خاۋ چۈننىڭ تەخەللۇسى مو رۇڭ شۆسۈن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، چىرىكلىك، ھۆكۈمەت ۋە سودا، تىجارەت ئارىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەتلەر، زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە پەيدا قىلغان ھاڭلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا يازغان «چېڭدۇ، بۇ كېچە مېنى ئاۋارە قىلما»، «چۈشىدە ئۆلۈش» دېگەندەك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ خىتايدىكى ۋېيبو تور بېتىدە 1 مىليوندىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسى بار.
ئۇنىڭ يېقىندا ۋېيبو تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەتىسى تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ماقالىسى ئەسلىدە ئۇنىڭ خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن نۇتقى بولۇپ، بۇ ماقالە چەتئەللەردىكى تور بەتلەردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
خاۋ چۈننىڭ «كۈزدىكى سۇ ۋە بىپايان ئاسمان» ناملىق ماقالىسى مۇنداق دەپ باشلانغان:
خىتايدا ياشاشنىڭ مۇنداق ئوچۇق بىر ئارتۇقچىلىقى بار. خىتايدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن ئوڭاي. نەزەرىيىدە بىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىمىز بار. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەۋجۇت ئەمەس. نەزەرىيىدە بىزنىڭ كىرىمىمىز ھەر كۈنى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە تالاغا چىقسىڭىز، ئازراق گۆش ئېلىشقا چىقىش قىلالمايسىز. نەزەرىيىدە بىز بىر قانچە تاغنى ئۆرۈۋەتتۇق، ئەمما ئەمەلىيەتتە بىز چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتىپ بارىمىز. نەزەرىيىدە سىز دۆلەتنىڭ خوجايىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە سىز كىشەنلەنگەن.
دەرسلىك كىتابلاردا بىر جەمئىيەت ئىدارە قىلغۇچىلار ۋە قىلىنغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا بۆلىنىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، خىتايدا ئومۇمىي سانى 50 مىليوندىن ئاشىدىغان كىچىك-چوڭ ئەمەلدارلار بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلغۇچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ خىزمىتى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مائاش ئالىدىغان خىزمەت. بىر ناھىيىنىڭ باشلىقى ئون مىليون يۈەن يىغالايدۇ. بىر ئۆلكە باشلىقى نەچچە يۈز مىليون يۈەن يىغالايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باشلىقلارنىڭ يىغىۋالغان مال-دۇنياسىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق.
زامانىۋى جۇڭگو دېگەن غەلىتە بىر دۇنيا. ھەر كۈنى يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي قالىدىغان تراگېدىيە ۋە ئەجەبلىنەرلىك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرى، بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان بوۋاقلار، پويىز ۋەقەلىرى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، مەجبۇرىي ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن چېقىۋېتىلگەن ئۆيلەر، پارىخورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىدۇ. خىتايدا ۋىجدان مەھبۇسلىرى «مۆكۈشمەك ئويناۋېتىپ» ياكى بولمىسا «قايناقسۇنى قىزىق ئىچىۋېتىپ» ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كېيىنكى يىللاردا يۇقىرىدەك ئىشلار تۈگەپ قالمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. پۈتۈن بۇلارنىڭ بىرلا سەۋەبى بار-ئۇ بولسىمۇ، ھەممىگە قادىر، بەڭۋاش، كونترولسىز ھۆكۈمەت.
يازغۇچى خاۋ چۈن ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ خىتاي پۇقرالىرى ئۈستىدە مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن:
مەن ھەر قېتىم خوڭكوڭغا كەلگەندە، سىياسىي ژۇرناللارنى سېتىۋېلىپ، چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايغا قانداق باھا بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسىنى قانداق پەرەز قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقىمەن. بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە كەلگۈسىنى پەرەز قىلغۇچىلار بۇ يەردە ئىنتايىن مۇھىم نۇقتىنى-يەنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دىكتاتور رېجىم ئاستىدا ياشاپ كەتكەن ۋە خىتاينىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاستىدا مېڭىسى يۇيۇلۇپ باشقىچە ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن خىتاي پۇقرالىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدىكەن. بۇ باشقىچە كىشىلەر پەقەتلا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خىتاي جەمئىيىتىنى ياۋۇز، زومىگەر، ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بىر جايغا ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ جەمئىيەتنى دۆتلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېخىمۇ ئاستىلاشتۇرماقتا.
