خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايى جاۋابكارلىقى يوقمۇ؟
2012.10.18
ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى-كىشلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىش ياكى خورلاشتىن ئىبارەت كوللېكتىپ ھەرىكەتتىن كېلىپ چىقىدىغان ۋەقە بولۇپ، بۇ يېگانە ھالەتتە ياكى تاسادىپىي يۈز بېرىپ قالىدىغان ۋەقە بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ياكى ھۆكۈمەت يولغا قويغان بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش، سىياسىي، ئىرقىي، دىنىي جەھەتتە زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ 7-ماددىسىدا كونكرېت قېلىپ تۆۋەندىكىدەك 11 تۈرلۈك جىنايەتنى ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى قىلىپ بېكىتكەن. 1-قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشى، 2-ئىرقىي يوقىتىش، 3-قۇل قىلىش، 4-سۈرگۈن قىلىش ياكى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، 5-قاماققا ئېلىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئەركىنلىكىنى بوغۇش، 6-قىيناش، 7-جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، 8-قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش، 9-ئىز-دېرەكسىز غايىب قېلىۋېتىش، 10-مىللىي زۇلۇم سېلىش، 11-باشقا ئىنسانىي بولمىغان قىلمىشلار.
ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ۋە دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشمىغان دىكتاتور، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا يۈز بېرىدۇ. دىكتاتورلار ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، مۇستەبىت تۈزۈم ئورنىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان بىر پارتىيە كونتروللۇقىدىكى ئەركىن سايلام، ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى بولمىغان دىكتاتور بىر دۆلەتتۇر. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز سولاپ قويۇش، تۈرمىلەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، ئىز-دېرەكسىز غايىب قېلىۋېتىش، جەمئىيەتتە تەڭسىزلىك پەيدا قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتە كەمسىتىش، ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىش، مەقسەتلىك ئىشسىز قويۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش پىلانلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم.ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىك ئېلىپ بارغان بۇ سىياسەتلىرىدىن ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى شەكىللىنەمدۇ-يوق؟ ئەگەر شەكىللەنسە نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوت تەرىپىدىن سوتقا تارتىلمايدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىرقانچە يىللاردىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق.
ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەڭ دەسلەپ 18-ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيىدە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئۇرۇش جەريانىدا ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلدى دەپ قارالغان بىر قىسىم ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش بىلەن بۇ ئۇقۇم تېخىمۇ كەڭ مەناغا ئىگە بولغان ۋە خەلقئارالىق قانۇن ساھەسىدىكى بىر تېرمىنغا ئايلانغان. 1990-يىللىرىدىن باشلاپ بالقان يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن كېيىن بۇ ئۇقۇم تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان.