«مىللىي ۋە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىش ھەققىدە»

يېقىندىن بېرى خىتاي زىيالىيلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مىللىي سىياسەت، ئاپتونومىيە، فېدېراتسىيە ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.07.26
alimjan-inayet-305.jpg تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

بۇ كىشىلەر بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن كېيىنكى ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ بۇنىڭغا بولغان ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرۇن سەسى يەنى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلغان «مىللىي ۋە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىش ھەققىد» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي زىيالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان فېدېراتسىيە ئاپتونومىيە مەسىلىسىنىڭ مۇنازىرە تېمىسى ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى ، بۇ يىل بەشىنچى ئايدا ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى» يىغىنىنىڭ قارارىدا «ئاپتونومىيە تىلغا ئېلىنمايدۇ» دېيىلدى. شۇڭا خىتاي زىيالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان فېدېراتسىيە، ئاپتونومىيە مەسىلىسى بىز ئۈچۈن مۇنازىرە تېمىسى بولالمايدۇ. لېكىن خىتاي دېموكراتلىرى، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي سىياسەت ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان كۆز قاراشلارنى نەزەرىيە ۋە سىياسەت بىلىم جەھەتتىن ئانالىز قىلىپ ئۆتۈش زىيانلىق ئەمەس.

بوشۇن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، مىللىي ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىپ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش، ئەگەر كەلگۈسىدە فېدېراتسىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولسا، بۇنى پەقەت تەيۋەن ئۈچۈنلا يولغا قويۇپ باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ئاپتونومىيە بىلەن چەكلىنىش كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ كۆز قاراشلار ما رۇڭنىڭ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپى بىلەن شەكىل جەھەتتىن قارىمۇ-قارشى بولسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن كۆپ پەرقلىق ئەمەس.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ماقالىسىدە مىللىي ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىپ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن ھەق-ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
مىللىي ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىپ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى كۆز قاراش، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ بىر ئېتنىك مىللەتكە ئەمەس، تېررىتورىيىلىك رايونغا بېرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئۇ رايوندا قايسى مىللەت كۆپچىلىكنى ئىگىلىسە، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى شۇ مىللەتنىڭ يۈرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۆز قاراشتۇر. بۇ كۆز قاراش بويىچە، ھازىر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامدا مىللىي ئاپتونومىيە يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان مىللىي ئاپتونومىيە تەكىتلەنگەن. ئەگەر مىللىي ئاپتونومىيە بىكار قىلىنىپ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامنى ئۆزگەرتىپ پەقەتلا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ ۋە ئۇ چاغدا خىتاي نوپۇسى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەندە ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەبىئىي ھالدا خىتايلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ تېگىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان، سۆزدە بولسىمۇ بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلارنى قايتۇرۇۋالىدىغان مىللەتچى، ئىرقچى، فاشىست يامان نىيەت يوشۇرۇنغان.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ماقالىسىدە خىتايلارنىڭ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش كۆز قارىشىنىڭ خىتاينىڭ ئەسلى نىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا كەلسەك، بۇ ئىرقچى، مىللەتچى بىر كۆز قاراش. بۇ ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پوزىتسىيىدىنمۇ ھالقىپ ئۆتكەن فاشست بىر پوزىتسىيە. چۈنكى بۇ، خىتايدىكى باشقا مىللەتلەر ئۆزىنى باشقۇرۇش ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس، بۇنىڭغا لايىق ئەمەس دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كاللىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۇ ئەينى زاماندا يەنە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يەتكەن يېڭى پەللىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ماڭىدىغان يولىنى ئۆزى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم. مىللەتلەرنىڭ ئۆزى ماڭىدىغان يولىنى ئۆزى تاللىشى توغرىسىدىكى كۆز قاراش مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دېگەن پرىنسىپقا ئۇيغۇن، رېئالىست ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمى ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان كۆز قاراش. بۇ كۆز قاراشنى قوللاشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خىتايدىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىقنى ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئەركىن ئىرادىسى بويىچە بەلگىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەغدىرىنى بىر قانچە كىشى ياكى بىر سىياسىي پارتىيە ۋە ياكى باشقا بىر مىللەت بەلگىلەپ بەرمەسلىكى لازىم. چۈنكى ھاكىمىيەت قەدىمكى كۆز قاراش بويىچە تەڭرىدىن ياكى ئىلاھى كۈچلەردىن ئەمەس، خەلقنىڭ ئىرادىسى، يەنى خەلقنىڭ ئورتاق قارارىدىن كېلىدۇ. خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئورتاق قارارىغا تايانمىغان ھاكىمىيەت قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئەمەس، قانۇنسىز ھاكىمىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ مەنىدە قانۇنسىز ھاكىمىيەتتۇر.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ماقالىسىدە مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى بېرىلىشى، مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىقنى ئۆز ئەركىن ئىرادىسى ئارقىلىق بەلگىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلار خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەر. بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئىچكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىچكى دىنامىك ئامىللىرى خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. چۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇرۇن كوممۇنىستىك تەشۋىقات، قوراللىق كۈچ ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىق خىتاينى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرالىغان ئىدى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاينى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىدىيە قالمايدۇ، مەتبۇئائات ئەركىنلىكى ھوقۇقى سىياسىي تەشۋىقاتنى ئۆز كۈچىدىن ئايرىپ تاشلايدۇ، ئىنسان ھەق-ھوقۇقى سەزگۈرلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، پۇل-مەنپەئەت ئىدېئو لوگىيىنىڭ ئورنىنى ئالغاچقا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېقىندۇرۇشمۇ ئاسان بولمايدۇ. خىتاي ھەممىنى بىكار قىلىپ كەينىگە يانالمايدۇ، غەرب دېموكراتىيىسى چۈشەنچىسى ۋە دېموكراتىيە مەدەنىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدە دېموكراتىيە تۈزۈمىگىمۇ ئۆتەلمەيدۇ، مىللەتچىلىك فاشىستلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمۇ مۇمكۈن ئەمەس. شۇڭا خىتاينىڭ ئالدىدا نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئۈچ يول قالدى. 1-ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگە قايتىش، 2-دېموكراتىيە تۈزۈمىگە ئۆتۈش، 3-مىللەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش ۋاسىتىسى قىلىش. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينى ئىشەنچلىك بىر يولغا ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ كېلەچىكى پارلاق ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىپ قېلىشى خىتاي كوممۇنىستلىرىىنىڭ 60 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىىتى. يەنى بۈگۈنكى نەتىجىنىڭ سەۋەبى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 60 يىللىق خاتا سىياسىتى. سەۋەبنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، نەتىجىنى ئۆزگەرتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مەيلى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلسۇن، مەيلى مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلسۇن ياكى باشقا بىر تۈزۈمگە ئۆتسۇن، نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. مەنچە خىتاي زىيالىيلىرى بولسۇن ياكى خىتاي كوممۇنىستلىرى بولسۇن، ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، بۇ خاتالىقلارنىڭ نەتىجىسىنىمۇ سەمىمىي بىر شەكىلدە قوبۇل قىلىش كېرەك. مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى بېرىشى كېرەك. مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىقنى ئۆز ئەركىن ئىرادىسى ئارقىلىق بەلگىلىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.