2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (8)
2017.12.15

خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىتاي كۆچمەنلەر
2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ياشلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكەشنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنى سىياسىي جەھەتتىن «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۇقىرى مائاش، ئالاھىدە تەمىنات بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان «2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ 8-قىسمىدا بولسۇن.
2017-يىلى دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان خىتاي شىركەتلىرىگە 1 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىدى. 2000-يىللار كېيىن رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشەلمەي يىللار بويى ئىشسىز قالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ستۇدېنت تۈركۈم-تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىياسىي جەھەتتىن «قايتا تەربىيىلىنىش»، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلاملاردا يېزا كادىرى بولۇش، ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى بولۇش قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى. ئەمما دائىرىلەر 2017-يىلنىڭ ئۆزىدىلا يۇقىرى تېخنىكىلىق خادىملار نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەننى ئۇيغۇر دىياردىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا يەرلەشتۈردى.
1. 2017-يىلى ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش كۆپەيتىلدى
خىتاي خەۋەرلىرىدە 2017-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەشقەر ۋە خوتەننى مەركەز قىلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى 4 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 1 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن 2017-يىلى باھار كېلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دېھقانلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قېتىم سانىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يۆتكەشنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيە-يېزىلارنى مەركەز قىلغانلىقى دەلىللەندى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا خوتەن ۋىلايىتىدە 2017-يىل 20-مارت چاقىرغان يىغىنىدا 2017-يىلى خوتەن ۋىلايىتى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەشنى جەمئىي 3741 ئادەم-قېتىمغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ئۆز تەۋەلىكىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار 2296 ئادەم-قېتىم، ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكىلىدىغان سان 904 ئادەم-قېتىم، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان سان 271 گە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. «خەلق تورى» نىڭ 2017-يىلى 21-مارت بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا خوتەن ۋىلايىتىدىن جەمئىي 1000 نەپەر دېھقان ئىشلەمچى چىڭداۋ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ماڭدۇرۇلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2017-يىل 21-مارتتىكى سانىدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەۋاتقان ئېشىنچا ئەمگەكچى 3700 دىن ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ھالبۇكى، «خەلق تورى» نىڭ 2017-يىل 21-مارت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلەپ تارقىتىشىچە، ئاپتونوم رايون 2017-يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ 1 مىليارد 810 مىليون 280 مىڭ ئىكەنلىكى، بۇ مەبلەغنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى 98 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنى مەركەز قىلىپ يەرلىكتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش» نامىدا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكەلگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2017-يىل ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ سەرپ قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «خوتەن گېزىتى» 2017-يىل 9-ماي كۈنى خەۋەر بېرىپ، خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن 38 مىڭ كىشىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، بۇلارنىڭ بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يولغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە «شياۋگۇەن ۋەقەسى» دەك، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دەك پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەر 10 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، ھەتتا خىتاي بۇ سىياسىتى سەۋەبلىك، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان مۇقىملىق تەدبىرى ۋە «مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئۆز يۇرتىدا شالاڭلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق سىياسىي پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرماقتا.
2. 2017-يىلغىچە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 45 مىڭ ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سىياسىي «تەربىيىلەش» كە ئەۋەتىلدى
2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىش مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. رادىيومىز 2016-يىلى قارامايدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا قاراماي شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز يۈرگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلاردىن 6500 دىن ئارتۇقى بارلىقىنى ئېنىقلانغان ئىدى. 2017-يىلى كىرگەندىن كېيىن دائىرىلەر يېزا ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ، يىللاردىن بۇيان ئىشسىز يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى «سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيىلەش» نامىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 20 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ، «ئەۋزەل مائارىپ» بىلەن تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىنگلىزچە «خىتاي كۈندىلىكى» گېزىتىنىڭ 2017-يىلى 29-مارتتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر 20 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ 9880 نەپىرى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا، 3 مىڭ 300 نەپىرى كەسپىي مەكتەپلەردە، 8 مىڭ 600 نەپىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دائىرىلەر 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن 3836 نەپەر ئۇيغۇر ستۇدېنتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە سىياسىي تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ ئوقۇغۇچىلار بارغان جايلىرىدا دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت سىياسىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيىسى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى، خەت-ئالاقىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە نۇقتىلىق تەربىيىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە يەنە 2017-يىلغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىپ سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيىلەنگەن ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 45 مىڭغا يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ خىزمەتنىڭ 2011-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر نۆۋەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ «سىياسىي ساپاسى» نى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلىۋاتقان «سىياسىي ساپا» غا ئىگە بولمىغانلار بىردەك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆزىنى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە كۆرمەكتىكەن.
3. 2017-يىلى ھەر خىل ناملاردا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى
2017-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش نامىدا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز قېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە دائىرىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەر خىل ناملاردا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈردى.
