ھازىر قازاقىستاندا جىددىي ۋە ھەر تەرەپلىمە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا دوستلۇق ھەم رازىمەنلىكنى، مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، يۈزدىن ئوشۇق مىللەتنىڭ بېشىنى قوشۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىنى بىر ئومۇمىي قازاقىستان خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكىنى تەمىنلەشكە ۋە دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتۇر. بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئىلمىي-مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئۇچرىشىشلار ۋە باشقا پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتمەكتە. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى يېقىندا ئالماتادا بولدى.
شەھەرگە ئورۇنلاشقان «دوستلۇق ئۆيى» بىناسىدا قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قازاقىستان ئۆزبېكلىرىنىڭ ئالماتا شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىشىپ، «مەملىكەتتىكى باراۋەرلىكنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلىرى» تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئەبساتتار دېربىسالى ئاچقاندىن كېيىن، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە»، ئالماتا شەھەرلىك ئۆزبېك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇخېلىل ئورالبايېف «ئالماتا شەھەرلىك ئۆزبېك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە»، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا «مەملىكەتلىك باراۋەرلىكنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلىرى : ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتى ۋە يوللىرى» ناملىق دوكلاتلىرى بىلەن سۆزگە چىقتى.
دۈگىلەك ئۈستەلگە يىگىرمىدىن ئوشۇق كىشى ئۆز دوكلاتلىرى بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان ئىدى.
ئاتاپ ئېيتقاندا مەزكۇر يىغىندا يەنە تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى رىسالەت كەرىموۋانىڭ «مەدەنىي ئەنئەنىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى-قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدىئىي قول-ھۈنىرى ئاساسىدا»، ئابلەت كامالوفنىڭ «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك تارىخى ۋە قازاقىستانلىق باراۋەرلىك»، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى (دوكتور نامزاتى) خ. مەسىموۋانىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتى-مەشرەپ ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ئاتالغۇلار»، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى ز. كەرىموۋانىڭ «قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشتە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ رولى»، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ نامزاتى گ. ھاجىيېۋانىڭ «خەلقئارا بىرلىشىش جەريانىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر» ناملىق دوكلاتلىرى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا مەزكۇر يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇمكى، قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت. ئۇنىڭدا يۈزدىن ئوشۇق مىللەت ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى، ئۆتمۈش تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئامما مەقسىتى بىر. ئېلىمىز پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېف رەھبەرلىكىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەت، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار ۋە باشقىمۇ چارە-تەدبىرلەرنىڭ بارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئېلىمىزدىكى تۇراقلىقنىڭ، مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنىڭ ياخشى بولۇشىغا قارىتىلغان. بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن دۈگىلەك ئۈستىلىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىمۇ مانا شۇنىڭدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەنە شۇ سىياسەتكە ئاز بولسىمۇ ئىجابىي تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇنداق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي لايىھە بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇ يىغىن ماتېرىياللىرىنى تېز ئارىدا ئالاھىدە كىتابچە قىلىپ نەشر قىلىشقا تىرىشىمىز. مەن ئويلايمەنكى، يىغىن ماتېرىياللىرى قازاقىستاننىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى ھاياتىنى ئۆگىنىشكە مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.