خىتاي نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغايدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.02.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سىن ئارقىلىق سۆھبەتلىشىىشنىڭ نەتىجىسى نېمە بولدى؟ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئاقسارايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سىن ئارقىلىق سۆھبەتلەشمەكتە. 2021-يىلى 15-نويابىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان، بايانات بېرىش، دوكلات ئېلان قىلىش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئامېرىكىغا قارشى ئاخبارات ھۇجۇمنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىماقتا.

20-فېۋرال كۈنى خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە نەشىرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا، «ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى، نومۇسسىزلىقى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە دوكلات» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا كەلتۈرگەن ئاتالمىش «زوراۋانلىق سىياسىتى»، سىياسىي زومىگەرلىك، مىلىتارىست ھەربىي زومىگەرلىك، ئىقتىسادىي زومىگەرلىك، پەن تېخنىكىدىكى مونوپول قىلىش ۋە باستۇرۇش زومىگەرلىكى، دېموكراتىيە تونىغا ئورۇنۇۋالغان مەدەنىيەت زومىگەرلىكى دېگەندەك 5 نۇقتا بويىچە، ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، بارغانچە قارشىلىشىش ۋەزىيىتىگە يۈكسەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى كۈرەش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ بولغانىكەن.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۆتكەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدىغان قارشىلىشىشقا ئۆزگەرمەكتە. بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا، ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت، سىياسىي تۈزۈمى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلاردا ئوخشىمىغان پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي ئەلۋەتتە ئامېرىكىنى كۈرەش نىشانى ۋە دۈشمەن قىلىۋالىدۇ. چۈنكى خىتايدەك مۇستەبىت تۈزۈمدىكى بىر دۆلەت كۈچلۈك بىت دۈشمەنگە ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش تۈزۈم ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىقلاردا خىتايغا پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى بولغان دۆلەت ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ ئەلۋەتتە».

ئادۋوكات تېڭ بىياۋ خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قاراتقان، ھۇجۇم تۈسىنى ئالغان تاشقى سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تالىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ھازىر خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى نامايان قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇ تاشقى سىياسىتىدە چىلبۆرىلەرچە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتى قوللىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا ياكى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ چىلبۆرىلەرچە ھۇجۇم تۈسىنى ئالغان بۇ خىل تاشقى سىياسىتى ئاساسلىق ئېقىم بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىمۇ، پۈتكۈل يەرشارىغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش. يەنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن دۇنياغا بولغان يېتەكچىلىك ئورنىنى تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش. خىتايچە باشقۇرۇش مودېلىنى تېخىمۇ جىق جايلارغا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان».

تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئامېرىكا دۈشمەنلىكى ئەنئەنىسىگە قايتقان بولۇپ، خىتاي نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قارشى ئاخبارات ئۇرۇشىدا، ھەر ۋاقىت ئامېرىكىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان تەشۋىقات ئۇرۇشىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ غەربكە قاراتقان ھۇجۇم نىشانى ئامېرىكا بولىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە، ئۆزىنى كۈچلۈك ھېسابلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە، «دۇنيادا 2-چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسى» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا، «ئامېرىكا ئەڭ چوڭ توسالغۇ» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلگەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا يۈرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «زوراۋانلىق سىياسىتى» ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈمىنى دۇنياغا كېڭەيتىش، سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بازىرىنى مونوپول قىلىش، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىلىرىنى خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىش قاتارلىقلاردا ئامېرىكانى ئاساسلىق توسالغۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن غەرب دۇنياسىغا بولغان قارشىلىقتا ئامېرىكانى ئاساسلىق دۈشمەن نىشانى قىلماقتىكەن.

نيۇ-يوركتا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىشىدا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كىرىزىسلارغا بولغان دىققەتنى بۇراش ئارقىلىق جاۋابكارلىقتىن قېچىش قاتارلىق ئامىللارمۇ سەۋەب بولغانىكەن.

خۇ پىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. يەنى ئامېرىكانى زوراۋانلىق بىلەن قاتتىق ئەيىبلەۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ دىققىتىنى بۇرىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل ۋاسىتىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق رۇسىيەگە ياردەم بەرمەكچى. كۆپچىلىك كۆرۈۋاتىدۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي ئاشكارا ھالدا رۇسىيەنى قوللاش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىيەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ، يالغاندىن ئارىچىلىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. ئۇ ئاتالمىش مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە باشتىن ئاخىر رۇسىيەنى ئەيىبلىمىدى. ھەتتا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇرۇش دېگەن كەلىمىنىمۇ ئىشلەتمىدى. بەلكى رۇسىيەنىڭ تىلى بويىچە‹ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى›دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ مەسىلە چوڭىيىپ كەتتى. شۇڭا كىمنىڭ جاۋابكارلىقى مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئۇ بۇ ئاۋارىچىلىكنى ئامېرىكاغا دۆڭگىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق رۇسىيەنى ۋاسىتىلىك قوللىماقچى».

خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ئاپىتى مەزگىلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا «سوۋېت سوتسىيال جاھانگىرلىكى» دەپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، خىتاي خەلقىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان ۋە خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغانىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى يەنە، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش ۋە سىياسىي باستۇرۇشقا قارىتا، خىتاي خەلقىدە قوزغالغان نارازىلىقنى بېسىش، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ سەۋەبىنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكاغا قارىتا خەلقئارالىق قارشىلىق دولقۇنى قوزغاشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى 3 يىلدا ئېلىپ بارغان‹يۇقۇمغا قارشى قاتتىق قامال تەدبىرى› خىتاي پۇقرالىرىنى ئىقتىساتتا ۋەيران قىلدى. ئۇنىڭ‹يۇقۇم قامالى›نى تۇيۇقسىز بىكار قىلىشى بولسا، يۇقۇمنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىش دولقۇنى قوزغاپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى. ھازىر ئۇنىڭغا قارىتا دۆلەت ئىچىدە نارازىلىق ئىنتايىن كۈچلۈك. كۆپچىلىككە ئايانكى بۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقى. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى ھېس قىلىقلىق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇ بىر باھانە تېپىپ ھۇجۇم نىشانىنى ئامېرىكاغا قارىتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇ دىققەتنى بۇرىيالايدۇ. خىتاي يەنە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىدە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشى سەۋەب بولدى دېمەكچى. ئۇ يەنە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق رۇسىيەنى قوللىماقچى. شۇڭا ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى بارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكانى ئەيىبلەۋاتىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.