ئانالىزچىلار: خىتاي سىياسىي ئىسلاھات يولىغا ماڭمىسا، ئېغىر ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن
2012.11.08

گەرچە خىتاي دۇنيادىكى ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققىي قىلغان 2-چوڭ دۆلەت ھېسابلانسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىقتىسادى مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي سىياسىي ئىسلاھات يولىغا ماڭمىسا، يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىقتىسادى كرىزىس خىتاينىڭ كېلەچەك رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈن زور باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كانادادا چىقىدىغان خىتايچە مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كېلەر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىك ئاپپاراتى، خىتاينىڭ شەرقىدىكى تەرەققىي قىلغان دېڭىز بويى رايونلىرى ئىقتىسادى بىلەن، خىتاينىڭ يېزا، قىشلاقلىرىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئىقتىسادى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىكنى ھەل قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىدا يېقىندىن بۇيان ھېچقانداق ئۆرلەش كۆرۈلمەيۋاتقان بولۇپ، بۇ تۇرغۇنلۇق خىتاينىڭ كېلەچىكىدىن ياخشى بېشارەت بەرمەيدىكەن.
گەرچە خىتاي يېقىندا، دېھقانچىلىق بېجىنى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى 79 ياشلىق بىر دېھقان كىرىم بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بەزى شەھەرلەردىكى كىشىلەر ئېيىغا بىرنەچچە مىڭ سوم كىرىم قىلىدىكەن، بىز يىلدا 2-3 مىڭ سوممۇ كىرىم قىلالمايمىز دېگەن.
يەنە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇنەنلىك پۇقرا لياڭ خۇڭۋىن ھازىر ئېيىغا 5 مىڭ سوم كىرىم قىلمىساق، بىر ئائىلىنى قامدىيالمايمىز، چۈنكى ئۆي ئىجارىسى ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، ئەمما بۇنچىلىك پۇلنى تاپماق تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ دېگەن.
جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر فابرىكىنىڭ باشلىقىمۇ بۇ يىل فابرىكىدىكى ئىشچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتايدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتنىڭ باشلىقىمۇ «بۇ يىل خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى دۇنيادا ئىقتىسادى كرىزىس كۆرۈلگەن دەسلەپكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، چۈنكى سىرتتىن زاكاز قوبۇل قىلىش ئاساسەن چۈشۈپ كەتتى. پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا سېتىشقا قاراپ قالدۇق. ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ياخشى ئەمەس» دېگەن.
ئىقتىسادشۇناس ماۋ يۈشۈ مۇنداق دەيدۇ:
-ئەگەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق ۋە كىرىمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى شۇنداقلا باشقا مەسىلىلەر قوشۇلغاندا، بۇ خىتايدىكى غايەت زور بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
خىتايدا ئېچىلىدىغان 18-نۆۋەتلىك كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ كېلەر قېتىملىق رەئىسى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئەگەر شى جىنپىڭ خىتايدا دەرھال سىياسىي ئىسلاھات يولىغا ماڭمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى يازغان.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە چىقىدىغان «ئۆگىنىش ۋاقىت گېزىتى» دە، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ناملىق چوڭ ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ 3 مىڭ يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر زور ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ماقالىدە يەنە خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۆكۈۋاتقانلىقى، ئىدېئولوگىيىلىك خارابلىشىش، كىشىلىك قىممەت قاراشنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى، تېز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارالىق ۋەزىيەتكە ماسلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن خىتاي مۇلاھىزىچىسى ساۋ ئەن «ئەلۋەتتە خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەيدۇ.
يەنە خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىدىن ۋۇ فەن «3 مىڭ يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرماق دېگەن بۇ ئىبارىنى مەنچىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدە لى خۇڭجاڭنىڭ 1872-يىلى قوللانغانلىقىنى، بۇ سۆزنى ماقالىنىڭ باش قىسمىغا ئالاھىدە كىرگۈزۈشى، ئەگەر خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، مەنچىڭ خاندانلىقىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دەيدۇ.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.