10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوش بايراممۇ ياكى ماتەم كۈنىمۇ؟

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66-يىللىقىنى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60-يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن زور تەييارلىق خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوش بايرام دەپ ئېلان قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ پاكىتلىرى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا راستىنىلا قوش بايراممۇ؟ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونومىيە تۈزۈمى 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاپتونومىيە تۈزۈمى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ژۇرنالىست، ئوبزورچى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي دېگەندەك قوش بايرام كۈنى ئەمەس، ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت، فاشىستىك تۈسىنى ئالغان بىر دۆلەت تېررورى قاپلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، قانلىق كۆز يېشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات-پەرياتلىرى پۈتۈن زېمىننى لەرزىگە سالغان، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن دۈشمەن مىللەت دەپ قارىلىپ، خىتاي بويىچە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە بەزى خىتايلارنىڭ ئېغىر بوزەك قىلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ ئار نومۇس قىلماستىن، ئىزا تارتماستىن شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 66-يىللىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونومىيە قۇرۇلغانلىقىنى 60-يىللىقىنى قۇتلىماقتا. ئۇلار بۇ كۈننى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوش بايرام دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ كۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قوش بايرام ئەمەس، ئەكسىچە قوش مۇسىبەت ۋە قوش ماتەم كۈنىدۇر. 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بىر مۇستەملىكىنىڭ باشلانغان كۈنى. 1-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھەق-ھوقۇقى مەجبۇرىي ھالدا تارتىۋېلىنغان كۈن. 1-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلارغا ئىسمى بار، جىسمى يوق ئاتالمىش ئاپتونومىيە تۈزۈمى زورلاپ تېڭىلغان بىر كۈن. 66-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ بۇ مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدى.

پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى خىتاينىڭ 60 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغان ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇر خەلقى زورلا تېڭىلغان بۇ ئاتالمىش ئاپتونومىيىنى قوبۇل قىلغىنى يوق. ئۇيغۇرلار بۇنى پۇتىغا سېلىنغان كىشەن دەپ قارايدۇ. چۈنكى ھازىر ئاتالمىش ئاپتونومىيە بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كىشىلەر تەڭ باراۋەر، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ گۈللەندى دېيىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ھاقارەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپتونومىيە پرىنسىپلىرىغا ۋە ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ روھىغا قىلغان ئېغىر ھاقارەت. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار بۇنداق بىر ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى خىتاي بۇندىن 60 يىل بۇرۇن 1-ئۆكتەبىر 1955-يىلىدا قورال كۈچى بىلەن ئاتالمىش ئاپتونومىيىنى ئۇيغۇر خەلقىگە تاڭدى.

پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ مەسخىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ پاكىتلىرى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ھەتتا مازاق قىلىشىغا ئۇچرىدى. كىتابىدا مۇستەملىكە قىلغۇچى خىتاي بىلەن مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ باراۋەر ياشاۋاتقانلىقىنى بازارغا سالدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان بولغاچقا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تەنقىدكە ئۇچرىدى، ھەتتا بۇ ئاق تاشلىق كىتاب مازاق قىلىندى. خىتاي 2003-يىلى 5-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان ئىدى. 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىككىنچى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. 2014-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. بۇنى قوشساق خىتاي ھازىرغىچە 4 ئاق تاشلىق كىتاب چىقاردى. ھەممىسىدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى 60 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتى تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى، 50 قېتىمغا يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىگە ئوخشاش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىشى قاتارلىقلار نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتقانلىقىنى بايان قىلدى. پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى خىتاينىڭ 60 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئىقتىسادىي تالان-تاراج ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىشىغا ئىمكان قويمىغانلىقىنى بايان قىلدى.