12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلىدۇر

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.12.14
12-dekabir-oqughuchilar-namayishi.jpg 1989-يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» شوئارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى. 1989-يىلى ئىيۇن، بېيجىڭ.
RFA/Asiye Uyghur

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋر ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نامىدىكى ئون يىللىق قاباھەتلىك يىللار ئاخىرلىشىپ، كىشىلەر روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى بېسىم ۋە ھارغىنلىقتىن كىچىككىنە دېمىنى ئېلىشقا ئېرىشكەن، يېڭىچە ئىدىيە ۋە قاراشلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان دەۋر ئىدى. بۇ دەۋر يەنە، پۈتكۈل يەرشارى خاراكتېرلىك دېموكراتىيەلىشىش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئالاھىدە بىر دەۋر بولغانىدى. كىشىلەر بۇ مەزگىلدە خىتايدىمۇ ئىسلاھاتلارنىڭ بولۇشىنى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدەك ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى قوبۇل قىلىدىغان يېڭى بىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشقانىدى. خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەمما خىتايدا بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىن، بولۇپمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئۈمىد كۆپ ئەمەستەك قىلاتتى. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇ زامانلاردا كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئاتالمىش ئىسلاھات شوئارىدىن كېيىنلا، ئۇيغۇرلارغا يىللارچە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن ۋە 1975-يىلى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىڭتۇەن، يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلاھاتنىڭ سىياسىي ئىسلاھات بولمايدىغانلىقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىڭتۇەننىڭ نازارىتى ئاستىدا داۋاملىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنىڭ شەپىسى ئىدى.

مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرگە تولغان 1985-يىلىنىڭ 12-دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدا «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» شوئارلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن پۈتكۈل خىتايغا ياڭرىدى. ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تۆكۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۈنسېرى ئېغىرلاپ بېرىۋاتقان تەڭسىزلىكلىرىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغانىدى. بۇ نامايىش ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تىنچ ئۇسۇلدا ھۆكۈمەتكە ئۆز تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان نامايىشى ئىدى. مەزكۇر نامايىش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە بورتالا قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاينى خېلىلا چۆچۈتكەنىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشتا ھۆكۈمەتكە قويغان تەلەپلىرى بولسا:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش؛

رايون ئىچىدىكى يادرو قورال سىناقلىرىنى توختىتىش؛

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئېغىر جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇش ۋە پىلانسىز كۆچمەن يۆتكەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛

ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى ھەقىقىي يوسۇندا تەرەققىي قىلدۇرۇش.

ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى ئالتە تۈرلۈك تەلەپنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، مۇنازىرە قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەربىر تەلەپ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولغان تەلەپلەر ئىدى.

تۇنجى تەلەپ ئۇيغۇر ئېلىدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش تەلىپى بولۇپ، بۇنداق بىر تەلەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىمۇ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سايلام ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقتىن ۋە رايون رەھبەرلىكىنىڭ ھەقىقىي خەلق سايلىمىسىز رەھبەرلىككە ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاي 1964-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىماستىن، ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانىدى. ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق يادرو سىناقلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ، تەكلىماكان بويلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىدى. كۆچمەن مەسىلىسىمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ سانلىق خىتاي نوپۇسى ئاساسەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن كۆپىيىشكە باشلىغان. 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە مەقسەتلىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى زور كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشكە باشلىغان. 1964-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى 2 مىليون 321 مىڭ 200 گە يېتىپ، 1953-يىلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 25ھەسسىسىچىلىك كۆپەيگەن. 1978-يىل خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان دەۋر بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ %41.60 نى ئىگىلىگەن. 4-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى 5 مىليون 695 مىڭ 400 گە يەتكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا 1949-يىلىدىكى خىتاي ستاتىستىكىسى بويىچە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 75.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان نىسبەتتىن، 1964-يىلى 54.9 پىرسەنتكە، 1982-يىلى بولسا 45.54 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.

ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئازىيىشى ۋە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك سۈرئەتتە كۆپىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور نىسبەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەپ كېلىشى، ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئۇيغۇر نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بارغان پىلانلىق تۇغۇت، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىغانىدى. 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىكى تەلەپتە دەل كۆچمەنلەرنى يۆتكەشنى توختىتىش ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بۇ ۋەجىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە بېرىشكە قوشۇلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۇەندىن ئىبارەت بىر قانۇنسىز قوراللىق ئەسكىرىي كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئاپتونومىيەنىڭ ئەسلا ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلق سالاھىيىتىدە ئۆز تۇپراقلىرىغا ئۆز ئىگىدارچىلىق قىلىش، باشقۇرۇش ھەققى بارلىقىنى ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقلىرىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىپ كەلگەنىدى. ئەكسىچە بولسا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە 50-يىللاردىن باشلاپ تاكى 80 يىللارغىچە ئىزچىل قوللاش ۋە ياردەملەردە بولۇپ كېلىۋاتاتتى. يەرلىك خەلقلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى ھەقلىرىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش تەلەپلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئىدى.

ئەمما مەزكۇر ھەرىكەت خىتاينىڭ باستۇرۇشى ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، تۈرمىگە قامىلىش قاتارلىق سىياسىي زىيانكەشلىكلەر بىلەن نەتىجىلەندى. خىتاي بۇ مەسىلىنى «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇترۇتىشى بىلەن كېلىپ چىققان قانۇنسىز يىغىلىپ، ۋەقە تۇغدۇرۇش» دەپ ئاتىدى.

نورمال بولغان بىر جەمئىيەتتە، ھەقسىزلىككە قارىتا تىنچ شەكىلدە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە دىئالوگ ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش، ئەسلىدە ھەممە قوبۇل قىلىدىغان نورمال جەمئىيەت تەرتىپى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتايدا بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قانۇن ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن قوغداش ئىستىكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دېگەن چوڭ قالپاق ئاستىدا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلدى. گەرچە بۇ ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتىغا نىسبەتەن خىتاي مەنبەلىرىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاساسەن يوقىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە شۇنداقلا خىتاي ئىچىدىكى خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايتتى. چۈنكى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلماسلىق، يەرلىك خەلقلەرنىڭ نوپۇسىنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن تىزگىنلەش، قانۇنسىز ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىش. . . . . . . . ۋە بۇ ھادىسىلەرگە بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقلارنى جىنايەت دەپ ئاتاشلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئاز سانلىق ئاتالغان خەلقلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.

دەرۋەقە، 80-يىللاردىن تاكى بۈگۈنگىچە قارايدىغان بولساقمۇ، خىتاي ئىچىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. گەرچە 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنى 1989-يىلى 4-ئىيۇن خىتاينىڭ پايتەختىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدەك دۇنياۋى تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلار ئۈچۈن خىتايدا ئەڭ بۇرۇن كۈرەشكە ئاتلانغان خەلق ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى بۇ ھەرىكەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا 30-40يىلدىن بۇيان ئارتىپ كەلگەن ۋە بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنى چۆرۈپ تاشلاشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتتۇر. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ئېيتقاندەك «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك» سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى چەكتىن ئاشقان زۇلۇم ۋە ئىنسانىي قەدىر قىممەتلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغاندا مەيدانغا كەلگەن ھەقلىق قارشىلىقتۇر. 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ۋە ئەڭ يارقىن مەشئەللىرىنىڭ بىرىدۇر.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.