«بىرىنچى مۇھەببەت» تىن «جاپى» غىچە: ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ ئۇنتۇلغان مۇساپىلىرى (2)
2024.11.18

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بوران-چاپقۇنلىرىدا نەچچە ئون يىللاپ تەقىب ۋە ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشا سەنئىتى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە قىسقىغىنە يوللار ئېچىلغاندا تېزدىن ئۇيغۇرلاردىكى كىملىك كىرىزىسىنىڭ شولىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائىي ئەينەك بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزىگە تارتتى.
ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىدىكى مىللىي كىملىك
1980-يىللىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئۆز جەزبىدارلىقىنى قايتىدىن نامايان قىلىشقا باشلىغان ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتى ئون يىلغا يېقىن ئىزدىنىش، تەقلىدچىلىك ۋە مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە 1990-يىللاردىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا يېڭى بىر يۈزلىنىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى ھەمدە ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ «ياشلار دەۋرى» سەھىپىسىنى ئاچتى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتىدە «يېڭىچە» دەپ قارالغان بىر قىسىم ئېلېمېنتلار، جۈملىدىن ناخشا تېكىستى، مۇزىكا رىتىمى، «قىزىل» لىققتىن خالىي بولغان جۇشقۇن ياشلىق ئىنتىلىشلىرى ئاساسىي مەزمۇننى تەشكىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئادەتلىنىپ قالغان «ناخشا ئۆلچىمى» نى بۇزۇپ تاشلىدى. بولۇپمۇ شۇ زامانلاردا ناخشا ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مەھمۇت سۇلايمان، ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىق ياشلارنىڭ بىر تۈركۈم «يېڭىچە» ناخشىلارنى جامائەتكە تەقدىم قىلىشى بىلەن ياشلار ئارىسىدا بىر يېڭى تەۋرىنىش بارلىققا كەلدى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «تەكلىماكان» مۇزىكا ئەترىتى، مەھمۇد سۇلايمان (1968-2020) نىڭ «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتى، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان خەلق ناخشىلىرى بولسا خەلق ئارىسىدا كەڭ ئالقىشلانغان ئاممىباب ناخشىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى «تەقلىدچىلىك» ئۇسلۇبىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى بولغان «قارا تۇپراق» ناملىق ناخشىسى بولسا 1994-يىلى ئەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تۈركىيە ناخشىلىرىدىكى كۆپ قىرلىق ئېستېتىكا ئېلېمېنتلىرىنى تەقدىم ئەتتى.
ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ يەنە بىر روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مىللىي ۋە دىنىي كىملىك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جۇغراپىيەلىك رېئاللىق، شۇنىڭدەك خەلق قەلبىدىكى ئىسيانكارلىق ئىنتىلىشلىرى بولدى. 1990-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردە ئورتاق ئەۋج ئالغان بۇ خىل يۈزلىنىش ئۆز دەۋرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە شۇ زاماندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ موڭغۇل ناخشىچى تېڭگېر (Tengger) نىڭ 1993-يىلى خىتايچە نەشر قىلىنىدىغان «ئۈن-سىن دۇنياسى» ژۇرنىلىغا سۆز قىلىپ «مەن ئەمدى ‹گۈزەل يايلاق مېنىڭ ماكانىمدۇر› دېگەندەك ناخشىلارنى ئېيتالمايمەن. چۈنكى مېنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۆزۈمنى ۋە خەلقىمنى ئالدىغۇم يوق. ئۇ گۈزەل يايلاقلار ھازىر پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدىكى «يايلاقنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىدا ۋەيران بولۇۋاتقان چەكسىز يايلاقنىڭ قىسمىتىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى كىتابلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش تارىخى ھەققىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىدىمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۈسەن ئىجاد قىلغان، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان «بىلەلمىدىم»، «سۈرمە» قاتارلىق ناخشىلارنى سۆيۈپ ئاڭلىشى بۇنىڭ بىر مىسال ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا مەھمۇد سۇلايماننىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «شۈكرى دېدىم» ناملىق ناخشىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلىغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە قىزغىن ئالقىشلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى «سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا» دېگەن قۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىۋاتقان غايەت زور تەبىئىي بايلىقىغا تەمسىل قىلىنغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ ناخشا سەۋەبلىك ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى يېرىم يىلچە ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىشى بىر مۇددەت مەنئى قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلار كەڭ تارقالغان ئىدى.
ئەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تۈركۈم ياشلار خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە قىسقىغىنە ۋاقىت مەۋجۇت بولغان نىسپىي ئەركىنلىك دەۋرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىۋاتقاندا ئۇلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ياش چەت ئەل سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروۋ (1969-2007) بولدى. مۇرات ناسىروۋنىڭ قازاقىستاندىن ھالقىپ ئاللىقاچان رۇسىيە تەۋەسىدىكى ھەممىلا كىشى بىلىدىغان چولپان بولۇشى، ئۇنىڭ رۇسىيە ۋە قازاقىستاندا كۆپ قېتىملاپ داڭلىق مۇكاپاتلارغا ساھىب بولۇشى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىقىدەك پەزىلىتى ئاسانلا ئۇنى ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشا دۇنياسىدىكى ئەڭ يارقىن ئۈلگىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى» نىڭ سابىق جەڭچىسى، شۇنىڭدەك قابىل سازەندە ۋە سەنئەتكار بولغان ئىسمايىل ناسىروۋنىڭ ھەم ئاتا ھەم ئۇستاز بولۇشتەك قوش تەربىيەسىنى ئالغان مۇرات ناسىروۋ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە «گۈلئايىم»، «قالدىم يالغۇز»، «ئايرىلىش» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ناخشىلار بىلەن مەلۇم جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىباب ناخشىلارنىڭ يېڭى پەللىسىگە سىڭىپ كەتتى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇرات ناسىروۋنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن خەلق سەنئەتكارى مۇرات ئەھمىدى ئاكا ئۇنىڭ ئاممىباب ناخشا ساھەسىدىكى تالانتىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
مۇرات ناسىروۋنىڭ ئەنە شۇنداق چوڭقۇر تەسىرى ھەر ساھەگە چوڭقۇر سىڭگەنلىكى ئۈچۈن 2007-يىلى 19-يانۋار كۈنى ئۇ سىرلىق ھالدا ۋاپات بولغاندا «مۇرات ئۆلۈۋالغان» دېگەن ئەپقاچتى گەپلەر ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ شۆھرىتىگە بولغان چوڭقۇر ھەسەتنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە يول ئاچقانلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇنىڭدا قولى بارلىقى ھەققىدىكى تەخمىنلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىدى.
ئۇيغۇر «روك» مۇزىكىسىدىكى پەرقلىق بولغان ئىككى تىپ
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاممىباب ناخشىلارنىڭ يۈكسەك پەللىسى يارىتىلىۋاتقاندا مۇرات ناسىروۋنىڭ موسكۋا سەھنىلىرىدە داڭ چىقارغىنىغا بولغان مەپتۇنلۇق ئۇيغۇر ناخشىچىلار ئارىسىدىمۇ كەڭ تۈردىكى تەقلىدچىلىككە يول ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتىدە ئابدۇرېھىم ھېيت ۋە ئۆمەرجان ئالىم ۋەكىللىكىدىكى دۇتار ئىشقى ۋە غەربچە گىتار بىلەن باغلىنىشلىق بولغان «غەرب ئاشىقلىقى» دىن ئىبارەت ئىككى ئېقىم پەيدا بولۇپ، كېيىنكىسى تېزلا غەرب سەنئەت ساھەسىدىكى مودا ژانىرلاردىن «روك» (rock) مۇزىكىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىردى. بولۇپمۇ «گىتار شاھى» دەپ ئاتالغان ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان شىرئەلى، ئەسقەر مەمەت (كۆك بۆرە)، ئەركىن ئابدۇللا قاتارلىقلار بۇنىڭدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەر بولۇپ قالدى. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئەسقەر مەمەت 2024-يىلى مارتتا «ئەل كۈيى» تورى بىلەن بولغان نەق مەيدان سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ «روك» مۇزىكىسى بىلەن باشلانغان ھاياتىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەن.
بىر مەھەل «ئۇيغۇرلاردىن چىققان مايكىل جېكسون» دەپ ئاتالغان ئەسقەر مەمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە مەدەنىيەت بىلەن غەرب مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈشتەك مۇزىكا ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى، ئۆزىگە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم ئېتىقادىدىكى يادرولۇق مەزمۇن بولغان «كۆك بۆرە» نامىنى تەخەللۇس قىلىشى، ناخشىلىرىدا ھەر دائىم ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە قەدىرلىنىدىغان ئەركەكلىكنى تەرغىب قىلىشى بىلەن بۇنىڭدىن 20 يىلچە ئىلگىرىلا بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى رەيچىل خاررىس (Rachel Harris)، ئىسرائىلىيەدىكى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى نىمرود بارانوۋىچ (Nimrod Baranovitch) قاتارلىقلارنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇپ كەلگەن. پىروفېسسور بارانوۋىچنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىللەتچىلىك ئېقىمى باش كۆتۈرگەن دەۋر دەل ئەسقەر مەمەتنىڭ ناخشىلىرىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. يەنە كېلىپ ئەسقەرنىڭ ناخشىلىرىدا مىللەت ۋە يۇرت سۆيگۈسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ كىچىكىدىن خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرچىغا قارىغاندا خىتايچە تىلغا بەكرەك پىششىق بولغان، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي شەھىرى بولغان بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ «كۆك بۆرە» مۇزىكا ئەترىتى بىلەن خىتايچە ناخشا ئېيتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئەسقەرنىڭ ناخشىلىرى روشەن ھالدا ئۇيغۇر كىملىكى، مىللىي كىرىزىس تۇيغۇسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.