بىرىنچى خىل ئىجتىمائىي كېسەللىك-ئۇيۇشۇپ، ھېچنېمىنى سەزمەس بوپقېلىش. دىكتاتور رېجىملەردە پۇقرالارنىڭ نۇرغۇن ھوقۇق-ئىمتىيازلىرى ئاللىقاچان تارتىۋېلىنغان. ئېشىپ قالغانلىرى بولسا بىزنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار تەرىپىدىن بىزگە خۇددى زور بىر ئىززەت-ئىكرام، مۇكاپات بېرىۋاتقاندەك تەقدىم قىلىنغان. بۇ دۆلەتتە بىر ۋەقە يۈز بەرسە، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ، قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلالمايدۇ. شۇڭا ھەممە كىشى ئاخىرى بېرىپ تەقدىرگە تەن بېرىدۇ. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كىشىلەر ئاخىرى بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ نېمە بولغانلىقى، ئەسلىدە نېمە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىرى ئۇنىڭ تامىقىنى بولۇۋالسا، ئۇ ئاچ ئولتۇرىدۇ. بىرى يۈزىگە بىر شاپىلاق قويسا، ئۇ ئاستا كېتىپ قالىدۇ. ئۆيىنى ئۆرۈۋەتسە قاراپ تۇرىدۇ. ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە، بالىلىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتسە، يىغلاپلا قالىدۇ. ئاندىن بۇ ئادالەتسىزلىكلەرنى «شور پېشانىلىك» دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇنى ساڭا قىلغان بىر لۈكچەك بولسا، سەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى ئەپ قاچىسەن. ئەگەر ئۇ بىرلا لۈكچەك بولماي، لۈكچەكلەر بىلەن تولغان پۈتۈن بىر سىستېما بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدا يا قاچالمايسەن، يا داۋا قىلالمايسەن. ئۇ ھالدا سېنىڭ شۇ سىستېمىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا چىقىش يولۇڭ يوق.
بىر كىشىنىڭ سەزمەس بولۇۋېلىشى كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنىڭ ئازاب چېكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئۆلچىگىلى بولسىدى، بىز خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ نومۇرىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ئازاب ئىچىدە كۆرگەن بولاتتۇق. بۇ 2 ياشلىق يۆ يۆنى ماشىنا بېسىۋەتكەندە يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن 18 كىشىنىڭ قاراپمۇ قويمىغانلىقىدەك شۇ ۋەقەدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ....
بۇنداق كىشىلەر ئاخىرى بېرىپ بارلىق ياخشىلىقلاردىن نەپرەت قىلىدىغان، ئىچى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي تۇرۇپ ئۆچ ئالىدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىدىنمۇ بىچارە، تەلەيسىز ۋە ئاجىز كىشىلەردىن ئۆچ ئالىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئىجتىمائىي كېسەللىك بولسا رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشتا قىينىلىش. ئۇزۇن يىل ساۋاتسىز قېلىش ۋە مېڭە يۇيۇش ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. كىشىلەر ھەقىقەتنى، رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايدىغان بوپقالىدۇ. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، ھېلىھەم نۇرغۇن كىشىلەر ماۋ زېدۇڭنى «خەلقنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دەپ قاراپ، ئۇنى ھېلىھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى نىجات يۇلتۇزى، ئۇ كىشىلەرنى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇردى، دەپ قارايدۇ. تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى رەسىمىنى ۋە ئۆلۈكىنى تاۋاپ قىلىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ رەسىمىنى تاملىرىغا ئېسىۋالىدۇ. ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى سېغىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا چىرىكلىك يوق، ھەممە كىشى باپباراۋەر ئىدى، دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «چوڭ ئاچارچىلىق» بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. تېخى يېقىندا تور بەتلەردە ئۇ يىللاردا يۈز بەرگەن «چوڭ ئاچارچىلىق» يىللىرى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغىلىۋېدى، «چوڭ ئاچارچىلىق» دېگەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۇنى پەقەت كىچىكلا بىر رايوندا يۈز بەرگەن، ئازغىنە بىر ۋاقىت يۈز بەرگەن كىچىك بىر ۋەقە، دېگۈچىلەر بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق كۈلكىلىك سوئاللارنى قويۇشتى.
ئاچلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن مىليونلىغان كىشىنى نەگە كۆمۈپ بولدى؟ بۇنداق چوڭ بىر بالايىئاپەت نېمىشقا ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنمىدى؟ شۇنچە جىق ئادەم ئۆلۈپ تۈگىگەن بولسا، يەنە نېمىدەپ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويىمىز؟ مېنىڭ يۇرتۇممۇ شۇنچە كەمبەغەل، نېمىشقا بىر ئادەمنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلىمايمەن؟ بېزىلەر ئاچارچىلىقتا 30 مىليون ئادەم يەنى خىتاي پۇقراسىنىڭ 20 دە بىرى ئۆلدى، دەيدۇ، بۇ مۇمكىنمۇ؟
بۇ يەردە كىشىنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر سوئال بار؟ بىرى تېخى «ئەگەر يەيدىغانغا ئاشلىق تاپالمىغان بولسا، گۆش يېسە بولمامتى؟» دەپ سوئال قويغان. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، راستچىللىق، سەمىمىي بولۇش پەقەتلا بىر ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئىقتىدار مەسىلىسى.