سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىيىتى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ قالغان.

0:00 / 0:00

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «خەلقئارا ۋەزىيەتكە نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ۋەھىمە» ناملىق ماقالىدە نۆۋەتتىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدىكى ۋەزىيەت بىلەن 1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ئالدىدىكى ۋەزىيەت سېلىشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئەۋلاد خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ۋەھىمىلىك كەيپىيات سېلىشتۇرۇلغان. چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن خۇ پىڭ ئەپەندى ھەم ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر ماقالىدىكى قاراشلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

«خەلقئارا ۋەزىيەتكە نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ۋەھىمە» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ۋەزىيىتىنىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ھەم بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر، ماقالىدىكى ئانالىزلارنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى بىرقەدەر ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ كەسكىن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېلشات ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئەينى يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ،خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئېغىر سىياسىي داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيىتىگە مەلۇم نۇقتىدىن ئوخشاپ قالسىمۇ، ئەمما يەنىلا پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «گۇرۇھۋازلىق كۈرىشى كەسكىنلەشكەن خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك سىستېمىسى ئەينى يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈمىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشماقتا. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە بايلىق توپلاشنى مەقسەت قىلغان، پارىخورلۇق چىرىكلىك قىلمىشلىرى بىلەن خەلقنىڭ نەپرىتىگە قالغان كوممۇنىست ھۆكۈمەت، ئەگەر خىتايدا دېموكراتىك ئىدىيە ھەم ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلسا، ئۆزلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى مەزگىلدىكى بولشىۋېكلاردىمۇ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنى چەتكە قېقىش، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش جەھەتلەردە 80-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا مۇتەئەسسىپ بولۇپلا قالماي، بەلكى 1989-يىلى خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدىكى دېڭ شاۋپىڭ ھۆكۈمىتىدىنمۇمۇستەبىت بولغان سىياسەت يۈرگۈزمەكتە.بۇنداق شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش تىنچ ھالدا دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى ۋە ياكى ئەرەب ئەللىرىدە پارتلىغاندەك ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەس. شۇڭا خىتاي پۇقرالىرى چوقۇم ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق كوممۇنىست ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تىرىشىش كېرەك.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى بايانىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاي نوپۇسىنىڭ 90% تىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي خەلقىنىڭ كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەندىلا ئاندىن خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا،خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىت ھەققىدە توختالدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھامان غۇلايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى مۇقەررەر بىر نەتىجە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.