رۇسىيە ئانالىزچىلىرى: مەركىزىي ئاسىيادا «ئەرەب باھارى» نىڭ تەكرارلىنىشى مۇمكىنمۇ؟

ئەرەب مەملىكەتلىرىدە يۈز بەرگەن «ئىنقىلابىي» ھەرىكەتلەر پۈتكۈل يېقىن شەرقتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەرتكەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.11.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
suriye-namayish-jeset-305.jpg سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 8-ماي.
AFP

بۇنىڭ تەسىرى سۈرىيىدە ئەكس ئېتىلىپ، ئەمدى ئۇنىڭ ساداسىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا داۋاملىشىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر شەكىللەنمەكتە. دۇنيا ئانالىزچىلىرى مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشىنى ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئېلىپ كېتىلىشى بىلەن باغلاشتۇرماقتا. بۇ مەسىلىنىڭ بولۇپمۇ رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ دائىمىي مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلانغانلىقى دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەتكەسچىلىك، دىنىي رادىكالىزم ۋە تېررورچى كۈچلەرنىڭ پايدىسىغا ئۆزگىرىشى قوشنا رۇسىيىنى بىئارام قىلماقتا.

«ستولېتىيې رۇ» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئالېساندىر شۇستوفنىڭ «مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەرەب باھارى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىن بولغان پىلانى» ناملىق ماقالىدە ناتو ۋە ئا ق ش ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋقەسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىلدۈرۈشلىرى ئورۇن ئالغان. ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىنى ئالېكسېي بوروداۋكىن دۆلەت دۇماسىنىڭ مەجلىسىدە سۆزگە چىقىپ، ناتو ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئا ق ش نىڭ بۇ يەردىكى ھەربىي تەسىرىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئافغانىستاندا تېررورچىلىققا قارشى ئوپېراتسىيە تاماملانغاندا ھەم ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى مەملىكەتتىن چىقىپ كەتكەندە ۋە ئۇلارنى تەمىنلەش ھاجەتلىكى كېرەكسىز بولغاندا، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاسىيادىن كېتىشى ھاجەت. بىز ئۆز تەلىپىمىزدە تۇرىمىز.» ئا. شۇستوف ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ۋە مەركىزىي ئاسىيادىن تولۇق چىقىرىلىشىنى رۇسىيىنىڭ تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، ئىلگىرى ئا ق ش نىڭ بۇ رايوندىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە رۇس سىياسەتچىلىرى پات-پاتلا بىلدۈرگەن بولسا، ئەمما ئاخىرقى بىر يىل مابەينىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئا. شۇستوف رۇسىيە مەۋقەسىنىڭ مۇنداق تېز ئۆزگىرىشىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئا ق ش ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن باغلاشتۇرغان ھەم پات يېقىندا ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ماناستىن ئۆزبېكىستاننىڭ قارشى-خانئاباد رايونىغا يۆتكىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە ۋاشىنگتون ۋە تاشكەنت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقى، تاشكەنتكە قورال سېتىشقا بەلگىلەنگەن چەكلىمىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغانلىقى، رۇسىيىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدا ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىلىك دەۋاسى قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلغان ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ تەشكىلات پائالىيىتىدىن چەتنەۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ماقالە ئاپتورى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەۋقەسىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «رۇسىيە ئا ق ش نىڭ ئافغانىستاندا بولۇشىنى تالىباندىن قوغداش ئامىلى دەپ مۇتلەق ھېسابلىمايدۇ. ئون يىل مابەينىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «يېڭىلمەس ئەركىنلىك» ئوپېراتسىيىسىنىڭ ئا ق ش نىڭ ئافغانىستاندا ئەكسىچە مۇقىمسىزلاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.» بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى سۈپىتىدە ئا. شۇستوف ئافغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ھەسسىلەپ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ھەم ئا ق ش ۋە ناتونىڭ بۇنىڭ بىلەن كۈرىشىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئاساسەن تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا قىرغىزىستاندا ئېتنىكلار ئارا توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مانا شۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالە ئاپتورى قازاقىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە ئىسلام رادىكالچىلىرىنىڭ ئاكتىپلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، غەربىي قازاقىستاندا ھەربىي ئوپېراتسىيە نەتىجىسىدە سەلافىتلار جامائەسى يوقىتىلغان. شۇنداقلا ئانالىزچىلارنىڭ پىكرىچە، قازاقىستانغا دىنىي رادىكالىزم چېگرىداش رۇسىيىنىڭ شىمالىي كاۋكاز رايونىدىن كىرگەن، ئەمما بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر قازاقىستان جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىيىش ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە. بولۇپمۇ مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسمىدا ئىسلامنىڭ رادىكال يۆنىلىشىگە بولغان قىزىقىش ئۆسمەكتە.

ئا. شۇستوف شۇنداقلا قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاھالىسى، يېرى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن رايوندىكى ئىككى ئەڭ چوڭ مەملىكەتلەر ھېسابلانغان قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستان ئالدىدا - كېلەچەكتە مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالمىشىش مەسىلىسى تۇرماقتا. تۈركمەنىستان تەجرىبىسى كۆرسەتكەندەك، بۇ جەريان ئىچكى كۈچلەرنىڭ كۈرىشى بىلەنلا چەكلىنىپ خاتىرجەم ئۆتىدۇ، مۇمكىن تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكىگە ئوخشاش قاتتىق توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا بىر-بىرىگە قارشى قەبىلە ۋە رايونلار سۆزسىز جەلپ قىلىنىدۇ.» ئانالىزچى ھەر قانداق كۈچلۈك توقۇنۇشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتنىك-مىللىي ۋە دىنىي ئېتىقادلارنىڭ مۇنداق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىش جەريانلىرىغا قوشۇمچە خەۋپ تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتكە باھا بېرىشتە بۇنى ھېسابقا ئالماسلىققا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.