«شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟ (1)

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تورى» قاتارلىق بىر قاتار ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى گېزىت ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق بىر يۈرۈش خىتايچە كىتابلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىشقا باشلىغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ش ئۇ ئا ر پارتكومى كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتقان 14 توملۇق «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ 2010-يىلى نەشردىن چىققان بىر تومى.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ش ئۇ ئا ر پارتكومى كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتقان 14 توملۇق «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ 2010-يىلى نەشردىن چىققان بىر تومى.
RFA/Qutlan

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرى بۇ كىتابلار ھەققىدە زور داغدۇغا قوزغاپ، ئۇنى «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدە قولغا كەلگەن مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى» دەپ باھالىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت كىتابلىرى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدۇ؟ نەچچە يۈز مىليون سوملۇق ھۆكۈمەت مەبلىغى سېلىنغان «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلار قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟

فرېدرىك ستارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە ئامېرىكىلىق 13 نەپەر تارىخچىنىڭ قەلىمى بىلەن 2004-يىلى يورۇقلۇققا چىققان «شىنجاڭ-خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كىتاب.
فرېدرىك ستارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە ئامېرىكىلىق 13 نەپەر تارىخچىنىڭ قەلىمى بىلەن 2004-يىلى يورۇقلۇققا چىققان «شىنجاڭ-خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كىتاب. RFA/Qutlan

مەلۇمكى، 1990-يىللاردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش«مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى» ھەرىكىتى يىلدىن-يىلغا كۈچىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە تارىخ ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئەڭ سەزگۈر نۇقتا سۈپىتىدە قارالغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى بىلەن «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» قاتارلىق ھۆكۈمەت كىتابلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ئۈچۈن مەخسۇس سىياسىي «رامكا» ۋە «ئۆلچەم»لەر بېكىتىلگەن.

2004-يىلىغا كەلگەندە فرېدرىك ستارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە «شىنجاڭ-خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىنگلىزچە كىتاب ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدۇ. بۇ كىتابنى يېزىشقا 13 نەپەر تارىخىچى ۋە تەتقىقاتچىلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتىدىكى غوللۇق كىشىلەردىن ھېسابلىنىدىكەن. كىتاب يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيە ۋە مول ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى شۇنىڭدەك جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان.

ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق بىرقانچىلىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەركىن ھالدا ئۇيۇشۇشى ۋە ئىلمىي ھەمكارلىقى بىلەن يورۇقلۇققا چىققان بۇ كىتاب ئويلىمىغان يەردىن خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ. كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسى نەشردىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ كىتابنى مەخپىي ھالدا خىتايچىغا تەرجىمە قىلىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئىچكى قىسىمدا تارقىتىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق كومپارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتتىق غەزەپلىنىپ: «ئامېرىكىلىقلار شىنجاڭ تارىخى ھەققىدە كىتاب يېزىپ بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى چاچقان ئىكەن، بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىزمۇ شىنجاڭ تارىخىنى قايتا يېزىپ چىقىپ ئۇلارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى ھاپىلا-شاپىلا قۇراشتۇرۇلىدۇ. 2005-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى «كوئېنلۇن مېھمانخانىسى»دا «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى يېزىش قۇرۇلۇشى بويىچە ئىش باشلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا ۋاڭ لېچۈەن ئۇزاق سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى قايتا يېزىپ چىقىش شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلۇش. بۇ دۆلەتكە، خەلققە ۋە تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم ئىپادىسى» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىمۇ سۆز قىلىپ «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى » بىر سىياسىي قۇرۇلۇش ھەم مۇقىملىق قۇرۇلۇشى» دەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى ھەمدە خىتاي مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن ما داجېڭ قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن زور گۇرۇپپا «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى يېزىشقا كىرىشىدۇ. ھەتتا بۇ گۇرۇپپىغا تاتارلاردىن ئۇيغۇر سايرانى بىلەن قازاقلاردىن جاقىپ مىرزاقاندىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇرنى تەھرىر ھەيئەتلەر تىزىمىغىمۇ كىرگۈزمەيدۇ. يۇقىرى تەمىنات ۋە يۇقىرى قەلەم ھەققىدىن بەھرىمەن بولغان بىر توپ خىتاي «تارىخچى»لىرى ۋاڭ لېچۈەن سىزىپ بەرگەن سىياسىي نىشاننى چىقىش قىلىپ ئۇيغۇر ئېلى تارىخىنى قايتا يېزىشقا كىرىشىدۇ. 14 توم 16 قىسىم قىلىپ چىقىرىش پىلانلانغان بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلار«5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن بىر-بىرلەپ نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2012-يىللىق 30-مارتتىكى سانىدا «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» قۇرۇلۇشى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بۇ كىتاب ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي يەكۈن ئىسپاتلاندى» دەپ يېزىلىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى فرىدرىك ستارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ-خىتايدىكى مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان 13 نەپەر ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قايتا بېرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئېلتېماسلىرىنى بىردەك رەت قىلىدۇ. بىز بۇ ھەقتە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان جەمىلە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت