ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى نېمە دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.12.07
Abdukadir-yapchan-Erkin-alptekin-Ministir-Numan-kurtulmush.jpg (سولدىن ئوڭغا) ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى جامائەت ئەربابى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش ئەپەندىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا. 2015-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇشلۇق جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان 3 ئايدىن بۇيان تۈركىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئابدۇقادىر ياپچاننى تۇتۇشقا سەۋەب كۆرسىتىلگەن ئامىللار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايەت ئارتىشقا يېتەرلىك ئىسپات بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن قىرىقلارئېلى رايونىدا بىر يىغىۋېلىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇتۇلماقتا.

يېقىندا تۈركىيەنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان يېڭى چاغ گېزىتىدە، «ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى نېمە» دېگەن تېمىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.

بۇ ئوبزورنى ئىسمائىل شاھىن ئىسىملىك بىر تۈرك يازغۇچى يازغان بولۇپ، ئوبزوردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نەچچە يىلدىن بۇيان مۇجادىلە قىلىپ كەلگەن بىر كىشى. بارىن ئىنقىلابىغا چېتىلىپ خىتاي تۈرمىسىدە 3 يىل ياتقان. كېيىن ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە تۈركىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىنىشى ئۇنىڭ تۈرمىگە يېتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىدى. يەنى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتقانغا ئوخشاش تۈركىيەدىمۇ تۈرمىگە قامالدى. ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتاي دائىرىلىرى 1996-1997-يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ داۋا قىلىپ تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋەھالەنكى ئابدۇقادىر ياپچان 1996-يىلى تۈرمىدىن چىقىپلا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتىغا بېرىپ باقمىغان.

ئوبزوردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى 3 قېتىم تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېيىلگەن: بىزنىڭ ھۆكۈمەت خىتاينىڭ شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ 2003-يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلدى، كېيىن يەنە 2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن قايتىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە يوزگاتتا مەجبۇرى توختىتىلدى. ئەمما ياپچان توختاپ قالمىدى، خىتاي زۇلۇمىنى ئاڭلىتىپ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا قاتناشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تۈركىيەنىڭ كىرىدىغانلىقىنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي، ئابدۇقادىر ياپچاننى قىزىل سىزىقلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى يېڭىلىدى. ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتاينىڭ قۇلىقىنى تارتقان ھۆكۈمەت ئاخىرقى قېتىمقى خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى تۇتقۇن قىلدى.

ئوبزوردا ئابدۇقادىر ياپچان 40 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئابدۇقادىر ياپچان 29-سېنتەبىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلدى. كېيىن 30-سېنتەبىر قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىستانبۇلدىكى مالتەپە تۈرمىسىگە قامالدى. 40 كۈن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن كۈنى يەنە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قىرىقلارئېلى رايونىدىكى يىغىۋېلىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ياپچاننىڭ ھازىر نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. سوت مەھكىمىسى قويۇپ بېرىش قارارى ئالغاندىن كېيىن قايتا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا ۋە ياكى 3-بىر دۆلەتكە چىقىرىۋەتمەسلىك توغرىسىدا قارار ئالغان. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننى چېگرادىن چىقىرىۋەتمەسلىك توغرىسىدا 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالغان بىر قارار مەۋجۇت.

ئابدۇقادىر ياپچان نېمە بىلەن ئەيىبلىنىۋاتىدۇ؟ ئۇنداقتا ئابدۇقادىر ياپچان قايسى جىنايەت بىلەن، نېمە سەۋەبتىن تۈركىيە سىرتىغا چىقىرىلماقچى بولىدۇ؟

ئوبزوردا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سوئال سوراپ مۇنداق دېيىلگەن: نۆۋەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىمىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى سەزگۈرلۈك ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى تۈركلەرگە تارىختىن بېرى تۇتۇپ كېلىۋاتقان مەيدانىغا قارىتا مەن شۇنى سوراپ باقاي، ئابدۇقادىر ياپچانغا ئوخشىشىدىغان پىكىردىكى تۈرك رەھبەرلەر تۈركىيەدە خېلى كۆپ بار. ئەگەر ئەسەد ياكى ئەل ئابادى تەلەپ قىلسا ئۇلارنىمۇ تۈركىيە سىرتىغا چىقىرامسىلەر؟ دۆلەت دېگەن ھەر قانداق بىر ئىش ۋە مۇئامىلىگە قارىتا پرىنسىپ ۋە ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئابدۇقادىر ياپچانغا قانداق ئىش بولسا باشقىلارغىمۇ شۇ بۆلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

يېقىندا يەنە يېڭى چاغ گېزىتىدە «ئەجدادىمىز ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغانلارنى قاچان قايتۇرۇپ بەردى؟» دېگەن تېمىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ئوبزورنى تۈركىيەلىك يازغۇچى باتۇخان چولاك يازغان بولۇپ، ئوبزوردا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا ھېچ قانداق بىر جىنايىتى يوقلۇقىنى، زۇلۇمدىن قېچىپ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركلەرنىڭ تارىختا ھېچ قاچان پاناھلىق تەلەپ قىلىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرماستىن قوينىغا ئېلىپ ئىگە چىققانلىقىنى بايان قىلغان.

ئوبزوردا، 1949-يىلى كەشمىرگە قېچىپ پاناھلانغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرگە تۈركىيە ئىگە چىقىپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان: ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەخىرلىك ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرگە ئىگە چىققان تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئەجدادلىرىمىز ھېچ بىر زامان قىلىپ باقمىغان بىر ئەيىبنى قىلىشقا باشلىدى. تۈركىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغانلارنى دۈشمەنگە بېرىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ، ئۇ كىشى بولسا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىر بولغان ئابدۇقادىر ياپچاندۇر.

بىز ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.