كاننون چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە زىيارەتتە بولدى. ئۇ يەنە بېيجىڭ دىپلوماتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە لىكسىيە سۆزلىدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
كانادا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتىدە،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ كۆرۈشۈشتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كانادا باش مىنىستىرى ستېپھەن ھارپەرنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تەكلىپىنى لاۋرېنكې كاننونغا يەتكۈزدى.
كانادا - خىتاي سىياسى مۇناسىۋەتلىرى ئۈچ يىلدىن بېرى بىر قەدەر سوغۇق بولۇپ كەلگەنىدى. چۈنكى ستېپھېن ھارپەر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن،خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئوغىسىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى بۇ قاتمال ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنكې كاننون خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن كېيىن، كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،سۆھبەتلەرنىڭ دوستانە ۋە سەمىمىي ئۆتكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئورتاق قاراشقا كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نازۇك بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كەڭ - كۇشادە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ قايتىدىن ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
كاننون سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ، خىتاينى بىئارام قىلمايدىغان شەكىلدە باشقا نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇرۇنقى مىخانىزىملاردا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى 97 - يىلىدىن باشلاپ،خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان،ئەمما ھېچبىر ئۈنۈمى بولمىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى 2006 - يىلى توختىتىپ قويغانىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا،ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادى كرىزىس،تېررورلۇق،يەر شارىنىڭ ئىسسىپ بېرىشى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەر قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ يوقىرىقى مەسىللەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا،تېررورچىلىق دىگەن ئاتالغۇنى قىستۇرۇشقا ئالاھىدە قىزىقىدۇ ۋە شۇنداقلا چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنىدۇ.
كانادا مەتبۇئاتلىرى،خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ لاۋرېنكې كاننوننى قوبۇل قىلىشىنى خىتاينىڭ كانادا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش نىيىتىنىڭ بىشارىتى دەپ قارىماقتا. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان كانادانىڭ مىنىستىرلىرى ئۇنىڭدەك يوقىرى دەرىجىلىك قوبۇل قىلىشقا ئېرىشەلمىگەنىدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرى يەنە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن لاۋرېنكې كاننوننىڭ ۋانكوۋېردە ئۆتكۈزىلىدىغان 2010 - يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن كېلەر يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىكى بىر پۇرسەت دەپ ئاتىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى،كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاخىرى تىز پۈككەنلىكىنى،ئىقتىسادى كرىزىس ۋە ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ قوللاش نىسپىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى بولغان ستېپھېن ھارپەر ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ستېپھېن ھارپەر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋىتى خىتايپەرەس لىبېرال پارتىيىسى ۋە سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنكې كاننون زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە شاڭخەيدە،كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خىتايدا ئىلگىرىلەشنىڭ بولغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپەر ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا "خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۈچۈن كانادا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بولغان دېموكراتىيە،ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدۇ " دېگەن ئىدى.
گەرچە كاننون خىتاي بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋەتتە دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئوخشاش كانادانىڭ قىممەت قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىدىغان، لىبېرال پارتىيىسى دەۋرىدىكى جىمجىتلىق دىپلوماتىيىسىگە قايتىدىغاندەك قىلىدۇ.