قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى
2011.06.01
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا ھونلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى ئىمپېرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىلەر ۋە يېزىشقان مەكتۇپلارنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئوسمانلىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىزلىرى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزگە يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
1873-يىلى 6-ئاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىستېلاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان ياقۇپخان تاغىسىنىڭ ئوغلى خوجا تۆرەمنى ئەلچى قىلىپ ئىستانبۇلغا ئەۋەتتى. ئوسمانلى پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىز ئەلچىنى 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى، خوجا تۆرە ئەلچى قولىدا پارسچە يېزىلغان مەكتۇپ بىلەن كىرىپ كەلدى، مەكتۇپتا ياقۇپخاننىڭ يەر يۈزىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان پادىشاھنىڭ كەڭ قانات ئاستىدا پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن سۆزلىرى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئەلچى مەكتۇپنى ئوقۇپ بولۇپ، دۆلىتىنىڭ ۋەھىمىلىك ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشى، ئەسكىرى ياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن سۇلتان ئابدۇلئەزىز ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى باشلىدى ۋە قورال-ياراق مەسلىھەتچىسى ئېلى سەئىد پاشا بىلەن ئومۇمىي فابرىكا نازىرى سەييىد پاشانى قەشقەرىيە دۆلىتىگە ياردەم بېرىش ئىشىنى ئىدارە قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈردى. نەتىجىدە ياردەم ئەشيالار ئېلان قىلىندى. پۈتكۈل قوراللار ۋە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇق بېرىلىش، 6 دانە زەمبىرەك. 1000 دانە ئىشىتىلگەن، 1000 دانە يېڭى توپلام 2000 دانە مىلتىق، كۆپ ساندا كاپسۇل ۋە پارتلىتىش دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان جاھاز، ئەندەرئۈنلۈ مۇراد ئەپەندى باشچىلىقىدا 4 ئەسكەر ۋە 4 دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال قەشقەرگە ئەۋەتىلدى. ئىسىملىرى تارىخقا ئالتۇن ھەرپ بىلەن يېزىلغان بۇ تۈرك گېنېراللارنىڭ ئىسىملىرى، ئىستىھكام مۇداپىئە قوماندانى ئېلى كازىم، پىيادە قىسىم قوماندانى مەھمەت يۈسۈف، ئاتلىق قىسىم قوماندانى چەركەس يۈسۈف ۋە توپچى قوماندان ئىسمائىل ھەققى ئەپەندىلەر قەشقەرگە ئەۋەتىلدى.
ئەلچى خوجا تۈرەم بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققان بۇ ئوسمانلى ئۇرۇش گۇرۇپپىسى كېمە بىلەن سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ھىندىستانغا يېتىپ بارغان ۋە بومباي شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. ئۇلار بومبايدا ئىنگلىزلارنىڭ زورلۇق قىلىشىدىن مىڭ جاپادا قۇتۇلۇپ قەشقەرگە يېتىپ باردى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ھاياجانلىق كۆز ياشلىرى ئىچىدە شەھەرگە كىردى. ياقۇپخان ئۇلارنى 100 دانە توپ ئېتىش بىلەن سالام بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئوسمانلى ياردەم ھەيئىتىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى بىر ھەيئەت قوشۇلغان بولدى. شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن تۈرك بايرىقى قەشقەر ئاسمانلىرىدا لەپىلدىدى، جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ نامىغا ئوقۇتۇلدى ۋە ئوسمانلى دۆلىتى نامىدا پۇل باستۇرۇلدى.
قەشقەردە يېڭى تۈزۈم ئەسكەرلىرى
«تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا يەنە ئوسمانلى گېنېراللىرىنىڭ قەشقەردە ئايرىم-ئايرىم ھەربىي قىسىم قۇرۇپ ئەسكىرى تەلىم-تەربىيە بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئوسمانلى گېنېراللىرى قەشقەردە خالىس ئەسكەر بولۇشنى خالىغان ياشلاردىن تەركىب تاپقان ھەربىي قىسىم قۇرغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بېشى ئېلى كازىم، ئەسكەرلىكنى ھېچ بىلمەيدىغان ياشلارنى تەشكىللەپ توپچى قىسىم قۇرۇپ تەربىيىلىگەن، بۇ قىسىم ئىستانبۇل ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش تەربىيىلەنگەنلىكى ۋە 3000 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان بىر ھەربىي پولك قۇرۇپ ئۇلارغا يېڭى تۈزۈم ئەسكەرلىرى دېگەن نام قويغانلىقى دوكلاتلاردا يېزىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچلىرىدا بۇ كۈرەشكە ئوسمانلى گېنېراللىرىمۇ قاتناشقان بولدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلەرگە ئۇرۇش تاكتىكىلىرى، توپ-قورال ئېتىش ۋە ئوق-دورا ياساش تېخنىكلىرى ئۆگىتىلدى.
