سىنگاپوردا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئاسىيا مۇلاھىزىلىرى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلقى شاڭگىرىلا سۆھبىتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سۆھبەتتىن تارقالغان ئەڭ چوڭ خەۋەر--خىتاينىڭ تېڭىرقاپ قالغانلىقىنىڭ تەسۋىرى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىلقى «شاڭگىرىلا سۆھبىتى» گە 30 دۆلەت قاتناشقان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا، ئامېرىكا دېڭىز قىسىملىرىنىڭ 50%i ھازىر ئاتلانتىك ئوكياندا، 50%i تىنچ ئوكياندا. بۇنىڭدىن كېيىن 60% تىن ئارتۇقى تىنچ ئوكياندا بولىدۇ، تىنچ ئوكياندىكى، ھىندى ئوكياندىكى ھەربىي مەشىقلەر كۆپەيتىلىدۇ، مۇھىم ئۆتكەللەرگە قارىتىلغان ھەربىي كۈچ ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولىدۇ دەپ جاكارلىغان. بۇ يىلقى شاڭگىرىلا سۆھبىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەزالىرى خىتايغا غەزەپ ئىپادىلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلقى سۆھبەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى. خېلىدىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن باشقا قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن فىلىپپىن، ۋيېتنام ئارىسىدا جىددىي تېررىتورىيە ماجىراسى بولۇۋاتقانلىقىمۇ سىر ئەمەس. ئامېرىكا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارال ماجىرالىرىنى دىپلوماتىك يول بىلەن كۆپ تەرەپ سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ ھەممىگە ئايان.
بۇ يىلقى «شاڭگىرىلا سۆھبىتى» گە ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتامۇ قاتناشتى. ئامېرىكا باش شتاب قوماندانلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقى مارتىن دەمپسى، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانى سمۇل لوكلېر، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جون مېككاينلارمۇ كەلدى. ئەمما جەنۇبىي دېڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى كۆپ تەرەپ سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلغىلى بولىدىغان بۇ ياخشى پۇرسەتتە، چوقۇم قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولغان، 5-ئاينىڭ 28-كۈن كامبودژادا فىلىپپىننىڭ پانتاگ ئارىلى (خەلقئارادا سىكار بورو دەپ ئاتىلىدىغان ئارال) نى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دەپ جاكارلىغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلې ئۆزى سۆھبەتكە كەلمىدى. خىتاي بۇ سۆھبەتكە ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن خەيچۇەننى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قوشنا دۆلەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ سۆھبەتتە، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىغا بۇنىڭدىن بۇرۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايتىدىن جاكارلاپ، ئۇلارنى دەككە-دۈككىدىن خالى قىلغان. بىر مۇنچە دۆلەتلەر ئامېرىكىغا تايىنىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلغان. لېكىن بۇ سۆھبەتتە خىتايمۇ بوش كەلمەي، ئامېرىكىنى بۇ رايوندىن چەتكە قېقىش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.
بۇ گېزىتتە يەنە، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە، ئامېرىكا 60% ھەربىي كۈچىنى ئاتلانتىك (ئۇلۇغ) ئوكيانغا قويغان ئىدى. ئۇ، تىغ ئۇچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقانلىق ئىدى، ھازىر ئامېرىكا 60% دىن ئارتۇق ھەربىي كۈچىنى تىنچ ئوكيانغا توپلاشقا باشلىدى، بۇ، تىغ ئۇچىنى خىتايغا قاراتقانلىق بولماي نېمە؟» دەپ تەھلىل قىلىنغان.
ئەمما بۇ ھەقتە قوزغالغان ئەركىن مۇنازىرە بەتلىرىگە، خىتاي دائىرىلىرى دۇنيادا خىتاي ئەزەلدىن بىزنىڭ دەۋالسىلا بولىدىغان مېۋىلىك باغ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدىغان ئوبزورلار چاپلانغان.
«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ بۈگۈن سىنگاپوردىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر رادارغا چۈشمەيدىغان ئەڭ زامانىۋى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى تىنچ ئوكيانغا قويۇشقا باشلىغان.
سىنگاپوردىكى شاڭگىرىلا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نامىدىكى «شاڭگىرىلا» دېگەن سۆز ئوقۇرمەنلەرگە ناھايىتى كۆپ ئىبرەتلىك ھىكايىلارنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ. ۋىكى ئېنسىكلوپېدىيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، «شاڭگىرىلا» دېگەن سۆز قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى شاڭگىرىلا دېگەن بىر ئارزۇلۇق ماكان ھەققىدىكى رىۋايەتتىن كەلگەن. 1933-يىلى ئەنگلىيىلىك يازغۇچى جەمس خىلتون بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن «غايىب بولغان ماكان» دېگەن روماننى يېزىپ چىققان، كېيىن بىر كىنو فىلىمى ئىشلەنگەن. ئۇنىڭدا، ھىمالايا تاغلىرىدىكى «شاڭگىرىلا» دېگەن بىر ئارزۇلۇق ماكان (جەننەت)نىڭ غايىب بولغانلىقىنىڭ جەريانى تەسۋىرلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى لاداقنى، پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى بالتىستاننى، ھەتتا پۈتۈن خونزا جىلغىسىنى شۇ غايىب بولغان «شاڭگىرىلا» غا ئوخشىتىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. يۈننەندىكى لىجاڭ دەرياسى بويىدىمۇ شۇنداق بىر ئارزۇلۇق ماكاننىڭ غايىب بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن يەنە بىر ئەسەرمۇ بار. ھەتتا گىتلېر گېرمانىيىسى ئارىيان قەبىلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تىبەت-كۆكنۇر رايونىدىن كەلگەن دېگەن رىۋايەتكە ئاساسەن، بۇ رايونغا يەتتە قېتىم قىدىرىش ئەترىتى ئەۋەتكەن دېگەن سۆز-چۆچەكمۇ يوق ئەمەس. ئومۇمەن «شاڭگىرىلا» دېگەن بۇ سۆزنى، كىشىلەر يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى «ئىگىسىز باغ» دېگەن مەنىدە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.