2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربىي رايوننى ئېچىش پىلانى» نى يولغا قويغىنىغا توپ-توغرا 15 يىل بولدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2003-يىلىدىن 2016-يىلغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەزكۇر پىلان بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جەلپ قىلىنغان خىتاي ستۇدېنتلار 15 مىڭدىن، بىڭتۇەنگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 10 مىڭدىن ئاشقان. ئەمما 2017-يىلنىڭ ئۆزىدىلا پەقەت خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىدىن «ئىختىساسلىق خادىملار» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلگەن «قوش تىللىق» خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى 23 مىڭغا يەتكەن. يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك شىركەتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش يۇقىرى تېخنىكىلىق خادىملار قوشۇلۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىدىن 60 مىڭ كىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى مائاشلىق مۇقىم ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلدىن كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاھالىسى جىددىي كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئالغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەسلىدىكى نوپۇسى ئاران بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئوتتۇراھال دەرىجىلىك شەھەردىن كۆچمە ئاھالە بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5 مىليون نوپۇسلۇق بىر چوڭ شەھەرگە ئايلانغان، قاراماي، غۇلجا، قەشقەر، كورلا، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرنىڭمۇ نوپۇسى ھەسسىلەپ ئاشقان.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «خەلق تورى» نىڭ 2017-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىدە چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۆچمەن خىتاي يولۇچىلىرى بىلەن تولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن شىمالىي ۋوگزالىنىڭ 2017-يىل 22-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە كۈنىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ 25-يانۋار بىر كۈن ئىچىدە يولغا سالغان يولۇچى سانى 57 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى ۋوگزالى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ يولۇچى ئۇزاتقان بىر كۈن دېيىلگەن.
2017-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىنكى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە 30 مىڭغا يېقىن ئىختىساسلىق خادىم، بىڭتۇەن ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىتلىك، كۆمۈر كانلىرى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان زاۋۇت-شىركەتلەرگە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.
1) «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2017-يىل 23-مارتتىكى خەۋىرىدە 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆچمە ئاھالىلەر ئاساسىدا 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئۆز يۇرتلىرىغا ھەيدەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىدىكى خەۋەردە ئېيتىلغان كۆچمە نوپۇسنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2) خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 10-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكى ھەرقايسى دېۋىزىيەلەردىن ئاجرىتىلغان 37 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا شەندۇڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكىدىكى 18 ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان 1582 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىڭتۇەنگە كېلىپ ئىشلەش ھەققىدە توختام تۈزگەن.»
3)«ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ 2017-يىلى 22-ئاپىرىلدىكى سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى2017-يىل باھار پەسلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 561 «ئىختىساس ئىگىسى» ئەكەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە بۇلارنىڭ خىتاينىڭ چىڭخۇا، فۇدەن، ۋە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «بۇلار رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىختىساسلىقلار جىددىي كەم بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن،» دېيىلگەن.
4) «خەلق تورى» نىڭ 2017-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2017-يىلى «ئادەتتىن تاشقىرى» تەدبىر بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلاشنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ پۈتۈن خىتاي دۆلىتى مىقياسىدىن 5435 نەپەر مەمۇرى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە، يۇقىرىدىكى 5435 خىزمەت ئورنى ئىچىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىزىملىتىشقا بولىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ 75 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ئەمما كونكرېت قانداق خىزمەت ئورۇنلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.
5) «شىنخۇا تورى» نىڭ 2017-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش «ئىختىساسلىق خادىم» لىرى 4000 نەپەرگە، 2017-يىل بىر يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىڭتۇەندىكى ئىدارە-ئورگان، شىركەتلەرگە يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىختىساسلىق خادىملار نامىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى 5000 دىن ئاشقان.
خەۋەردە مەزكۇر «ئىختىساسلىق خادىم» لارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلار بىلەن ئاسپىرانتلاردىن تاللانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى 79 ناھىيىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 2017-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى يەنە بىر خەۋىرىدە «غەربىي رايون پىلانى» ئىچىدە2017-يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خىتاي ستۇدېنتلارنىڭ سانى 5556 نەپەر بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ 32 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىدىن ئىلتىماس قىلغانلار ئىكەن.
6) 2017-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 332 خىزمەت ئورنىغا ئېلىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 1755 نەپەر «سىياسىي ساپالىق ئىختىساس ئىگىسى» نى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ خىزمەتنىڭ 17-نويابىرغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چىڭخۇا قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. كېرەكلىك ئادەم سانى 1755 نەپەر بولۇپ، ئۇلاردىن 527 نەپىرىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاست دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 26 كارخانىلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دائىرىلەر 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەت-كارخانىلارغا ئىختىساسلىق خادىملار جىددىي ئېھتىياجلىق دېگەن نامدا پۈتكۈل خىتاي بويىچە 60 مىڭغا يېقىن خادىمنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈردى. ھالبۇكى، 2017-يىلى ئەتىيازدىن باشلانغان شەھەرلەردىكى ئىدارە-ئورگانلاردىن يېزىلاردىكى كەنت كادىرلىرىغا قەدەر، نەچچە مىڭ ئۇيغۇر كادىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» قالپىغى بىلەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇش، «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئايلارچە سولىۋېلىش، ھەتتا قانۇن ئورۇنلىرىدا جازا ھۆكۈم قىلىش دولقۇنىدىن كېيىن، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى مائاشلىق يۇقىرى ئىمتىيازلىق ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىشى2017-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.