ئوسمانلى دۆلىتى ۋە قەشقەر ئەمىرلىكى
ئوسمانلىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرب ئەللىرىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بىر ھەقىقەت. بۇنداق دېيىش ئوتتۇرا ئاسىياغا ھېچ كۆڭۈل بۆلمىدى دېگەنلىك ئەمەس. 19-ئەسىردە غەربىي تۈركىستان رۇسلار تەرىپىدىن، شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوسمانلىلارنىڭ بىرىنچى نىشانى بولمىغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى خىتاي ۋە رۇسلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان زامانلاردا ئوسمانلىلار قېرىنداش ۋە دىنداشلارغا قولىدىن كېلىدىغان ياردەم ئىمكانىيەتلەرنى ئايىمىدى. ئوسمانلىلارنىڭ قەشقەر ھۆكۈمدارى ياقۇپبەگكە كۆرسەتكەن غەمخورلۇقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولىدۇ. 1864-1869-يىللار ئارىسىدا ياقۇپبەگ، خوتەن، كۇچا، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان بەگلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مەركىزى قەشقەر بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇردى. ياقۇپبەگ بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن 1870-يىلى ئوسمانلى سۇلتانى خەلىپە ئابدۇلئەزىزخانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام خەلىپىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ياقۇپخاننىڭ ئوسمانلى سۇلتانىغا يازغان مەكتۇپى:
ياقۇپخان بەدۆلەت ئوسمانلىنىڭ قىلغان ياردەملىرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ مەخسۇس بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ 1875-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن ئۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: سۇلتانىمىز ئىلتىپات قىلىپ ئەۋەتكەن ھەدىيىلەر ۋە ھەربىي ياردەم قەشقەرگە يېتىپ كەلدى ۋە خەلقنى چوڭقۇر خۇشال قىلدى. مەنمۇ ھاياتىم بويىچە ئوسمانلى پادىشاھلىققا دۇئا قىلىمەن. سىز بۇيرۇغان ھەر قانداق بۇيرۇقنى جايىدا ئورۇنلاشقا تەييارمەن. چوڭ غەمخورلۇقىڭىز پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى بىر كۈچ قاتتى. ھەر كىم جانابىي ئالىيلىرىغا تابىئە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ۋە دىن ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ساپ ۋەزىپىسى بولغان ئىسلام بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھازىر كەمىنە جانابلىرى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئاچتىم، نامىڭىزغا خۇتبە ئوقۇتۇپ، پۇل باستۇرۇپ سىزگە بولغان ساداقىتىمنى-ۋەزىپەمنى ئورۇنلاشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئەسكەرلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ياخشى يېتىشىشى توغرىسىدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتىمەن، خۇدايىم بۇيرۇسا پات يېقىندا چوڭ بىر ئىلگىرىلەش بولىدۇ.
ياقۇپخان ئوسمانلى دۆلىتىدىن ئالغان ياردەم بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا بىرلىك ھاسىل قىلغان
ياقۇپخاننىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشى رايوندىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدا ئېتىبارىنى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئوسمانلى دۆلىتى ياقۇپخاننى پەقەت سۆز بىلەنلا قوللاپ قالماستىن، بەلكى ئەسكىرى ياردەم قىلدى. ئوسمانلى دۆلىتى ئەۋەتكەن گېنېراللار ياقۇپخان دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تەربىيىلىنىپ يېتىشتۈرۈلۈشىدە چوڭ رول ئوينىدى. قەشقەرىيە دۆلىتىدە يۈز بەرگەن بۇ يېڭى ئۆزگىرىشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ياقۇپخاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئاستىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپخان ئوسمانلى دۆلىتىدىن ئالغان ياردەم بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا بىرلىك ھاسىل قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى
يازغۇچى خاقان بوز ئەپەندى «تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: قەشقەرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىرى ياقۇپبەگ سۇلتان ئابدۇلئەزىزگە باغلىق قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇلئەزىزخان تەرىپىدىن بۇ تەلەپ قوبۇل قىلىندى، ياقۇپبەگ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇلئەزىز نامىدا خۇتبە ئوقۇتۇش، پۇل باستۇرۇش ئارقىلىق ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ رەسمىي ھىمايىسى ئاستىغا كىردى. ئوسمانلى دۆلىتى ئورنىنى 1922-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە تاپشۇردى. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەتلىرى ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ۋارىسى ھېسابلىنىدۇ. غازى ياقۇپخان قۇرغان قەشقەرىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوسمانلى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلارنىڭ بىر پارچىسى. ياقۇپخان قۇرغان مۇستەقىل تۈرك ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا قۇرۇلدى. بۇ تۇپراقلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قالدۇرۇلغان مىراس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەركىن ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرى، ئىپپەتلىرى، نومۇسلىرىنى قوغداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى.