«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكلىپ قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا (3)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.06.08
qara-su-yallanma-esker-awangart-kitab.jpg «قارا سۇ شىركىتى» ھەققىدە ئېرىك پرىنس يازغان كىتابىنىڭ خىتايچە نەشرىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ھەققىدىكى ئېلان.
Photo: RFA

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكلىپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت ھەققىدە ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۈز بەرگۈسى قارشىلىقلارغا ئوخشىمىغان شەكىللەردە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ھەمكارلىققا قانداق ئارقا كۆرۈنۈش مەزمۇنلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

ئامېرىكادا نامى چىققان«قارا سۇ» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنس يېڭىدىن تەشكىللىگەن «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان ئىككى يىلدىن بۇيان خىتايدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا بۇ توغرىلىق كۆپلىگەن يازمىلار ئېلان قىلىنغان. خىتاي ئوقۇرمەنلىرىنى ھەممىدىنمۇ بەك ھاياجانغا سالغىنى بۇ شىركەتنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئىراقتا قانداق خېيىم-خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، بۇ شىركەتتىكى سابىق ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ قانداق جاپالىق مەشىق ۋە جەڭ ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق بىر شىركەتنى قۇرغان كىشى يېڭىدىن تەشكىللىگەن بىر شىركەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق بەرپا قىلماقچى بولغان «يېڭى يىپەك يولى» ئۈچۈن قانداق زور ئەھمىيەتكە ئېگە ئىكەنلىكى قاتارلىقلار بولغانلىقى مەلۇم.

ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئاسىيادىكى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مۇھىت تېمىلىرى بويىچە ئاكتىپ يېزىقچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئاخباراتچى كرىس خورتون (Chris Horton) «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخبىر سۈپىتىدە يۈننەن ئۆلكىسىدە توققۇز يىل ياشىغانلىقىدەك كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەمدە خىتاي جامائىتىنىڭ بۇنداق بىر ھەمكارلىقنى شۇنچە داغدۇغا بىلەن قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇلاردىكى قورقۇنچ تۇيغۇسىدىن بولغان، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئېرىك پرىنسنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان سىتىك (CITIC) گۇرۇھىغا باشچىلاپ دېگۈدەك كىرىشىپ كېتىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› غا ئارىلىشىپ قېلىشى ھەققىدە پىكىر قىلغىنىڭىزدا بەزى قىزىقارلىق سوئاللار تۇغۇلىدۇ. ھازىر بۇ خىل ئارىلىشىپ قېلىش يۈننەندىن ھالقىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىن تاكى پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا قەدەر سوزۇلۇۋاتىدۇ. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەك بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇنىڭدىكى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق چېگرا لىنىيىسىدە پاكىستان ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ئومۇمەن ئەڭ خەتەرلىك رايون، دەپ قارىلىدۇ.»

كرىس خورتوننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھازىر ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېتەكچى ئورۇنغا چىقىشنى ئالدىنقى نىشان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھىندى ئوكيان ئەتراپىدىكى جايلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چەكلىك بولماقتا ئىكەن. «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ تەكلىپ قىلىنىشى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارى ئارقىلىق مانا مۇشۇ مەقسەتتىكى تىرىشچانلىقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ چارىلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ زور ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئېگە رايونلاردۇر. چۈنكى بۇ جايلار كۆپ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلار. شىنجاڭنى ئالساق ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرنەچچە دۆلەت بىلەن ھەمدە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يۈننەندىكى چېگرا بولسا بىرما، لائوس، ۋىيېتنام قاتارلىقلارغا تۇتىشىدۇ، بۇ جايلار بولسا تايلاندقا بەك يېقىن. بۇ جايلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى تەرەققىيات پىلانى بولغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› ئۈچۈن، شۇنداقلا خىتاينى تاشقى دۇنياغا باغلاش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئېگە. بولۇپمۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› دا شىنجاڭ ۋە يۈننەن خىتاينىڭ بىۋاسىتە ئوكيان يۈزىگە، بولۇپمۇ ھىندى ئوكيانغا چىقىشىدا ئاچقۇچلۇق ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا پاكىستاندىكى گۋادار پورتى شىنجاڭ ئۈچۈن، بولۇپمۇ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق پورت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن باشقا ئامىللارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەشىق بازىسى ئېچىلماقچى بولغان شۇ رايوندىكى خەلقلەر ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىمۇ ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇشۇ ھەقتىكى ھادىسىلەر توغرىلىق ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق تور يازغۇچىسى جېيمىس كوربېت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تېمىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا بەزى شەخسلەرنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ قېتىملىق ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس ياللانما قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى كۆزلىمەكتە» دەپ قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا جېيمىس كوربېت بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» ئۇيغۇرلار دىيارىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىشىغا قاراش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇنىڭغا ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› نىڭ بۇ رايوندا (يەنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا) قايسى يوسۇندا ئىشلىتىلىشىگە ھەمدە خۇددى ئىراقتا ‹قارا سۇ› قوشۇنى سۈپىتىدە قىلغان ھەرىكەتلىرىنى بۇ رايوندا قايسى دەرىجىدە قىلالىشىغا قاراپ بىرنەرسە دېيەلىشىمىز مۇمكىن. يەنە كېلىپ ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› قايتا- قايتا قىلىپ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىراقتىكىدەك ئۇ دەرىجىدە ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ راستىنىلا شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى ئاڭقىرىشى لازىمكى، بۇنىڭدىكى باش ئوبراز، يەنى ئىراقتا ئاشۇنداق سەلبىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ‹قارا سۇ› ياللانما قوشۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنس ھازىر ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› نىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ شىركەت ھازىر شىنجاڭ رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر قىسىم ئامانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېمەك بۇ ئىشلار جەزمەن ئىراقتا خىزمەت قىلغان ئاشۇ توختاملىق خىزمەتچىلەر ئىجرا قىلغان ‹تۆمۈر مۇشت› ئىستراتېگىيەسىنىڭ قايتا قوللىنىلىشى، دەپ قارىلىشى لازىم. چۈنكى ھازىر مۇشۇ ئەھۋال شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك بۇ ئىشلار ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان بىر قاتار ھادىسىلەردە، جۈملىدىن بوۋاقلاردا ‹مۇھەممەد› ۋە ‹جىھاد› دېگەندەك ئىسىملارنى مەنئى قىلىش، ساقال ۋە باشقا نەرسىلەرنى چەكلەش قاتارلىقلاردا ئەكس ئېتىۋاتىدۇ. دەرۋەقە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تولىمۇ غۇۋا شەكىلدە تېررورلۇققا تەبىر بېرىشنى مەقسەت قىلغان ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› غا ئائىت بۇ ئىشلار مۇشۇ دائىرە ئىچىدە نەزەرگە ئېلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى خەلق ئۈچۈن تەھدىتتىن باشقا نەرسە بولمايدىغانلىقى دىققەتتىن ساقىت قىلىنماسلىقى لازىم.»

«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەشىق بازىسى ئاچماقچى بولغانلىقى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر قىلغانلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي كۈچى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتا ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىدنى يوق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. يەنى خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلاردىكى خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشتا مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن ئۈمىدىنى ئاللاھقا باغلاش، ئاندىن قالسا ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، شۇنىڭدەك خىتاينى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئېگە بولغان ئامېرىكىدىن ئۈمىد كۈتۈشتەك بىر روھىي تۈۋرۈككە پالتا چېپىش» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، ئاندىن ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنيادىكى ئادالەتتىن ئۈمىد ئۈزۈشكە، ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا يالغۇز ۋە ياردەمچىسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. سۆھبەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: 
ئامېرىكىدىكى «ئامېرىكا مۇئەسسەلىرى ئىنستىتۇتى» نىڭ خىتاي مەسىلىلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىسى دېرېك سىسسورس بولسا مۇستەقىل ئاخباراتچى ئارام روستون بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە ئوڭ كۆزىدە قارىمايدۇ. چۈنكى بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىز خىتايلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىغا ياردەم بەرمەيمىز› دەيدىغان كۆز قارىشى بىلەن مۇخالىپ كېلىدۇ» دېگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەشىق بازىلىرى 2018- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھېلىھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.