«ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئون چوڭ سەپسەتە»

«ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئون چوڭ سەپسەتە» ناملىق ماقالىدە، ئاپتور ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ھەقىقىي تونۇماي تۇرۇپ، قارا-قويۇق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

0:00 / 0:00

سىياسىي ئانالىزچى دانىيال بلۇمېنسال «ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئون چوڭ سەپسەتە» ناملىق ماقالىسىدە، ئاساسلىق ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئون چوڭ ناتوغرا ھۆكۈم ئۈستىدە توختالغان. ئۇ ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدە ئېقىم بولۇۋاتقان بۇ خىل كۆز قاراشلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايغا قارىتا توغرا بىر سىياسەت بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن ھازىرقى خىتاي سىياسىتىدىكى بەزى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھۆكۈملەرگە دىئاگنوز قويۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. تۆۋەندە بىز بۇ 10 ھۆكۈمنىڭ مۇھىملىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاپتور «ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى سەپسەتە» دەپ ئاتىغان ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى «ئەمەلىيەت» دەپ ئىشىنىش ۋەزىيىتى: ئاپتور بۇ كۆز قاراشنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: ئامېرىكا، بىز خىتايغا دوستانە مۇئامىلە قىلساق، ئۇ بىزنىڭ دوستىمىزغا ئايلىنىدۇ، دېگەن كۆز قاراشقا ئىشەندى. ئەمما نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىيەت بۇ كۆز قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقاندىن بېرى ئامېرىكا خىتاينى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشىپ كەلدى. دۇنيادا ئامېرىكىدىن بەك خىتاينى يۆلىگەن ھەم ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالغان بىر دۆلەت يوق، دەيدۇ.

ئۇ مۇلاھىزىسىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە خىتايغا ئىنتايىن سەل قاراپ كەلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى بەلگىلىگەندە خىتاينى ئويلىشىپمۇ قويمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى خىتاينىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق تەگكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇنداق زامان ئارقىسىدا قالغان سىياسىتىدىن ئوبدانلا راھەت تېپىۋالدى. ئامېرىكا خىتايغا شۇنچە مېھرىبانلىق قىلسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئامېرىكىنى دۈشمەن دەپ ھېسابلىدى. ياخشىراق ئېيتقاندا، رىقابەتچىمىز دەپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلانغان. مانا بۇ خىل ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى «ئەمەلىيەت» دەپ ئىشىنىش ئەھۋالى ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئەڭ ئەپسانىۋى، ئەمەلىيەتتىن ئەڭ ئۇزاق بىر كۆز قاراش بولۇپ، شۇڭا مەن ئۇنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىغا قويدۇم.

2. تەيۋەننى تەرك ئەتسەك، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ «توسالغۇ» نى يوقاتقان بولىمىز، دەيدىغان ھۆكۈم. ئاپتور ئامېرىكىنىڭ 2003-يىلىدىكى بوز دەۋرىدىن بېرى تەيۋەننى چەتكە قايرىپ قويغانلىقى، باراك ئوبامانىڭمۇ ئوخشاش سىياسەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئامېرىكا بىل كىلىنتون مەزگىلىدىن تارتىپ، تەيۋەنگە ھېچقانداق رەسمىي زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇپ باقمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىدە تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچنېمە يوق. ئەمما خىتاينىڭ رېئاكسىيىسى نېمە بولدى؟ خىتاي يېقىندىن بۇيان تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ قالغانلىقىدىن خۇش بولۇپ، ئۇنى قەدىرلەشنىڭ ئورنىغا، ۋيېتنام، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە ۋە ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى تاللىۋالدى. دېمەك، ئامېرىكا قانداقلىكى «توسالغۇ» نى يوق قىلسا قىلسۇن، ئۇ بەرىبىر. خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس لوگىكىغا ئىگە ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا شەكىل بېرەلمەيدىغان بىر تاشقى سىياسىتى بار. تەيۋەننى تەرك ئېتىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئەپسانىلەرنىڭ بىرى» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

3. خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينى ئاستا-ئاستا چۆكۈرۈش ئۈچۈن ئامال قىلىش كېرەك. ئاپتور بۇ ھۆكۈم ھەققىدە مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن:
-بۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى ئەپسانىلەرنىڭ بىرى. تېخى يېقىنغىچە ئانالىزچىلارنىڭ كۆپى خىتايدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز، دەپ قارايتتى. ئەمما بۇ خىل يېڭى ئېقىم بىزگە «خىتاينى بىز ھېچنېمە قىلالمايمىز، خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ۋە بىزنىڭ چۆكۈشىمىز مۇقەررەر» دەپ قارايدۇ.

ئاپتور مۇلاھىزىسىدە بۇ خىل كۆز قاراشقا رەددىيە بېرىپ يەنە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
-خىتاينىڭ زور ۋە ھەل قىلىشمۇ قېيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلىرى بار. ئۇنىڭ كاپىتالى بازار ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، سىياسەتكە ئاساسەن تەڭشەلگەن. مىللىي دارامەت ئادىل تەقسىملەنمىگەن. بۇ سىستېمىنى يەنە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ناھايىتىمۇ ئاجىز بولغان بىر سىستېما كۈتۈپ تۇرماقتا. يەنى، بارغانسېرى قېرىۋاتقان نوپۇس، ئۆزىگە جورە تاپالمىغان ئەرلەر دېگەندەك.

ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭمۇ مەسىلىلىرى بار. ئەمما ئامېرىكا خەلقى بۇ مەسىلىلەرنى قاتتىق مۇنازىرە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچىنى، ھەقلىرىنى بىلىدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان يېڭى لىدىرلارنى سايلايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يول قويمايدۇ.

4. خىتاي دېگەن ئامېرىكىنىڭ بانكىسى. شۇڭا ئامېرىكا پۇل بەرگۈچىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسا بولمايدۇ، دەيدىغان كۆز قاراش. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-ئەمەلىيەتتە خىتاي ئامېرىكىنىڭ بانكىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر پۇل ئامانەت قويغۇچى. چۈنكى، خىتاينىڭ ئارتۇقچە پۇلىنى قويىدىغان باشقا يېرى يوق. خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكىنىڭ مەبلىغىگە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە ۋە ئامېرىكا بازىرىغا باغلىنىشلىق. يەنى، پىشاڭنىڭ بىر تەرىپى ئامېرىكىغا قاراپ ئېگىلگەن.

5. ئامېرىكا خىتاي بىلەن قويۇق ئالاقە ئىچىدە. ئاپتور بۇنىڭ خاتالىقىنى، ئامېرىكىنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەنلا ئالاقە ئورنىتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ بىر مىلياردتىن ئارتۇق خەلقى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلق بىلەن ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-ئامېرىكا خىتايدىن ھەقىقىي خەلق بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلمىدى. يەر ئاستى چېركاۋ رەھبەرلىرى، سىياسىي ئىسلاھاتچى، ئۆكتىچى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلمىدى. ئەمما خىتاي ئامېرىكىدا خالىغىنىنى قىلدى. ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسىرى بار. ئەمما ئامېرىكىنىڭ يوق.

6. ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت يۈكسىلىۋاتقان خىتاي. ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
-ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت خىتاينىڭ چۆكۈشىنى كونترول قىلىش بولسا كېرەك. خىتاي ئۆزىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغۇچە، ئۇنىڭ ھازىرقى تەرەققىي قىلىش مودېلىنىڭ يېلى چىقىدۇ. ئەمما خىتاي ھەقىقىي بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغاندەك ئەمەس.

7. خىتاينىڭ چۆكۈشى بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراشنىڭمۇ مۇقىم ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۇ خىل دۆلەتلەرنىڭ ئۆرلىشىدىن بەكرەك، چۆكۈشىنىڭ مەسىلە يارىتىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلۇقىنى، بولۇپمۇ يادرو قورالى ۋە كۈچلۈك ئارمىيىگە ئىگە بولغان دۆلەتنىڭ چۆكۈشىنىڭمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

8. ئامېرىكا ئۆزىنى ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئويۇنىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خىتايغا مەركەزلىشىشى كېرەك. ئاپتور، بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ ھازىرقى ئەربابلار ئارىسىدا ئىنتايىن مودا بولۇۋاتقان بىر خىل كۆز قاراشلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلغان:
-ئوتتۇرا شەرقتە ھازىر ئەرەب باھارى يۈز بېرىپ، ئۇلار ياكى دېموكراتىيىلىشىش ياكى تېخىمۇ رادىكاللىشىپ كېتىشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرغاندا، ئامېرىكا دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىسا قانداق بولىدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاننى تالىبانغا تاشلاپ بېرەمدۇ؟ بولۇپمۇ، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا بۇ تولىمۇ بىر ئەخمىقانە كۆز قاراش. ئامېرىكا خىتاينى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ياردىمىگە موھتاج. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق بولماي تۇرۇپ ۋە ھىندىستاننىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ ئاسىيادا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئامېرىكا دېگەن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ. ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى بىر-بىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن.

9. ئامېرىكا خەلقئارادىكى چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ياردىمىگە موھتاج. ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ:
-بۇ خىل كۆز قاراشنى تىزىملىكىمدە ئەڭ ئاخىرقى قاتارغا تىزدىم. چۈنكى بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما بۇنى ئەپسانىلەشتۈرگەن نۇقتا بولسا، «خىتاي بۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ»، دەپ ئىشىنىش. ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى قورالسىزلاندۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە موھتاج. ئەمما خىتاي بۇنى خالىمايدۇ. شىمالىي كورىيە بىر يادرو دۆلىتى. كېيىن ئىرانمۇ شۇنداق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئارقىلىق خىتاينى ياردەمگە ماقۇل كەلتۈرۈشى كېرەك. خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاسانلىقى بىر پاكىت. ئەمما نىمىشقىدۇركى، خىتاي بۇنىڭ ئەكسىچە، دۇنيانىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشى دەيدىغان سۆزنىڭ ئەپسانىگە ئايلىنىشىغا كۆپرەك تۆھپە قوشماقتا.

10. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىشى مۇقەررەر. ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراشنى ھەم توغرا ھەم خاتا دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، خەلق ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىنى تەنقىد قىلالايدىغان بىر ھالغا كەلگەندە، يەنى، خەلق ھۆكۈمەتتىن دۆلەتتىكى چىرىكلىك، ئادالەتسىز تەقسىمات، ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئوخشاش ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان بىر ھالغا كەلگەندىلا، خىتاينىڭ ۋە شۇنداقلا ئاسىيانىڭ تىنچلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئوچۇق ۋە ئاشكارا بولغان بىر خىتايدىن قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ خاتىرجەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.