خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور يۈسۈف قەرزاۋى ئەرەب خەلقىنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى، رۇسىيە ۋە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. لىۋىيىدە خەلق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىشىپ نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار خىتاينىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاش-كېسەكلەر ئاتتى. ئىئوردانىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھامماد سائىد، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيە دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى جازالاش مەقسەت قىلىنغان قارارنى رەت قىلغان خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيىنى جازالاش قارارى خىتاي بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ، سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«‹ئەرەب باھارى› دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھەرىكەت پەقەت سۈرىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ، تۇنىستا، مىسىردا، لىۋىيىدە، يەمەندە، بەھرەيىندە داۋام قىلدى. پۈتكۈل بۇ جەرياندا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىدى. ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر-ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىرلىكتە قەدەم باستى. سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، قانۇن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش، خەلققە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشتىن ئىبارەت سۈرىيە خەلقىنىڭ تەلەپلىرى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەيدانى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەيلى رايونلۇق مەسىلىلەر بولسۇن، مەيلى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە، ب د ت دا تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سۈرىيە مەسىلىسىدىمۇ، كېرەكلىك دىپلوماتىيە خىزمەتلەر بويىچە ئامېرىكا بىلەن ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ بىرلىكتە قەدەم باسىمىز.»
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيىدە چىقىدىغان رادىكال گېزىتىدە، «رۇسىيە ۋە خىتاي نېمە ئۈچۈن سۈرىيىنىڭ يېنىدا؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە تۈركىيە يازغۇچىسى گۆكتۈرك تۈيسۈزئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان. ماقالىدە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ سۈرىيىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى قوللىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا، سۈرىيە مۇخالىپلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى لىدەرلىك رولىنىڭ كۈچلىنىشى. مۇخالىپ كۈچلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتلىرىگە زىيان سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«ب د ت تەرىپىدىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن جازا يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان قارار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن رەت قىلىش سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى. 15 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارنى 13 دۆلەت ماقۇللىغان بولسىمۇ، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ رەت قىلىشى بىلەن قارار ئەمەلگە ئاشمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دائىمىي ئەزالاردىن ھەر قانداق ئەزا دۆلەت ھەر قانداق بىر مەسىلىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللانغاندا قانۇن لايىھە ياكى قارارلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ياۋروپا ئاتلانتىك دۇنياسى، ئەرەب بىرلىكى ۋە تۈركىيىنىڭ بىرلىكتە كېلىشىم تۈزۈپ ماقۇللانغان جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار-لايىھىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىقى بولسا، بۇ ئىككى دۇنياۋى كۈچنىڭ سىستېمىلىق پىلانلىرى ۋە تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيىسىگە ئۇيغۇن كەلمەكتە.»
ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«رۇسىيە ۋە خىتاي ‹ئەرەب باھارى› نامى ئاستىدا ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي نامايىش ۋە ئىنقىلابلارنى، ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىق مەنپەئەتلىرىگە زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان تاشقى بىر ئامىل دەپ قارىماقتا. خىتاي ۋە رۇسىيىگە نىسبەتەن ئەرەب باھارى، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ دېموكراتىيە، سىياسىي پاراكەندىچىلىك ۋە ناھەقچىلىككە قارشى خەلقنىڭ ئارزۇسى دەپ قارىماستىن، ئامېرىكا تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر ئۆزگەرتىش ئىش پىلانى دەپ قارايدۇ. دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى دېموكراتىيە ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھۆكۈمەتلەر ۋە لىدەرلەر، جەمئىيەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئۆزگەرتىش ئارزۇسىغا ھەسسە قوشىدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ياۋروپا-ئاتلانتىك دۇنياسى بولسا ئەمەلىيلەشكەن ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھۆكۈمەت ۋە لىدەرلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە خۇسۇسەن ئېنېرگىيىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەر سايىسى ئاستىدا شۇ دۆلەتلەرگە ئالاقىدار نىشانلىرىغا يېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە سىياسىي ئۆزگىرىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان خىزمەت-پائالىيەتلەرگە بەرگەن ياردىمى، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ پايدىسىغا ئىشلەيدىغان بىر ئامىل بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە خىتاي، ئەرەب باھارىغا مۇناسىۋەتلىك دېموكراتىيە تەلەپلەرگە ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئاساس قىلغان يېڭىلىقلارغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتنى دىكتاتور تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە. ئەرەب باھارى بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلگەن دېموكراتىيە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، پۈتكۈل دۇنيادىكىگە ئوخشاش رۇسىيە ۋە خىتايدىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمەلدارلارنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى. رۇسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پۇتىنغا قارشى نامايىشلار بۇ ۋەزىيەتنىڭ مۇھىم بىر ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.»
تۈركىيىدىن قورقىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئەرەب باھارىغا ئالاقىدار يەنە بىر ئەندىشىسى بولسا، ئۇلار، ئوتتۇرىغا قويغان تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق خەلقىگە نىسبەتەن ئېتىبارى ئېشىۋاتقان شۇنداقلا سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇخالىپ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كۆرۈلۈۋاتقان تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە لىدېرلىك رولىنىڭ كۈچلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەرەب باھارى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە چىقىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تۈركىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان سىياسىي كۈچلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدۇ ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئېشىۋاتقان تۈركىيىنىڭ تەسىرى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيىسىگە قارشى بىر تاشقى قىياپەت پەيدا قىلىدۇ.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«ب د ت نىڭ قارارىغا قارشى چىققان خىتاي، ‹ئەرەب باھارى› نىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا ۋە تۈركىيىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بىر قىياپەت كۆرۈنۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاي، ئەرەب باھارى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە ئىجتىمائىي جەھەتتە قانۇنلۇق بىر مۇھىتقا ئېرىشكەن ۋە ياۋروپا ئاتلانتىك دۇنياسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بىر ھاكىمىيەت ئوتتۇرىغا چىققان ھالەتتە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن قۇرماقچى بولغان ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يوققا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي رۇسىيىگە ئوخشاش سۈرىيىدە مەيدانغا كېلىدىغان ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ زەنجىرسىمان ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىنىڭ تىزلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاينىڭ سۈرىيە بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇداپىئە سانائەت ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان تەقدىردە سوراققا تارتىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلماقتا ۋە سۈرىيىگە قارشى ئېلىنىدىغان قارارلارغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنماقتا.»
ئەرەب خەلقىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئارزۇ قىلغان سىياسىي ئۆزگىرىش، دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەلەپلىرىنىڭ نامى بولغان «ئەرەب باھارى»، خەلقئارا سىستېما ساھەسىدە يۈرگۈزۈلگەن مۈشكۈل كۈرەشلەرنىڭ بىر ۋاسىتىسى ھالغا كەلدى. ئەمما خەلققە زۇلۇم قىلغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ب د ت تەرىپىدىن جازالىنىشى ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ ۋە خەلقئارا ۋىجداننىڭ ئاۋازى بولۇپ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك بولۇۋاتسا، ب د ت مۇ ئەمەلىي رولى بولمىغان جازىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنداق بىر شارائىتتا دىكتاتورىلىق رېجىم بىلەن پۇت تىرەپ تۇرغان ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش ھاكىمىيەتلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە ۋە سۈرىيىنىڭ چىرىكلەشكەن ھاكىمىيىتى قىرغىن قىلىشنى تېزلەشتۈرمەكتە. رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سۈرىيە دىكتاتور رېجىمىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇپ تەسۋىرلەنمەكتە.
