدى:

مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندىدىن زۇبەيرە خانىم بولسا، ئۇيغۇر ئاياللار، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ۋە ئائىلىۋى ئورنى جەھەتتىن چۈشەندۈرگەندە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك، جىسمانىي جەھەتتىن قوغدىنىش ھەق-ھوقوقىغىمۇ ئىگە بولمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مىسالىنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ «ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى بولماقتا» دېدى.