پىروفېسسور بارانوۋىچنىڭ قارىشىچە، ئەسقەر كۆك بۆرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ كېيىنرەك باش كۆتۈرگەن «روك» مۇزىكا چولپانلىرىدىن ئەركىن ئابدۇللا ياش جەھەتتىنلا ئەمەس، يەنە خاراكتېر جەھەتتىنمۇ ئەسقەردىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. قەشقەر ۋادىسىدىكى خىتاي تەسىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولغان بىر ماكاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان، خىتايچىسى ئانچە راۋان بولمىغان، يەنە كېلىپ خېلى يىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە مۇزىكا تەربىيەسى كۆرگەن ئەركىن ئابدۇللا كېيىنكى ۋاقىتلاردا بېيجىڭغا كۆچۈپ بېرىشنى تاللىۋالغان. ئەمما ئەركىننىڭ ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئەسقەرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، «سىياسىي سەزگۈرلۈك» كە ياتىدىغان مەزمۇنلاردىن پۈتۈنلەي خالىي. ئۇنىڭ «كۆپ خىل مەدەنىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن» دەپ قارىلىدىغان ناخشىلىرىدا ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس نارازىلىق، قارشىلىق ياكى تەنقىد مەزمۇنىغا مەنسۇپ ھېچقانداق جۈملىلەر ئۇچرىمايدۇ. ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان خىتايچە «بالاڭزا» ناملىق ناخشىدا ئۇ توختىماستىن «كەل… كەل…» (… لەي با… لەي با… ) دەپ خىتاب قىلىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇنىڭ بۇ ناخشىسىدىكى «بىز دوست بولايلى» دېگەندەك جۈملىلىرىنى «ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن دوست بولۇشقا چاقىرىق قىلىش ۋە خىتايلارنى چىللاپ كېلىش» دەپ چۈشەنگەنلىكى ھەم مەلۇم.
بارانوۋىچنىڭ قارىشىچە، ئەركىننىڭ بەزى ناخشىلىرىدا ئەسقەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە خەت، ئۇيغۇرچە كىيىم، ئۇيغۇر يۇرتلىرى دېگەندەك «ئۇيغۇرلۇق» ئېلېمېنتلىرى ئەكس ئەتسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق سىياسىي مەزمۇن مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىپ بېيجىڭ تامان يۆتكىلىشكە چاقىرىق قىلىنىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئەركىننىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان بولسىمۇ ئەركىننىڭ تاشقى قىياپىتىدە ھېچقاچان ئۇيغۇرلاردىكى ئەركەكلىكنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى، جۈملىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ناخشىچىلارغا ئورتاق بولغان بۇرۇت قويۇش كۆرۈلۈپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ئۇ ئەسقەر كۆك بۆرە ئېيتىپ باقمىغان «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» دېگەندەك «ئىنقىلابىي» ناخشىلارنى زوق بىلەن ئېيتقان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ماكالېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋوڭ چۈنفۇڭ (Chuen-Fung Wong) بۇنىڭدا بازار ئامىلىنىڭمۇ بىر مۇھىم ۋاسىتە بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
«مەن بۇ ئىككىيلەن بىلەن دىدارلىشىپ باقمىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبىدىن ئازراق خەۋىرىم بار. ئەسقەر روك مۇزىكىسى بىلەن ئىش باشلىغان، يەنە بەزى مېتال چالغۇ ئەسۋابلىرىنىمۇ ئىشلەتكەن؛ ئەركىن بولسا ئىسپانچە گىتار بىلەن ئىش باشلىغان. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى دەسلەپ ئاساسەن دېگۈدەك چەتئەل ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ماھارەت كۆرسىتىپ، بۇ شەكىلدىكى ناخشىلارنى ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلغان. سىز ئېيتقان بارانوۋىچنىڭ ماقالىسىدە ئەسقەر توغرىسىدا تەپسىلىيرەك توختالغانغۇ دەيمەن. ئەمما بىلىشىمچە ھەر ئىككىيلەن، بولۇپمۇ سەھنىگە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتايچە سۆزلىشىدىغان تاماشىبىنلارنى ئاساسلىق نىشان قىلغان. شۇڭا مەن ئۇلارغا ئانچە قىزىقمىغان ئىدىم. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىنى نەزەردە تۇتۇشنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. يەنە كېلىپ خىتايچە سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار، سەرخىللار ۋە خەلقئارا تاماشىبىنلار، شۇنداقلا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولدى.»
ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرى ۋە روك مۇزىكىلىرى ئەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇر ۋە خىتاي تاماشىبىنلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقاندا بۇنىڭدىكى غايەت زور يوشۇرۇن مەنپەئەتنى كۆرۈپ يەتكەنلەرنىڭ ئىشتىھاسى تېزدىن بۇ ساھەگە يۆتكەلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار «مۇزىكا ئوغرىسى» دەپ ئاتايدىغان ۋاڭ لوبىڭ ئەڭ تىپىك شەخس بولۇپ قالدى. (داۋامى بار)