ئۇيغۇرلارنىڭ ليۇ شاۋبونىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق چوڭ ۋەقە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى، خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن زور ۋەقەلەردىن بىرىدۇر.

0:00 / 0:00

بىرقانچە كۈندىن بېرىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تورلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلىرىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، 2010 ‏ - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى دەل جايىغا بېرىلمىدى دەپ قارايدۇ.

كانادادا ياشاۋاتقان تۇيغۇنجان ئەپەندى بولسا، ئەسلىدە بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە خانىمغا بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى، ئەمما نېمىلا بولسا بولسۇن، خىتايدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى شەخسكە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، مۇكاپات خەۋىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا دېموكراتىيىنى ئادالەت ۋە تىنچلىق ئۈچۈن تەشەببۇس قىلىۋاتقانلار بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، پەقەتلا خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشى، ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيمىچىلىك قىلىشى ئۈچۈن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلار بار. ليۇ شاۋبو مانا بۇ ئىككىنچى خىلدىكى دېموكراتچىلاردىندۇر.

تۇيغۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نوبىل كومىتېتى مۇكاپاتنى ليۇ شاۋبوغا بېرىشتە، يالغۇز ليۇ شاۋبونىڭ لاياقىتىنىلا كۆزدە تۇتقان ئەمەس. ئەگەر لاياقىتىگە قاراپ بېرىلسە، شەك - شۈبھىسىز ھالدا، مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن بولاتتى، بۇ يەردە نوبىل كومىتېتى، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ليۇ شاۋبونىڭ نوبىلغا ئېرىشكەنلىكىگە تور بەتتە پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن بىرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ھەسەنجان ئەپەندىدۇر. ئۇ خىتايچە بوشۈن تۈر بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر شەرقى تۈركىستانلىق ۋە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ليۇ شاۋبونىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىدىن خۇش بولدۇم. چۈنكى مەن بۇ مۇكاپات خىتاينىڭ تېزراق دېموكراتىيىلىشىشىگە، خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن ياشاش ئىمكانىغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ بۇ نۇقتىدىكى سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: چۈنكى ئۆزلىرى قۇللۇقتىن قۇتۇلمىغان بىر خەلقتىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىش بىھۇدە بىر ئۈمىدتۇر."

ئىلشات ئەپەندىمۇ، ليۇ شاۋبونىڭ ساپ بىر دېموكراتچى ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى ليۇ شاۋبو 2008 ‏ - يىلىدىكى دېموكراتىيە خىتابنامىسىدە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە يۈزەكىلا توختالغان. دىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئاشكارا قوللىيالمىغان بىر دېموكراتچىنى ساپ دېموكراتچى دېيىش مۇمكىن ئەمەس.

ئىلشات ئەپەندى بۇ نۇقتىدا مۇنداق دەيدۇ: "نېمىلا بولسا بولسۇن، ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەن مۇكاپات خىتاي كومپارتىيىسىگە بېرىلگەن بىر زەربىدۇر، خىتاي مەۋجۇت ھاكىمىيىتىگە بېرىلگەن زەربە كىم تەرىپىدىن ۋە نېمە سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن ئۇنى ئالقىشلايمەن."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.