كانادا خىتاي جاسۇسلىرىغا ئوڭچە قالدىمۇ؟

كانادانىڭ دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىگە بېغىشلانغان ھەپتىلىك «ئەلچى» گېزىتىدە، كارل مېيېرنىڭ «كانادا خىتاي جاسۇسلىرىغا ئوڭچە قالدىمۇ» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ ماقالىدا، قانۇندىكى يېتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن، كانادا تۇپرىقىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ جەننىتىگە ئايلانغانلىقى ۋە كانادا دۇنيادا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان قانۇنلارنى تىزدىن تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدا، 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 3 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى ياكى مەخپىي ئۇچۇرلار، نازۇك يۇقىرى تېخنىكا ۋە سودا مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلىغان، خىتايلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاز دېگەندە 57 دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ۋە 2010-يىلى، ب-2 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئىنژېنېرىنىڭ يادرولۇق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى خىتاي دائىرىلىرىگە ساتقانلىقىنى بوينىغا ئالغانلىقىنى بايان قىلىنىپ: بۇ ئامېرىكا سوتىنىڭ خىتايغا بەرگەن «بۇ يەرگە جاسۇسلارنى ئەۋەتىشنى ئەمدى توختات» دېگەن بېشارىتىدۇر، دەپ يازىدۇ.

كارل مېيېر خانىم ماقالىسىدە، كانادانىڭ چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ جەننىتىگە ئايلانغانلىقى، لېكىن مۇناسىۋەتلىك قانۇن رامكىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن جاسۇسلۇق دېلولىرىنى تەكشۈرۈشتە قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە «تارىخىي دەۋر» يارىتىشنى تەكىتلەۋاتقان ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن يولى بىلەن، خىتاي جاسۇسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىيىتىنىڭ يەنىلا گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

تارىخىي خاراكتېرلىك ئاگاھلاندۇرۇش

ماقالىدا كونسېرۋاتىپ كانادا ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، لېكىن ھازىرغىچە بىرەر خىتاي جاسۇسىنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: 2006-يىلى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان پېتېر ماككاي، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادانىڭ سانائەت ۋە سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىگە سېلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، كانادا خان جەمەتى ساقچى ئورگىنى ۋە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى خىتايلارنىڭ كانادادىكى تەشكىللىك جىنايەتلىرى ۋە خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىڭ كانادالىقلارنى تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىمۇ 2005-يىلىدىكى دوكلاتىدا، كانادادا 1000 ئەتراپىدا خىتاي جاسۇسىنىڭ جىددىي پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، دەپ يازىدۇ.

كارل مېيېر خانىم «ئەلچى» گېزىتىدىكى بۇ ماقالىسىدە يەنە، كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىق جىم جۇددنىڭ 2007-يىلى، كانادادا ھەرىكەت قىلىۋاتقان چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خىتاي جاسۇسلىرى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، مەزكۇر ئىدارىنىڭ ھازىرقى باشلىقى رىچارد فاددېننىڭ 2010-يىلى ئىيۇن ئېيىدا، كانادادىكى بەزى شتات ۋە شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نىشاننى خىتاي دائىرىلىرىگە قاراتقانلىقى ۋە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، كانادانىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەزىنىسى ئىدارىسى ھەم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنىڭ خىتايدىكى كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، نازۇك ماتېرىياللارنىڭ ئوغرىلانغانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

سىستېما جەھەتتىكى مەسىلىلەر

كارل مېيېر خانىم ماقالىسىدە، كانادادىكى ئىقتىسادىي جاسۇسلۇقنىڭ كۆپلىگەن مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سانائەت جاسۇسلۇقىنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى كانادا پۇقرالىرى بىلەن كانادانىڭ جىددىي بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى نازۇك ئۇچۇرلارنىمۇ توپلاۋاتقانلىقى، ئەمما كانادانىڭ بۇلارنى سۈرۈشتۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا، ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، سابىق دىپلومات پروفېسسور چارلېس بۇرتوننىڭ: «باشقا دۆلەتلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان جاسۇسلارنى قولغا ئالغان ياكى ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋاتقان ۋاقىتتا، جاسۇسلارنىڭ ‹كانادادا جازاسىز قېلىشى، خىتايغا كانادا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق يەر› دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ»، دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

بۇ ماقالىدا يەنە «كانادا جاسۇسلارنىڭ ئۇۋىسى» ناملىق كىتابى 2009-يىلى نەشر قىلىنغان، كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، مىچېل كاتسۇيانىڭ «ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، كانادادا سانائەت ياكى ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى جاسۇسلارنى جازالايدىغان قانۇن ئاساسەن يوق. مەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى، سوتلانغانلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئاساسلىقى كانادا دائىرىلىرىدە، ‹جاسۇسلارنى جازالىساق، خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ›، دەيدىغان ئەندىشە مەۋجۇت» دېگەن سۆزلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

كارل مېيېر خانىم «كانادا خىتاي جاسۇسلىرىغا ئوڭچە قالدىمۇ» ناملىق بۇ ماقالىسىدە، باش مىنىستىر ۋە ئىچكى كابىنېتنى مەخپىيەتلىكى يۇقىرى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، مەخپىيەتلىك مەسلىھەت ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، جاڭ خەييەننىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىشتىن چىقىرىلغانلىقى، لېكىن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى يىللىق مائاشىنى تولۇقلاپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى، بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، كانادا دۇنيادىكى ئىززەت- ئابرۇيىغا، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە ۋە كانادا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈۋاتقان چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ تېگىشلىك دەككىسىنى بېرىشى ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان قانۇنلارنى تىزدىن تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئەسكەرتىدۇ.