ئافغانىستاندىن قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن پاكستان «بىخەتەر» دۆلەتمۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.09.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىي قۇتقۇزىۋېلىشنى چاقىرىق قىلدى ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كابۇل ئايرودرومىغا كەلگەن خەلقلەر. 2021-يىلى ئاۋغۇست.
Oqurmen teminligen

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئافغانىستاندىن قېچىۋاتقان مىڭلىغان باشقا مۇسپىرلارغا ئوخشاشلا، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، ئافغانىستاندا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق ساراسىمغا سېلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باشقا مۇساپىرلارغا ئوخشاشلا تۈرلۈك يوللار بىلەن ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى 2-سېنتەبىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ دۇنيا بازىرىغا كىرىشىمىزدىكى يول خېتىمىز» دېيىشى، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ۋەھىمىلىك كېلەچەكتىن بىشارەت بەرگەن.

نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ قورقۇنۇچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. تالىبانلارنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تالىبانلارنىڭ قولى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ھېس قىلماقتىكەن.

«ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى پاكستانغا كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پاكستان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا خەتەرلىك بىر دۆلەت،» دەيدۇ پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى ئۆمەرخان.

پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىشى، شۇنداقلا بىر ئىسلام دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشى دۇنيا ئۈچۈن بىر سىر ئەمەس. 2019-يىلى پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان نىڭ CNN تېلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق» دېيىشى، ھەتتا يېقىنقى مەزگىللەردە «خىتاي بىزگە شۇنچە كۆپ ياردەم قىلىۋاتسا، مەن قانداقمۇ خىتايغا قارشى گەپ قىلىمەن؟» دېيىشى دۇنيا تاراتقۇلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ بىر سىر ئەمەس.

ئۆمەرخان ئەپەندى بۇنداق بىر شارائىتتا پاكستان ھۆكۈمىتىدىن ئافغانستاندىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارغا ئىشىك ئېچىشىنى كۈتۈش بىھۇدە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇسپىرلار كومىتېتىنىڭ پاكستاندىكى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنىڭ پۈتۈنلەي پاكىستانلىقلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىزچىل پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان مۇساپىر ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ تېگىشلىق قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىكەن.

ھازىرچە نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ 2019-يىلى پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ پاكستانغا كەلگەنلىكى، شۇ يىلى 10-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دىيىشىگە قارىغاندا، ئۇ مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈش جەريانىدا، خىتاي بىلەن پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان ۋە پاكستاندا يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ئاخىرى ئۇمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆزى يول تېپىپ يېقىندا تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن.

رادىيومىز پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلغاندا قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھەقىقدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىگە خەت يازغان ئىدى. 2-سېنتەبىر كۈنى ئۇلاردىن كەلگەن جاۋاب خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «دەرۋەقە، بىز ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن خەتەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرغان بۇ پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە، بىز يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تېخىچە مۇناسىۋەت ئورناتمىدۇق. ئەمما بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ توردىكى ئۇچۇر ۋە ئالاقىمىز داۋاملىق مەۋجۇت.»

24-ئاۋغۇست كۈنى كابۇلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىتالىيەگە يېتىپ كەلگەن بىر مۇساپىر ئۇيغۇر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللەت، خىتاي چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتا. بىزنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك، مەن بارساممۇ خىتاي مېنى ئۆلتۈرۈشى ياكى لاگېرغا قاماپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن ئافغانىستاندىن قاچتىم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.