ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن
2018.04.16

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تەرەپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدىغان چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان سېرىق پۇرچاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، 5-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى يەنە بىر مىليارد دوللار كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» نىڭ كەسكىنلىشىشى خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.؟
خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» نىڭ كەسكىنلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي ئانالىزچىلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» خېلى ئىلگىرىلا باشلانغان ئىكەن. ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ مەسىلە ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىنماي كەلگىنى ئۈچۈنلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە كەسكىنلەشكەن ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئوبزورچىسى ۋېي جىنشىڭ ئەپەندى ئەنە شۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» نى ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ خەلقئارا سودا ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
ۋېي جىنشىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىدىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا نۇرغۇنلىغان دوستلار خاتا چۈشەنچىدە بولماقتا. ئۇلار ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى قوزغىدى، خىتاي ئامالسىز جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا. ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقىلى 20 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولدى. ئالايلۇق، خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى بېكىنمىچىلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى "جۇڭگوچە سوتسىيالىزم" نامىدا غەرب ئىدېئولوگىيەسىنى چەكلىشى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ غەربكە قاراتقان چەكلىمە سىياسەتلىرىدۇر.»
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قويغان باج تەدبىرىدىن كېيىن خىتاينىڭمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىگەرلىرى ئارقىلىق ترامپ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى سودا مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خې چىڭليەن خانىم مۇنداق دېدى: «23-مارتتىن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىدە ئىككى قېتىم ئېغىر سۈركىلىش يۈز بەردى. ئامېرىكىدا سېرىق پۇرچاق پرېزىدېنت ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپ بولغان ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمدا ئۆستۈرۈلىدۇ. خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدىكى كۆك پۇرچاق ئۆستۈرىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانلىرى خوجايىنلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدىغان بۇنداق قارارنى چىقىرىش ئارقىلىق پرېزىدېنت دانولد ترامپقا بېسىم ئىشلىتىشنى، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا قويىدىغان باجنى ئۆستۈرۈش قارارىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
ھالبۇكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 4-ئاپرېل تۋېتتىردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئورۇشىغا كىرمىگەنلىكىنى، بۇ ئۇرۇشنىڭ خېلى بۇرۇنلا باشلىنىپ ئاخىرلىشىپ بولغانلىقى ۋە ئىلگىرىكى يارامسىز رەھبەرلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. دانولد ترامپ يەنە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەڭسىز سودا مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ھازىر بىز ھەر يىلقى سودىدا 5 مىليارد دوللارلىق پەرق بىلەن زىيان تارتىۋاتىمىز، ئۇندىن باشقا 3 مىليارد دوللارلىق ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىز ئوغرىلىنىپ كەتتى. بىز بۇ ھالەتنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك،» دېگەن. 5-ئاپرېل كۈنى پرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى يەنە بىر مىليارد دوللار كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاليۇمىن، پولات قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتىلغان چېگرا بېجىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ھەپتىدىكى خەۋەرلەردە يەنە خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئەرزان باھالىق خىمىيەلىك توقۇلما ماللار، كۈندىلىك تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرى، كىرئالغۇ، مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان چېگرا بېجىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ «خۇاۋېي» قاتارلىق شىركەتلىرىدە ئىشلەنگەن ئەقىلفونلار ۋە خىتايدا قۇراشتۇرۇلغان كومپيۇتېرلار، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئەقىلفون ئەپلىرىنى ئامېرىكا بازارلىرىدا سېتىشقا چەكلىمە قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە سودا شىركەتلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان بۇ خىل «سودا ئۇرۇشى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئانالىزچى ۋېي جىنشىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ ئۆلچەمسىز، ئەرزان باھالىق تاۋار مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارلاردا تۆكمە قىلىپ سېتىشى، ئۆزى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتىشى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپ ھالدا تېخنىكا ئوغرىلىشى قاتارلىق ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن.»
خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئوبزورچىسى گو باۋشېڭ ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى يەنە بىر مىليارد دوللار كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» دا خىتاينى ئامالسىز ھالەتكە يۈزلەندۈرىدىكەن.
گو باۋشېڭ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئادىل بولمىغان ئۆچ ئېلىش قىلمىشىغا قارىتا خىتاي ماللىرىغا يەنە بىر مىليارد دوللار چېگرا بېجى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بىر خەۋەر بولدى. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋار مەھسۇلاتلىرىدىن 25 پىرسەنت چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتايمۇ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلاردىن 25 پىرسەنت چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى تەڭلەشكەن دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ يەڭگەنلىكىنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق شارائىتتا دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى يەنە بىر مىليارد دوللار كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان چېگرا بېجى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ئۈچتىن بىرىگە، ھەتتا يېرىمىغا تەڭلەشتى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا ئامالسىز ھالەتتە قالدى، دېسەكمۇ بولىدۇ.»
ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 5-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا كىم كۆپ زىيان تارتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا ئامېرىكا ئىنتېرپرايسې ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دېرېك سېكىسسورسنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە «بۇ سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭىشى مۇقەررەر، بۇنىڭغا سوئال كەتمەيدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. دېرېك سېكىسسورس خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تەڭسىز ئىمپورت-ئېكسپورت سودا مۇناسىۋىتىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىلا جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «مەن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇنى پىلانلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تېخىمۇ بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەن.
مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان «سودا ئۇرۇشى» دا چېكىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە «خىتاي، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە قويۇلغان تەلەپلەرنى بوشىتىدىغانلىقى شۇنداقلا چەتئەل شىركەتلىرىدىن تېخنىكا ئۆتۈنۈش تەلىپىنىمۇ توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدىكى ئانالىزدا ئەگەر دونالد ترامپ خىتاينىڭ يازما ۋەدىسىنى ئالالىسا، ئۇنىڭ ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئوباما، بوش ۋە كىلىنتونلاردىنمۇ جىق ئىش قىلىپ بەردىم دېيەلەيدىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كەلگەن قىزىل رەقەملەرنى ئۆزگەرتىش ۋە خىتاينى ئامېرىكا بىلەن بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق رىقابەتتىن ۋاز كېچىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا ھازىر بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدا يەنە ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ماللىرىنىڭ 506 مىليارد دوللار بولغانلىقى، ئەمما خىتايغا ئېكسپورت قىلغان ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئاران 130 مىليارد دوللار بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە ئەگەر خىتاي ئۆزى ئىلگىرى ۋەدە قىلغان خەلقئارا سودا كېلىشىمىدىكى شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.