«پۇتبول ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكى» دەپ نام بېرىلگەن دوكلاتتا، ئاپتور ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىدىكى ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
«پۇتبول ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكى» ناملىق بۇ تەتقىقات دوكلاتى 37 بەتتىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزىۋىسكى بۇ تەتقىقات تېمىسى ئارقىلىق پۇتبولنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە ياكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە ئويناۋاتقان رولىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا، 1927-يىلى ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ توپ مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلىكى ۋە شۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇتۇۋالغانلىقىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ناھايىتىمۇ تونۇش بولغان بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. ھېنرىي دوكلاتىدا، تا2000-يىللارغا كەلگەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم بۇ ھېكايىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئەسلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايدۇ، دېگەن.
ئۇ پۇتبول بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى تاماشىبىنلار ۋە پۇتبولچىلاردىن ئىبارەت ئىككى پەرقلىق بۆلۈمدە مۇلاھىزە قىلغان. مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىن، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئامىللارنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە كۆرگەن بىر ئەھۋالنى مىسال كەلتۈرگەن. ئۇ، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن تېلېۋىزوردا خىتاي كوماندىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئارىسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ خىتاي كوماندىسىغا ئەمەس، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىغا مەدەت بەرگەنلىكىدەك بىر ئەھۋالنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى كوماندىسىغا مەدەت بېرىشى مۇنداق سوئال پەيدا قىلىدۇ، مىللىي كىملىككە بولغان باغلىنىش بۇ يەردە قانداق رول ئوينىدى؟ بۇ يەردە رول ئوينىغان پەقەتلا ئىسلام كىملىكىمۇ ياكى «خىتايدىن باشقا كىم ئۇتسا-ئۇتسۇن» دەيدىغان ئىدىيىمۇ؟»
خېنرىي سادزىۋىسكى بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتا بىر راي سىناش ئېلىپ بارغان. ئۇ راي سىناشقا قاتناشقانلاردىن ئەگەر شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى، ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي كوماندىلىرىدىن ئىبارەت كوماندىلار ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە چۈشكەن ئەھۋال ئاستىدا قايسى كوماندىنى قوللايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كېلىپ چىققان:
«راي سىنالغانلارنىڭ 97 پىرسەنتى ئەگەر خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇسابىقىگە چۈشكەن تەقدىردە سەئۇدى كوماندىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە 97 پىرسەنت كىشى ئەگەر شەرقىي تۈركىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىلىرى ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە چۈشسە، شەرقىي تۈركىستان كوماندىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»
راي سىنالغان كىشىلەردىن، ئەگەر ئۆزبېكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە چۈشسە كىمنى قوللايسىز، دەپ سورالغاندا، 80 پىرسەنت كىشى ئۆزبېكىستاننى دەپ جاۋاب بەرسە، يەنە 97 پىرسەنت كىشى ئۆزبېكىستان-خىتاي مۇسابىقىسىدە ئۆزبېكىستاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى مەيلى كىم بىلەن مۇسابىقىگە چۈشسۇن، 97 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشى شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى، دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي كوماندىسىنىڭ ئۇتۇۋېلىشىنى خالىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3 پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن.
ھېنرىي سادزىۋىسكى يۇقىرىدىكى سانلىق رەقەملەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوماندىسىنى ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىدىن بەك ئۆزبېكىستان كوماندىسىنى قوللىشىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تۇغقاندارچىلىق ئامىلىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
راي سىناشتا سورالغان باشقا سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر پۇتبول تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا مىللىي كىملىك ئامىلى ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، خىتاي پۇقراسى ئامىلى ئەڭ ئاخىرىدا يەر ئالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «كىم ئۇتۇۋالسا-ئۇتۇۋالسۇن، خىتاي كوماندىسى ئۇتمىسىلا بولدى» دەيدىغان خاھىشمۇ ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ، بۇنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ۋاسىتىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
ھېنرىي سادزېۋىسكى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر «پۇتبول ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكى» دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا، «پۇتبولچىلار» قىسمى بولۇپ، ئۇ بۇ قىسىمدا پۇتبولنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى ئىشلىتىشى ئۈستىدە توختالغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت دەرىجىلىك كوماندىلاردا ھازىر ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇر پۇتبولچىلارمۇ يەر ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە بىر پۇتبول مەكتىپى قۇرۇلغان ۋە بۇ مەكتەپتە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلا تەربىيىلىنىشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆزگە كۆرۈنۈپ چىققان مىرەخمەتجان مۇزەپپەرگە ئوخشاش بىر قانچە ئۇيغۇر ياش خىتايدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك دۆلەت كوماندىلىرىغا كىرىپ، كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. مۇزەپپەر 2010-يىلى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بويىچە ئوينالغان پۇتبول مۇسابىقىسىدە خىتاي دۆلەت كوماندىسى قاتارىدا مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئەمما ھېنرىي بۇ يەردە، خىتاي پۇتبول بىرلىكىنىڭ باشلىقى ۋېيدىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پۇتبول مەكتىپى قۇرۇلغاندا قىلغان نۇتقىدا «بۇ مەكتەپلەر بالىلارغا ياخشى پۇقرا بولۇشنى ئۆگىتىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي دۆلەت كوماندىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت كوماندىسىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن، دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇ دوكلاتىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلىدۇ:
«خىتاي ھۆكۈمىتى پۇتبولنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىپ ئىشلەتسە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پۇتبولنى سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە بالىلىرىنى ئۆز مىللىي ئادەتلىرى بويىچە تەربىيىلەشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلەتمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاممىسى پۇتبول كوماندىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە تەھدىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا.»
ھېنرىي ئامېرىكا، كانادا، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ كوماندىلارنىڭ ھازىر ئۆز-ئارا قويۇق ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 2011-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، مىللىي مارشىنى ئوقۇغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە «بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك ھېس قىلغان»لىقىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پۇتبول كوماندىلىرى چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى بىر يەرگە يىغىش، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش رولى ئويناۋاتقان بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىلى ئۆگىنىش، ئانا تىلدا سۆزلەش، ئۆرپ-ئادەت ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغان ياخشى سورۇنغا ئايلانغان. دوكلاتتا، «پۇتبولنىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.