راند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور سىكوت ھېرولد بىلەن مەخسۇس سۆھبەت
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالياسكا شىتاتىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئۇچرىشىش پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ يىل يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى بولغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، ئىقتىساد، سودا، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلار تۈپەيلى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقتىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. بىز بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى، ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي نەتىجىسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق سىياسەت تەتقىقات ئورگىنى بولغان «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ پىشقەدەم مۇتەخەسسىسى، دوكتور سىكوت ھېرولد بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
سىكوت ھېرولد بايدىن ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشتا ئامېرىكانىڭ خىتايغا بىر قانچە تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەردە سېگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، بۇلار ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى توختىتىش، ئەقلىي مۈلۈك جاسۇسلۇقىنى توختىتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا خىتايغا ‹ئەگەر خىتاي يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتكەن تەقدىردە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ئۆزگەرمەي، يەنىلا 'ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى كەيپىياتى بىلەن ئىش قىلىۋاتىدۇ، بىزنى تېزگىنلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ'، دەيدىغان سەپسەتەسىنى داۋام قىلىۋەرسە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ›».
دەرۋەقە، ئالدىقنى ھەپتە ئاقساراينىڭ باياناتچىسى ۋە شۇنداقلا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا يەنە تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭمۇ ئامېرىكا تىلغا ئالىدىغان مەسىلىلەر ئارىسىدا بارلىقىنى ئېيتقان. سىكوت ھېرولد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئۇچرىشىشتا ئامال بار بۇ نېگىزلىك مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكانىڭ تەلەپلىرىدىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ يىغىن خىتايغا نىسبەتەن دۆلەت ئىچى سىياسىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىشنى قوبۇل قىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇلار بۇ يىغىننى دۆلەت ئىچىدە قانداقتۇر شى جىنپىڭنىڭ دېپلوماتىك غەلىبىسىدەك ۋە خىتاي ئامېرىكانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك تۇرغاندەك تەشۋىقات قىلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەنچە خىتاي يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەرنى كۆپرەك يورۇتىدۇ، مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ‹ئامېرىكا بىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماقچى بولدى› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئاندىن يەنە خىتاينىڭ بىزگە ياد بولۇپ كەتكەن ئۇسلۇبى بويىچە ‹ئامېرىكا ئىنسانىيەت تەقدىرىگە، دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە بىزنىڭ ياردىمىمىزنى تەلەپ قىلدى› دېگەن جۈملىلەرنى قوللىنىدۇ. خىتاي ئۇچرىشىشتا بەلكىم ئامېرىكانىڭ ‹تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى› يىغىنلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا، ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىشى مۇمكىن.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئاستىن بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىدىن كېيىنلا ئالياسكادا خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشماقچى بولۇشى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن مەلۇم مەنىگە ئىگە، دەپ قارالماقتا.
سىكوت ھېرولدنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىغىننى ئالياسكاغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا مۇھىم سېگنال بەرگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنىڭىزدەك، بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شەرقىي-شىمالىي ئاسىيادىكى شېرىكلىرى بىلەن كۆرۈشىۋاتىدۇ. ئارقىدىنلا خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋاقىت جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ بىزگە يىغىننىڭ ئومۇمىي رامكىىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ يىغىن يا ۋاشنگتوندا ئەمەس، يا بېيجىڭدا ئەمەس، ئالياسكادا ئېچىلماقچى. يىغىن ئورۇن جەھەتتىنمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. مەنچە، ئامېرىكا بۇ يىغىننى ئالياسكاغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي رەھبەرلىكىگە‹قارا، بۇ پەقەتلا بىر قوشۇمچە يىغىن. بىز سېنى پايتەختىمىزگە تەكلىپ قىلمىدۇق، ئەكسىچە ھەر ئىككى تەرەپكە ئۇزاق، خالىي بىر يەردە ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزدا ئىلگىرى بولغاندەك تەنتەنە ۋە كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى بولمايدۇ، › دەۋاتىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا ‹سەن ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭ ئويلىغانچىلىك ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، سەن بىز بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىمەن دېسەڭ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىشىڭ كېرەك، ئەگەر ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىكەنسەن ئۇ ھالدا مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇنداق قېيىنلىشپ ماڭىدۇ، ›دېگەن سېگنالنى بېرىۋاتىدۇ. يىغىننىڭ مەقسىتىمۇ مانا مۇشۇ. ئەمدى خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتمىسا، تەيۋەنگە تەھدىتسېلىشنى توختاتمىسا، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا، چوقۇم ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە يولۇقتۇرۇلىدۇ، دەپ قارايمەن.»
جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش قاتارلىق رايون خاراكتېرلىق ۋە دۇنيا خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە باشقا شېرىك ۋە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق خەلقئاراۋى ھەرىكەت قوزغاشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەر پۇرسەتتە تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. سىكوت ھېرولد بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاللىقاچان نەتىجە قازانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى «ئامېرىكانى خىتايغا قارىغاندا ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە، دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ» دەپ خۇلاسىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ ئۇچرىشىش خىتايغا ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. خىتاي بۇ نۆۋەت ئامېرىكاغا ئاسانلىقچە‹بىز دېگەن بەك مۇھىم دۆلەت، شۇڭا خالىساڭ مانا، خالىمىساڭ ئەنە› دىيەلمەيدۇ. دەل ئەكسىچە، مەن ئامېرىكانى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە رىقابەتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شېرىكلىرى ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلەرنى رىقابەت يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خېلى پۇختا تەييارلىققا ئىگە، دەپ قارايمەن. ھازىر ئامېرىكانى خىتاي بىلەن ئارىمىزدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە، دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشتە ئاللىقاچان غەلىبە قازانغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەيلى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا بولسۇن، مەيلى ئامېرىكا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتە بولسۇن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكاغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوڭشاشتا بولسۇن ئۇ بەلگىلىك غەلىبە قازاندى. خىتايمۇ بۇنى ھېس قىلدى، ئۇ ئىچكىي جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن ۋە خەلقئارادا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن كۈچلۈك بىر ئامېرىكانىڭ، رەقىبلىرىگە تېخىمۇ ۋەھىمە سالىدىغان ۋە رىقابەتكە تولغان بىر ئامېرىكا بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.»
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سىكوت ھېرولد بىلەن ئالياسكادا ئېچىلىدىغان ئۇچرىشىش ھەققىدە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. بۇنى ئىرادە تەييارلىدى.