مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

مىسىردا ئەينى ۋاقىتتا ئىككى خىل نامايىش يۈز بەرمەكتە. بىرى مىسىر پرېزىدېنتى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرىمىز دەيدىغانلار نىڭ، يەنە بىرى ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلارنىڭ نامايىشىدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.11.29
misir-namayish-mursi-qanuni-305.jpg ئون مىڭلىغان نامايىشچىلار مىسىرنىڭ چوڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئېلان قىلغان قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى. 2012-يىلى 27-نويابىر.
AFP

چۈنكى مىسىردا يېڭى دۆلەت قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن كۆپلىگەن سولچى پارتىيىلەرگە ۋە سابىق رەئىس مۇبارەكنىڭ دەۋرىدە ھاكىمىيەتتە تۇرغانلارنىڭ يانداشلىرىغا ياقمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىسىردا ھۆكۈمەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. ئەمما بۇلار مۇرسىنى قوللايدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېسابقا قاتمىغان. نەتىجىدە، مۇرسىنى قوللاپ نامايىش قىلغانلارنىڭ سانى ئۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلغانلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولۇپ كېتىپ، نەتىجە ئۇلار كۈتكەندەك چىقماستىن، ئەكسىچە، خەلقنىڭ مۇرسى ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچى ئاشقان.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 26-نويابىر سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىدنىڭ قەلىمى بىلەن «مىسىردىكى كرىزىس» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ يېڭى دۆلەت قانۇنىنى ئېلان قىلىشى مىسىردا ۋەقە تۇغدۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۇپ ياتقان سولچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئەمما ئۇلار ھەممىسى ئويلاپ باقمىغان بىر كۈچ تەرىپىدىن يېڭىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان نامايىشى زىيىنىغا بولۇپ چىقتى. بۇ كۈچ مىسىر خەلقىنىڭ كۈچى ئىدى. چۈنكى مۇرسىنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققۇچىلار ئاساسەن سولچىلار، مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە مۇرسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان كاپىتالىستلاردۇر. ئەمما خەلق ئومۇمەن مۇرسى ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ. دوكتور مۇرسى ناھايىتى ئاقىلانە سىياسەت قوللانغان بولۇپ، تۇنجى قارارىدا سابىق رەئىس مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى جازالاش ۋە دېموكراتىيىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى سۆزلىگەن ئىدى. بۇ قارار 25-يانۋار نامايىشىغا قاتناشقانلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار ئۈچۈن ماتەم بولسا، مىسىردىكى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بايرام بولغان ئىدى. ئاخىرىدا سولچىلار، مۇبارەك يانداشلىرى ۋە كاپىتالىستلار بىرلىشىپ مۇرسى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار غەلىبە قىلالمىدى ۋە نۆۋەتتىكى جەڭدە يېڭىلدى.»

مىسىر تۈزەلسە ئەرەب دۆلەتلىرى تۈزىلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 27-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا «مىسىر تۈزەلسە ئەرەب دۆلەتلىرى تۈزىلىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىر ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك دۆلەت. ئەرەبلەرنىڭ ئەھۋالى تۈزەلسىمۇ مىسىردىن تۈزۈلىدۇ، بۇزۇلسىمۇ مىسىردىن بۇزۇلىدۇ. ئەرەب باھارىنى نەتىجىسىز قالدۇرماقچى بولغانلار بۇنى ياخشى بىلگەنلىكتىن، مىسىرغا كۆپرەك خىرىس قىلماقتا. ئەمما مىسىر ھۆكۈمىتى ھەممە ئىشنى ھېكمەت ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن ئېلىپ بارماقتا. مىسىردىكى تالاش-تارتىش يالغۇز مىسىرنىڭلا مۇشكىلىسى بولۇپ قالماستىن، پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ مۇشكىلىسى بولماقتا. چۈنكى مىسىردا دېموكراتىك مۇسۇلمان دۆلىتى داۋام قىلماقتا. بۇنى بۇرمىلاپ خەلقنى قوزغىماقچى بولغانلار مۇرسىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئىران ھۆكۈمىتىگە ئوخشىتىپ خەلقنى ئۇنىڭدىن سوۋۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرقى بار. ئىراندىكىسى دىن دۆلىتى، ئەمما مىسىردىكىسى دېموكراتىك مۇسۇلمان دۆلىتى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.