ئالمۇتا ۋە موسكۋادىكى ئۇيغۇرلار نورۇز ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى
2019.03.25
نورۇزنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تۈركىي ۋە پارىس تىللىق خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان ئاممىۋى بايرام ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقىمۇ ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەر خىل شەكىللەردە قۇتلۇقلاۋاتقان چوڭ بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى نامايان قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولماقتا. يەنى، نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشنىڭ ۋە ئۆز جەمئىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر پۇرسىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ يىل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ 21-مارتتىن ئېتىبارەن مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى. شۇلارنىڭ بىرى 23-مارتتا ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ «دوستلۇق ئۆيى» بىناسىدا بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا شەھەر ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنداقلا باشقا مىللەت مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار بولۇپ 200 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى. ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ پائالىيەت مەركەزنىڭ شەھەرلىك شۆبىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «ئەتكەن چاي» فېستىۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن.
نورۇز بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف بارلىق مېھمانلارنى نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، نورۇز بايرىمىنىڭ ھازىرقى پەيتتە، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا ھەم كۈلپەتلەر، ھەم ياخشىلىقلار كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ بايرامنىڭ قازاقىستان تارىخىدا سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان «ئېھسان» ژۇرنالىنىڭ تەھرىرات ئەزاسى يارمۇھەممەت داناخۇنوف مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ يەردىمۇ شۇنداق پائالىيەتلەر ئۆتۈۋاتىدۇ. قازاقىستاندا 500 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆپ ئىمكانىيەتلەر يارىتىلغان. تىياتىر، مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بار. ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى يول قويىدۇ.»
ئۇ ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر بىر پاجىئەگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس، ھازىر ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ئەنئەنىۋى تويلىرىنى تويلاشقا، ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا شارائىت يوق. ئەكسىچە، تىل، مەدەنىيەت تەرەپتىن ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىپ، راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى سېلىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
مەزكۇر نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقان باشقا مىللەت ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تائاملىرىدىن ئېغىز تېگىپ، سەنئىتىدىن ھۇزۇرلانغان. ئالمۇتا شەھەرلىك قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى قازبېك مانسۇروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەن چوڭ خۇشاللىق بىلەن بۇ پائالىيەتكە كەلدىم. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تويلاۋاتىدۇ. ئادەملەر بۇ چوڭ بىناغا بىر-بىرىنى تەبرىكلەش، تىلەك ئېيتىش ھەم بىر ئەلدە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن يىغىلدى. چۈنكى بىز ھەممىمىز بىللە ياشاۋاتىمىز، ئىشلەۋاتىمىز ھەم مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشكە تۆھپىلىرىمىزنى قوشۇۋاتىمىز. مەن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاشتا چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەبەيدۇللا جاپپاروف «ئەتكەن چاي» فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەتكەن چاينىڭ خىسلىتى، پايدىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتكەن چاينى نېمە ئۈچۈن ئىچىدىغانلىقىنى باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش. ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن سۈت، تۇز قوشىدۇ، تەنگە نېمە پايدىسى بار، شۇنى فېستىۋالدا كۆرسەتتۇق. ئەمدى ئۇ ياقتا بولۇۋاتقان ئەھۋالنى بىز ئاڭلاۋاتىمىز. مۇشۇنىڭدىن بىر ئاز ۋاقىت بۇرۇن قۇرئان ئوقۇتۇپ، ماتەم تۇتۇش توغرىلىق پاراڭلار بولدى. بىز ھەر قانداق تويلارنى توختىتىمىز دەپ، نورۇزغىچە ماتەم تۇتتۇق. ئەمدى نورۇز دېگەن قەدىمىي بايرام. ئۇنىڭغا ھېچ قانداق توسالغۇ بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن».
مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىللىرى ھەمدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان چوڭ كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا يەنە رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى، شۇنداقلا قول-ھۈنەر ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، نورۇز بايرىمى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىمۇ بولۇپ ئۆتكەن.
موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، 24-مارتتا موسكۋا شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئۆيىدە نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان چوڭ مۇراسىم بولۇپ ئۆتكەن. شەرىف ئەخمەتوف مۇنداق دېدى: «ئۇ يەرگە 19 مىللەتنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئادەم ناھايىتى كۆپ بولدى. مىللىي تائاملارنى، كىيىم-كېچەك، ساز ئەسۋابلىرىنى كۆرسەتتۇق. سائەت 2دە كونسېرت باشلاندى. كونسېرتقا ئالمۇتادىن كەلگەن يەتتە ياش بالا ئۇيغۇر كىيىملىرىدە ئۇسسۇل ئوينىدى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار خېلى قاتناشتى. ئەڭ ياخشى باراڭلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بولدى. تاماقلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسىنى ھەممىسى كۆردى. ئۇلار تاماقلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىكەن دېدى. ھەممە نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆتتى.»
شەرىف ئەخمەتوفنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋاغا بولغان كۆز قارىشى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنداق ئىشلارغا قىزىققۇچىلار ناھايىتى ئاز ئىكەن. شۇنداقتىمۇ بۇ جەھەتتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە، تور بەتلىرىدە تەشۋىقات قىلىشقا ھۆكۈمەت توسقۇنلۇق قىلمايدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيەدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولماي، پەقەت موسكۋا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا 400-500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن.