بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان كىشىلەر بولۇشى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئوقۇتقان كىشىلەر بولۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
بۇ ئۆمەك بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كەلگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر `ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەك ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادالەتسىزلىكنى خىتايغا دېيىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، كافېخانىلاردا خىتاينى تىللاش بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ خەۋەر رادىئومىزدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
