ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا «سوغۇق ئۇرۇش» باشلىنىۋاتامدۇ؟
2018.10.15

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە «سوغۇق ئۇرۇش» ئاتالغۇسى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئەپەندى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا مەخسۇس خىتاي ھەققىدە يېرىم سائەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي-سىياسىي پائالىيەتلىرى، تېخنىكا جاسۇسلۇقى، ھەربىي كېڭەيمىچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەمدى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىگە ھەم شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مايك پەنسنىڭ بۇ سۆزلىرى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا «سوغۇق ئۇرۇش» يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى. 12-ئۆكتەبىر كۈنى، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا خىتايغا قارشى يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مايك پەنسنىڭ نۇتقى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ «غەيرىي رەسمىي يوسۇندىكى جاكارلىنىشى» دەپ باھالانغان. ماقالىدە، «پرېزىدېنت ترامپ تېخى نامزات ۋاقتىدىلا خىتاينى ئامېرىكىنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ، دەپ شىكايەت قىلغان ئىدى. بىر قانچە ئايدىن بۇيانقى كىچىك قەدەملەردىن كېيىن، ئامېرىكا ئاخىرى بارلىق فرونتلاردا خىتايغا قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى» دېيىلگەن.
مايك پەنس شۇ كۈندىكى نۇتقىدا ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا قارىتا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، ئۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى يەنى بۇ يىل ئاۋغۇستتا پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆزىمۇ سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا «مەن بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقتىمدا ئامېرىكا خىتاينى بېشىمىزغا چىقىرىپ قويۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ بىزدىن ئېشىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بىر يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپتىكەن. بىراق ئەمدى بۇ مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىدى.
«مالىيە ۋاقتى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى گراھام ئاللىسون ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلەرنى پەقەت ئېغىز ئۇچىدىلا دېيىلگەن بىر سۆز بولماستىن بەلكى ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شەكىللىنىۋاتقان جىددىي بىر ئىستراتېگىيەنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ترامپ ھۆكۈمىتىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاشىنگتون-بېيجىڭ ئارىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش يېڭىلىق ئەمەس. خىتاي ئامېرىكا بىلەن يىللاردىن بېرى ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى يېڭىلىق شۇكى، ئامېرىكا بۇنىڭغا ئەمدى ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. خۇددى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭمۇ ئېيتقىنىدەك، خىتاي ئامېرىكىغا قارشى سودا ئۇرۇشى قوزغىغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. پەرقلىق بولغىنى، بىز ئەمدى بۇ ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن بەل باغلىدۇق.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزدە بىرىنچى قېتىملىق «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نىڭ زادى قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىدەك سەۋەبلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تېخى رەسمىي يوسۇندىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇقەررەر بىر ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ھازىرقى ئىختىلاپتا سودا ئىختىلاپىنىڭ ئاساسىي تېما بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا قاچان ئىدېئولوگىيە، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ئالماشقاندا ئاندىن ئۇنى «سوغۇق ئۇرۇش دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلى» قىنى ئېيتتى.
ھالبۇكى يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپتا گەرچە سودا مەسىلىسى كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىختىلاپنىڭ تۈپ يىلتىزى سودا ئەمەس، ئىككى پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە سىستېمىلارنىڭ زىددىيىتى ئىكەن.
15-ئۆكتەبىر كۈنى، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتلەر ۋە ئىدېئولوگىيەلەر ئۇرۇشى» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى، بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى جاڭ لىننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا ئارزۇ قىلغاننىڭ ئەكسىچە، تەرەققىي قىلغانسېرى سودىنى قامال قىلىشنى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، خۇسۇسىي كارخانىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. دۇنيادا، «خىتاينىڭ مودېلى قۇدرەتلىك »دەپ قارىلىدىغان، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى چوڭ كۆلەملىك كارخانىلار ۋە ئەركىن بولمىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي خاھىشلار تۇيۇقسىزلا جەلپ قىلارلىق كۆرۈنىدىغان بىر خىل ئېقىم، يەنى ئاتالمىش «بېيجىڭ پىكىر بىرلىكى»ئېقىمى شەكىللىنىشكە باشلىغان.
ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تارىختىن قارىغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى ئامېرىكانى بىئارام قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكنى قوغدىمايدىغان ۋە دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى بولمىغان تەرەققىيات مودېلى ئامېرىكانى بىئارام قىلغان. ئامېرىكا بولسا ھازىر بۇ مودېلنىڭ كەڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول قويۇپ بېرىشىنىڭ خەتەرلىرىنى كۆرۈپ يەتتى ۋە ئۆزىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن سوغۇق ئۇرۇش پىلانلاۋاتىدۇ» دەپ يازغان.
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كېۋىن كاررىكو رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا بولسا، بۇنىڭ يالغۇز ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشى بولۇپ قالماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەر كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسان غۇرۇرى ۋە ئەركىنلىكىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. شۇڭا بۇ ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككىلا پارتىيە قارشى تۇرىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى كېرەك. ھەر ئىككى پارتىيەدىن مەيلى كىم ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ لىبېرال دۇنيا تەرتىپىگە پەيدا قىلغان تەھدىتىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم بىر ئىستراتېگىيە بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كېرەك» دېدى.