6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەلق گېزىتىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن تەشكىلات مىنىستىرى ۋاڭ چىنفېڭ، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى 80 مىليوندىن ئاشتى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما فالۈنگوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش رەسمىيىتى بېجىرىش ئورگىنى «ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىدە، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىدىن ۋە كوممۇنىست ياشلار ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ بولغان ئادەم سانى 90 مىليوندىن ئاشتى دەپ ئېلان قىلدى.
پۈتۈن يەر شارىدا كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش رەسمىيىتى بېجىرىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى يىروڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ چېكىنىش رەسمىيىتى ئۆتىگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەخەللۇسى قوللانغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى ياچېيكىغا تەۋە ئىكەنلىكى قاتارلىق مەلۇماتلىرى ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈمەتتىن ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردىن ئىش ھەققى ئالمايدىغانلار، بولۇپمۇ دېھقانلار پارتىيە بەدەل پۇلىنى ئۆزلۈكىدىن تۆلىمەسلىك ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتتىن ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردىن مائاش ئالىدىغانلارنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىنى كوممۇنىست پارتىيە ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن بىۋاسىتە تۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇنداق ئەھۋالىدىكى كىشىلەرنىڭ قايسى بىرىنى ھازىرمۇ كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلىش خاتا.
شەندوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېڭگۇئاڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا ئاۋازىدا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر زوراۋانلىققا تايىنىپ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن زىيالىيلارنى «پۇلپەرەسلىك»كە باشلاش، جەمئىيەتنى ئەخلاقسىزلىققا باشلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىگە ئىشىنىدىغان خەلق قالمىدى دەپ قەيت قىلغان ئىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭپىڭ، بىزنىڭ سىنىپتىن 20 ئوقۇغۇچى پارتىيىگە كىردى، مەن ئۇلارنىڭ پەقەت خىزمەت تېپىپ جان بېقىش ئۈچۈنلا پارتىيىگە كىرگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمەن، دەپ ئىسپاتلىق بەرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ خەلق گېزىتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىتايدا ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 185 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پارتىيىگە كىرىپ بولدى، دەپ جاكارلىغاندا، فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، خىتاي ھازىر خەلق بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋرگە كىردى. پارىژدىكى ئېفور مۇنارى ئالدىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چېكىنىدىغانلار ئۈچۈن ئوچۇق رەسمىيەت ئۆتەيدىغان ئورۇن ھازىر تېخىمۇ جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلغان ئىدى.
6-ئاينىڭ 18-كۈنى «جەنۇبىي گېرمان» گېزىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ كونا قەلئەنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، سىرتتىكى غەزەپلەرنى باستۇرماقچى. ئەمەلىيەتتە خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ھازىر يانار تاغلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتىلىدىغان جاڭشىدا خەلق ھۆكۈمەت بىناسىغا بومبا قويدى. گەنسۇدا بانكىنى پارتلاتتى. ئۇيغۇرلاردەك مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى خىتايدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ تۇرۇۋاتقان تىبەتمۇ ھازىر قالايمىقانلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنى كىرگۈزمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئىچكى موڭغۇلىيىمۇ تەۋرەپ كەتتى، ئەڭ باياشات ئۆلكە-گۇئاڭدوڭدىمۇ خەلق پۇرسەت بولسىلا ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بولۇپ قالدى، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.
بېيجىڭدا چىقىدىغان «جىڭخۇئا گېزىتى»مۇ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى 7 خىل چېرىكلىكنى پاش قىلغان ماقالىسىنى باستى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيىنىڭ 90 يىللىقى تەبرىكلەش كېچىلىكى «جۇڭخۇئا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك مىنۇتتا» دېگەن دۆلەت شېئىرى بىلەن باشلانغان.
بۈگۈن خىتايغا نەزەر تور گېزىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۇنىڭدا، خىتايدىكى قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتى، خۇ جىنتاۋ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيىئۇرو يىغىنىدا، خىتاي ھازىر ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر جىددىيلەشكەن دەۋرگە كىردى، بۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھوقۇق تۇتۇش ياكى تۇتالماسلىقىغا تاقىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن قوزغىتىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۈرەك توختىتىش خورى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھازىر خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇۋاتقاندا، ئەڭ ئاخىرىدا قالغان 300 نەپەر بولشېۋىك سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوغداپ قالالمىغانلىقىغا ئوخشاش ئەھۋالدا قالغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
