خىتاي تىلى دۇنيا تىلى بولالامدۇ؟

شىنخۇا تور بېتىدە «خىتايدا 130 دىن ئارتۇق مىللەت تىللىرى ئىشلىتىلىدۇ، خىتاي تىلى بولسا 1 مىليارد 300 مىليون خىتاي نوپۇسى ئورتاق قوللىنىدىغان تىل» دەپ كۆرسىتىلىپ خىتاي تىلىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دۆلەتلىك تىل ۋە يەرلىك شېۋىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى شىنخۇا تورىدا 13-ئىيۇل كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ «خىتاي تىلى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە تىللارنىڭ ئىچىدە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئەمما بۇ يەكۈننىڭ قانداق ئىلمىي تەتقىقات ياكى تەكشۈرۈشكە تايىنىپ چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

نامەلۇم خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە، خىتايدا ھازىر 130 خىل تىل مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تىللار بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ ئىچىدە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇھىتىغا ئىگە دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە يەنە خىتاي تىلى خىتايدىكى نوپۇسنىڭ 95% ئى ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل، خىتاي تىلىدىن باشقا 129 خىل تىلنى ئىشلىتىدىغانلار نوپۇسى بولسا ئاران ئەللىك سەككىز مىليون ئەتراپىدا دەپ تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىتاي تىلى ئاز سانلىق مىللەتلەردە تېز ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاي تىلىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا قوللىنىلىشى تېخىمۇ سىستېمىلىق راۋاجلانغان. ھازىر خىتاي تىلى مائارىپ تىلى، تېخنىكا تىلى، ئورگان تىلى، مەمۇرىيەت تىلى، ئاخبارات تىلى بولۇپلا قالماي، ئۇنى پۈتۈن خىتايدىكى ئاھالىنىڭ ئورتاق تىلى دېيىشكە بولىدىكەن.

بۇنىڭ ئەكسىچە يەنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوخشاشلا شىنخۇا تورىدا «خىتايدىكى 80% مۇتەخەسسىس خىتاي تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى كرىزىسقا دۇچ كەلدى» دەپ قارايدۇ دەپ ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر ماقالىدە بولسا، خىتاي تىلشۇناس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ «خىتايدا ئىنگلىز تىلى خىتاي تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ» دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەزكۇر ئەندىشىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، خىتاي تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتىنى ئالاھىدە يۇقىرىلىتىپ تەشۋىق قىلىشى، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىدا «خىتاي دۇنيا تىللىرىغا رىقابەت ئېلان قىلماقچىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.

بۇ ھەقتە تۈركىيە ئەگى ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «گەرچە خىتاي تىلى باي تىللار قاتارىغا كىرسىمۇ، خىتاي تىلىنىڭ فۇنكسىيىلىك، فونېتىكىلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ دۇنيا تىلى بولۇپمۇ ئىلىم تىلى بولالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.» دەيدۇ.

ئىستانبۇل بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى مەخپىرەت كامال خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاپ ئاساسلىق تىلغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي تەسىر كۈچىگە تايىنىپ ۋە ياكى نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىگە تايىنىپلا بۇ تىلنى خەلقئارالىق مۇھىم تىلغا ئايلاندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.