ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مىللىي توقۇنۇشمۇ ياكى ھۆكۈمەتكە نارازىلىقمۇ؟

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەم ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئايرىم مەملىكەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۇنيا ئانالىزچىلىرى، سىياسەتشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى مۇشۇ كۈنگىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئارىسىدا قازاقىستانلىق ئانالىزچىلارمۇ بار بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتمەيلا ئالماتادا «ئايت پارك» جەمئىيەتلىك سىياسىي ئەقلىي كۇلۇبى ئەنە شۇلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى بىلەن چوڭ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر سۆھبەتكە قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى كونستانتىن سىرويېژكىن ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئەتراپىدا بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇنىڭدا ھەر ئىككى ئانالىزچى ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى دەلىللەشكە تىرىشتى.

مەزكۇر سۆھبەت شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا ئوخشاشلىقتىن كۆرە قارىمۇ-قارشىلىق كۆپ بولدى. ھەر ئىككى ئانالىزچى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خىتاينىڭ كۆپ يىللىق مىللىي سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قارىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى مەملىكەتلىرى بولغانمۇ، دېگەن مەسىلىلەردە، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىۋاتقان مەبلىغى ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىلىرىدە ئۇلارنىڭ تامامەن قارىمۇ-قارشى پىكىردە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە مەزكۇر ئانالىزچىلارنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتايىن كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەھۋال، ئەلۋەتتە، قىيىن بولۇپ قالماقتا. بولۇپمۇ، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار، ھەتتا خەنزۇلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىنى قوبۇل قىلماسلىق مۇناسىۋەتلىرى بايقىلىۋاتىدۇ، يەنى بۇ ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان ۋەقەلەردۇر. بۇنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە توختىمايۋاتقان ھەرىكەتلەر دەلىللىمەكتە، ئۇلارنى بىز شەرتلىك ھالدا «تېررورلۇق ھەرىكەتلەر» دەپ قويايلى. ئۆتكەن يىلى ئۇلارنىڭ سانى، مېنىڭچە، ئوتتۇز، بۇ يىلىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولدى، يەنە كېلىپ پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدىمۇ، كۇنمىڭدا، بېيجىڭدا بولدى. ھەممە جايدا جاۋاپكارچىلىقنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئۆزىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلار، قائىدە بويىچە، ئۇيغۇرلار بولۇۋاتماقتا.»
قەھرىمان غوجامبەردى بولسا، 2009-يىلقى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ زامانىۋى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدا شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈندە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر مىللىتىنى خەنزۇ مىللىتىگە قارشى قويۇۋاتىدۇ. مەيلى ئۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، دەھشەتلىك كۆرسىتىدۇ، ھەر قانداق پاكىتلارنى بۇرمىلايدۇ، پەقەت بىر تەرىپىنىلا كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ، ئامما شۇ ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون نەچچە قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە قانۇنسىز بېسىپ كىرىپ، ئاتقانلىرىنى، دەھشەتلىك ئۇرۇپ-چاپقانلىرىنى كۆرسەتمەيدۇ. خىتاي مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، دېسەك بولىدۇ.»