تۈركىيەدىكى فولكلورشۇناسلار مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمانغا يۇقىرى باھا بەردى
2020.08.26

18-ئاۋغۇست كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەشھۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيەدىكى بىلىم ئادەملىرى چوڭقۇر قايغۇردى ۋە ئابدۇكېرىم راخمان توغرىسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىپ ئۇنىغا يۇقىرى باھا بەردى.
تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى خەلق مەدەنىيىتى باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ياھيا ئاقسوي ئەپەندى تۈركىيەدىكى «سونسۆز» ۋە «چاملىق» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلغان «پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ۋاپاتى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان ئۇيغۇر فولكلورىنى ئەتراپلىق چوڭقۇر بايان قىلغان ‹ئۇيغۇر فوكلورى» ناملىق كىتابى ۋە ئۇنىڭ ماقالىلىرى بىلەن تۈرك مەدەنىيىتىنى، تۈرك كۈلتۈرىنى يورۇتۇپ بەرگەن مۇھىم شەخستۇر».
مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمان تۈركىيەگە كۆپ قېتىم كېلىپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان، كىتاب ۋە ماقالىلىرى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مۇھىم فولكلورشۇناسلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى خەلق مەدەنىيىتى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ياھيا ئاقسوي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، 1992-يىلى ئۈرۈمچىگە يىپەك يولى تەتقىقاتى ئۈچۈن بارغىنىدا ئابدۇكېرىم راخمان بىلەن تونۇشقانلىقىنى، شۇ كۈندىن تارتىپ ئابدۇكېرىم راخمان ئەسەرلىرىنىڭ تۈركىيەدە بىلىنىشكە باشلانغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇنىڭ رولىنىڭ زور بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«1992-يىلى يىپەك يولى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە باردۇق. ئۇ، يەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. كۆپ ساندا ئوقۇتقۇچى كەلدى. ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق. مەن ئابدۇكېرىم راخماننى 1993-يىلى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ‹خەلقئارالىق يىپەك يولى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›غا تەكلىپ قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم تۈركىيەگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلدى. ‹ئۇيغۇر فولكلورى› ناملىق كىتابىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ باستۇردۇق. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فولكلورشۇناس، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۆزى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازغان ۋاقتىدا بولسۇن، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا بولسۇن مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپ پايدىلانغانلىقىنى، ھازىر تۈركىيەدىكى فولكلورشۇناس ۋە خەلق ئەدەبىياتى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن تۈركىيەدە راۋاجلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتى، ئارقىدىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولدى. ئۆز نۆۋىتىدە تۈركىيەدىكى تۈرك ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەتقىقات مەركەزلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى، شۇنداقلا ئابدۇشۈكۈر يالقۇن، تېيىپجان ئېلىيوف، تۇرسۇن ئايۇپ، ئابدۇروپ پولات ۋە ئابدۇكېرىم راخمانغا ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈركىيەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلىشى بىلەن بولدى. تۈركلەر ئۇيغۇر ساھەسىدە دوكتورلۇق ئوقۇشقا، ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشقا باشلاندى. بۇلاردىن بىرى نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۇ يازغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم مەنبەلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى 2015-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئابدۇكېرىم راخمان بىلەن ئۇچرىشىپ كۆپ پاراڭلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمان 1940-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1964-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە دوكتور يېتەكچىسى.
ئۇ، 1980-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1980-يىللاردا ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتى بويىچە تۇنجى قېتىم تەتقىقاتنى باشلىغان مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ.
پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان 1987-يىلدىن باشلاپ فولكلور تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرقانچە تۈركۈم ماگىستىرلار ۋە دوكتورلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە فولكلور تەتقىقاتىدا تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن راھىلە داۋۇت، ئەسەت سۇلايمان قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى فولكلور تەتقىقاتىدا تونۇلغان كىشىلەرگە ئايلانغان.