كەلگۈسىدىكى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى

1962-يىلى يۈز بەرگەن خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى ۋە ھەرساھە ۋەزىيىتىگە ئائىت مۇلاھىزىلەر غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.10.17
hindistan-bash-ministiri-manmuxan-singk-xu-305.jpg ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان سىڭك خىتاينى زىيارەت قىلدى. 2011-يىلى 13-ئاپرېل.
AFP

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 13-14-ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك 20 پارچىدىن ئارتۇق سىياسىي ئانالىز، ئەسلىمە ۋە ۋىدىئو زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇلاردا، 1962-يىلى خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئەسلەپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك تەرەپلىرى مۇلاھىزە قىلىندى ھەمدە خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ كەلگۈسىدە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزىسىدىن قاتتىق تىركىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۆۋەندە ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1962-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش رايونىغا تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلغان. خىتاي ئىشغالىدىكى تىبەت چېگراسىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاۋاڭ دېگەن جايدا يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇشقا خىتاي ئارمىيىسى تەركىبىدە ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىر گۇرۇپپا ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان. بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىسمائىل مەمەت ئىسىملىك بىر كىشى «ئۇرۇش قەھرىمانى» ئاتىلىپ، تاكى 1977-يىللىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

بايان قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپتىن 2 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ئۇرۇش 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى نەق بىر ئايدىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سوغۇق ئۇرۇش ھازىرغا قەدەر يوشۇرۇن داۋاملاشماقتا. خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشى يۈز بەرگەن بۇ جاي تىبەتنىڭ غەربىي قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە زېمىن دەۋاسى قىلماقتا. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا ئاران 10 مىڭ نوپۇسى بولغان، تاۋاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا ئۇرۇشتىن كېيىن ھەربىي ئىنستىتۇت قۇرۇپ، 180 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى كۈچىنى يۇقىرى ماھارەتتە تەربىيىلەشنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەينى چاغدا، خىتاي ئارمىيىسى ھىندىستان ئارمىيىسىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق كۈچ بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ھىندىستان تەرەپ بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ زېمىن دەۋاسى قىلىۋاتقان بۇ زېمىننى شۇ چاغدا قولىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ، بېسىۋالغان زېمىندىن چىقىپ كەتكەن. ئەگەر بۇ زېمىن ھەقىقەتەن خىتاي زېمىنى بولسا، خىتاي نېمە ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈپ بولغان غەلىبىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر قايىل قىلارلىق بىر يەكۈن يوق. ھىندىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزى ئالدىدا ئاجىز كەلگەنلىكتىن ئىبارەت بۇ ھاقارەتنى قوبۇل قىلالماي، شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر نېھرونى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ ۋەقە ھىندىستان تارىخىدىكى بىر نومۇسلۇق داغ سانىلىپ، دەرسلىك كىتابلارغا قەدەر كىرگۈزۈلگەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئوخشاش تەرىپى: ھەر ئىككىسى نوپۇسى 1 مىلياردتىن ئارتۇق چوڭ دۆلەت. پەرقى بولسا: ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت، مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىغا، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە. خىتاي بولسا كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇستەبىت دۆلەت. خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىر. گېرمانىيىلىك سىياسىيون ئېبېرخارد ئەپەندىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، تېخى مۇقىم بېكىتىلمىگەن چېگرا ماجىراسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئوت پىلتىسى. دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاندا بۆلىشىمۇ نازۇك بىر مەسىلە. بۇ ئىككى مەسىلىگە قوشۇلۇپ ھازىر ئۈچىنچى بىر مەسىلىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇ بولسىمۇ، بىراخماپۇترا دەرياسى. بۇ دەريانىڭ سۈيىنى تالىشىش كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، تىبەتتىن ئۆتىدىغان بۇ دەريانىڭ سۈيىگە ھىندىستان ۋە بېنگالنىڭ نۇرغۇن زېمىنى قاراشلىق. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، كىلىماتتىكى ئۆزگىرىش سۇ مەنبەلىرىنى بارغانسېرى قۇرۇتۇپ بارماقتا. خىتاي ئۆزىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى قۇرغاقچىلىقنى مۇشۇ سۇ بىلەن ھەل قىلىشنىڭ كويىدا. بۇ سۇ كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنى ماجىراغا سۆرەپ كىرىدۇ. يېڭى دېھلى دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزىدىكى خىتايشۇناس جاگارنات پاندانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى مەسىلە ئىككى دۆلەتنىڭ رايون ۋە خەلقئارادىكى رىقابىتى مەسىلىسى ئەمەس، چېگرا مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى يەنە 5-10 يىلدا پەيدا بولىدىغان سۇ ماجىراسى مەسىلىسىدۇر.

بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي سىياسىيون گۇ شۆۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاننى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋېلىشى ۋە ھىندىستانغا يېقىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى نېفىتلارغا كۆز ئالايتىشى ھىندىستاننى سەزگۈرلەشتۈرمەكتە. تېخىمۇ مۇھىمى، ھەم خىتاي، ھەم ھىندىستاندا مىللەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچىيىپ بارماقتا. خىتاي پاكىستاننىڭ دېڭىز پورتىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، پارس قولتۇقىغا قەدەر كېلىش شارائىتىنى ياراتقاندىن كېيىن، ھىندىستان پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنى خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

يېڭى دېھلى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئىلمى پروفېسسورى سۇژىت دۇتتا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئافرىقا ئەللىرىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە. خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئافرىقا ئەللىرىگە سالغان مەبلىغى 16 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئاران 6 مىليارد دوللار. 2015-يىلى 9 مىلياردقا چىقارماقچى. ھىندىستان ب د ت غا دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھىمايىسىگە موھتاج بولماقتا. ئەمما خىتاي بۇنى خالىمايدۇ. ھىندىستان يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراق ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت.

تارىختا 1835-يىلىدىن باشلاپ، ئاسىيا قىتئەسى ئەنگلىيە ۋە رۇسىيىنىڭ تەسىر دائىرە تالىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان. ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال قاتارلىق كۆپلىگەن جايلار ئەنگلىيە ئىشغالىغا ئۆتكەن. بۇ چاغدا ئارىلىقتا قالغان تىبەت، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەنگلىيىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئۆتكەن. 1912-يىلى جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى تىبەتكە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلغاندىن كېيىن، 1913-يىلى تىبەت مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئەنگلىيە تەرەپ 1914-يىلى سىملا يىغىنىنى چاقىرغان. خىتاي ۋە تىبەت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى تاشقى ئىشلار ۋەكىلى مەكماخۇن ئەنگلىيە ئىشغالىدىكى زېمىن بىلەن خىتاي زېمىنى ئارىسىغا بىر سىزىق سىزىپ، ئوتتۇرىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ۋاقتىنچە ھەل قىلغان. بۇ پاسىل تارىختا «مېكماخۇن سىزىقى » دەپ ئاتالغان. 1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولدى. 1962-يىلى خىتاي تاجاۋۇز قىلغان ئارۇناچال پرادېش بولسا ھىندىستانغا تەۋە ئىدى. خىتاي بۇ جاينى «تىبەتنىڭ جەنۇبى دەپ ئاتاپ، ھىندىستاندىن قايتۇرۇۋېلىشنىڭ خىيالىدا يۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.