ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى قۇرۇش پىلانىغا قارشى بىرلىشەلەمدۇ؟
2023.10.23
19-ئۆكتەبىر كۈنى، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىشىپ خىتايغا ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ياۋروپانىڭ ئەمدى خىتاي مەسىلىسىدە ئالدى-كەينىگە دەسسىمەي، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ماقالىنىڭ چىقىش نۇقتىسى خىتاينىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە قارىتىلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى مەركەز قىلغان بىر قاتار دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى سەپكە رەسمىي بۆلۈنۈۋاتقانلىقى، ئەمما ياۋروپانىڭ تېخىچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ، مەنپەئەتلىرىنى دەڭسىيەلمەي، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكالىق سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن تەڭ تارىخقا ئايلاندى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى باشلامچى ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما بۈگۈن خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، بۇ دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇپ، مۇستەبىتلىك ھاكىم بولىدىغان بىر دۇنيا قۇرۇش چۈشىنى كۆرمەكتە. ئاندېرس كور ئەپەندى خىتاينىڭ 1970-يىللاردىن تارتىپلا، دۇنيانى ئۆزىگە پايدىلىق تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، ھازىر بۇنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«50-يىللاردا خىتاي شىمالىي كورېيە ئۇرۇشىغا كىرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە قىسمى بىلەن سوقۇشقان. 70-يىللاردا ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولدى، تەيۋەننى بۇ تەشكىلاتتىن چىقىرىۋەتتى. خىتاي گۈللىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەندىن كېيىن ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈشكە مەبلەغ سالدى. ھازىر ئۇ كونا دۇنيا تەرتىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىتىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى. مەنچە، ئۇلار بىرىنچى قەدەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، خىتاينىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان كۈچلۈك بىر تەشكىلات قىلماقچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى. چۈنكى خىتاي ھەقىقەتەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىشەنمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئۆزىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ» .
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ «4 دۆلەت ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. ئەمما ياۋروپا خىتايدىكى مەنپەئەتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىشكە ئانچە قىزغىن بولمىغان. گەرچە بۇ يىل پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېرلىن خىتاينىڭ بىئو-تېخنىكا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلات ۋە سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىش خەتىرىنى يوقىتىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىپ، «ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلتىز بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇيېل ماكرون بۇ ئىستراتېگىيەنى قوللاپ كەتمىگەن.
ئامېرىكا گوللاندىيەنى خىتايغا مىكرو ئۆزەك (چىپ) ياسايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بەرمەسلىك توغرىسىدا خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرى گەرچە ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلسىمۇ، خىتايغا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىپ بېرىش خەتىرىنىڭ خىتايدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەتكە قارىغاندا يامان بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان.
ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەرەققىيات مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى دۇنياغا خوجا بولۇش. بۇ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولدى. شۇڭا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىشىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ «دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش» پىلانىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەڭ ياخشى چارە شۇكى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىكتە ئىش باشلاپ، دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، بۇ دۆلەتلەرگە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىدىن ئەڭ ياخشى سودا پۇرسىتى بېرىش كېرەك. شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، ئىران، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سودىسىنى چەكلەش، تىجارەت يوللىرىنى تارايتىش كېرەك. بۇ توغرا ئۇسۇلدۇر، شۇ چاغدىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بەشتىن ئىككىسىنى ئىگىلەيدىغان ئامېرىكا-ياۋروپا بازىرىغا كىرمەكچى بولغانلارغا ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ» .
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايدىن پۈتۈنلەي ئادا-جۇدا بولالمىغاندەك، ياۋروپامۇ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ قىزىل سىزىقىنى تېخى بېكىتمىگەن. خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى باشلىنىپ 10 يىل ئىچىدە، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەكىلدە باغلىنىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش پىلانى دېيىش تېخى بالدۇر، ئەمما بۇ پىلان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تاقىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ پىلان ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە ئىقتىسادىي رايون ۋە خەۋپسىزلىك نىشانىغا يېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ پىلان ئەمەلىيەتتە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى كۆپلىگەن پىرىنسىپلارغا خىلاپ. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئاچقان <بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى> يىغىنى دەل بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىۋاتقان تەشكىلىي ئورگانلارنى يېڭىلاش ۋە پايدىغا مېڭىش ئۈچۈن بېسىلغان بىرىنچى قەدەمدۇر» .
يۇقىرىقى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپالىقلار «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ» دەپ قارىغاچقا، ئۆزلىرىنى ئامېرىكا ئۈچۈن خىتايدەك مۇھىم ئەمەس، دەپ بىلگەچكە، ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئالدىراپ كەتمەي، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئىش تۇتۇپ كەلگەن. ئۆتكەن يىل 2-ئايدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى ياۋروپاغا تەھدىت سالغانلىقى، خىتاي رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايدىن يىراقلىشىپ، ئامېرىكاغا يېقىنلىشىشقا باشلىغان، ئەمما خىتايمۇ بۇ پۇرسەتتە ياۋروپانىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى ئامېرىكادىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، بەزىدە ئامېرىكاغا ياخشىچاق بولۇپ، ياۋروپانى ئارىسالدى بولۇشقا مەجبۇرلىغان. خىتاينىڭ ھىيلە-مىكرىنى بىلىپ بولالمىغان غەرب دۇنياسى ئامېرىكانىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بېقىپ، ئاندىن سىياسەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىكەن.
رايموند كو ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئەڭ ئاقىلانە يول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ياۋروپا بىلەن بىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق ئەمەل قىلالايدىغان سودا قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشى كېرەك. مەنچە، ئۇلار نازارەتچىلىك تەدبىرىنى كۈچەيتسىلا، سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى ياكى تور ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلەيدۇ» .
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىدىن كېيىن، قانداقتۇر «شەرقنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقى، غەربنىڭ چۆكۈۋاتقانلىقى» ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەرەب ۋە ئافرىقا ئەللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى قۇرۇش تەييارلىقىنى باشلىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنماقتا. خىتاي بىلەن رۇسىيە دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە كېلىشكەن بىر ۋەزىيەتتە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى چۆرىدىگەن ھالدىكى سودا، تېخنىكا، كىلىمات ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە ئورتاق تونۇشقا كېلىشى تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانماقتا.