قىرغىزىستان ياشلىرى ئانا تىلنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019.04.25
qirghizistan.kartun.jpg «فىكسىكى» ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمىدىن كەسىپ ئېلىنغان سۈرەت.
RFA/Feruze

بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىل مەسىلىسى چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىر نەچچە قېتىم پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە: جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى ئانا تىل كۇرسلىرى، «ئەدەبىي كېچىلەر»، «ئانا تىل بايرىمى» ۋە باشقىلار مۇھىمدۇر. «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سەھىپىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەر ھەل بولمىدى. بولۇپمۇ ياش بالىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغانلار ھەتتا چۈشەنمەيدىغانلارمۇ كۆپ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «فىكسىكى» ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بىكارغا تارقىتىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ياشلىق ئاۋازى» توپىنىڭ ئەزاسى ئىلزات ئەبىتوف ئەپەندى نېمە سەۋەبتىن بۇ كارتوننى تاللىغانلىقى ۋە بۇ لايىھەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«نېمە سەۋەبتىن› فىكسىكى‹ناملىق كارتوننى تاللىدىڭىز دېسىڭىز، بۇ ھەم بالىلار بەك ياقتۇرىدىغان كارتون، ھەم بۇنىڭ ئارقىلىق بالىلارغا يول-قائىدىلەرنى، تەرتىپ ئۆگىتىشكە بولىدۇ. يەنە بىر سەۋەبى-ئەگەردە ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسە، بۇ كارتوننىڭ رۇسچىسىنى كۆرۈپ پەرزەنتىگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ لايىھەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش. بىز ياش بالىلار ئۇيغۇر تىلىدا كارتونلارنى كۆرسۇن ھەم ئانا تىل قۇلاقلىرىغا قۇيۇلسۇن دېگەن ئىدۇق. ھازىرقى پەيتتە ئۇيغۇر تىل مەكتەپلىرىنىڭ تاقالىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىدا گەپ قىلمايدۇ، تىنجىسۇن دەپ قوللىرىغا تېلېفونلارنى بېرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ‹ياشلىق ئاۋازى› ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىپ، بالىلىرىمىز ئۈچۈن كارتونلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تېرجىمە قىلايلى دەپ كېلىشكەن ئىدۇق. بۇ كارتون كۆپىنچە قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان.»

ئىلزات ئەپەندى كارتون فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنىڭ سۈپەتلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ھەمكارلاشقان زۇمرەت روزىيېۋا، زۇمرەت ۋە نۇرتاي ئابدۇرېيىموۋلارغا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇر ئاشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى پەرىدە نىزامۇتدىنوۋا خانىم، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلنى بىلمىگەنلىكىگە قايغۇرۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدا ئانا تىل ئالاھىدە يۇقىرىنى رول ئوينايدۇ دەپ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتتى.

لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ھازىرقى شارائىتتا ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھەم غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەپ چىقىشى چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزىز ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى لېكسىكىلىق مەسىلىلەرگە ئائىت بىر نەچچە تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بۇ كارتون فىلمى كۆپلىگەن ئىجابىي ئىنكاسلارغا ئېرىشتى. قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئادىلە مەسىمجان خانىم ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بۇ خىزمەتلەرنى يۇقىرى باھالاپ، «ياشلىق ئاۋازى» توپىغا ئۇتۇقلارنى تىلەپ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتتى.

ئادىلە خانىم يەنە كارتون فىلىمنىڭ ئاۋازلىرى ۋە سۈپىتى بەك ياخشى چىققانلىقىنى ئېيتىپ، پۈتۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى. . . . . . .

مەزكۇر كارتون فىلىمنىڭ ئاۋازلىرىنى بېرىشتە ھەمكارلاشقان زۇمرەت ئابدۇرېيىم خانىم، رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بولغان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلدى. . . .

مەزكۇر كارتون فىلىمنى قانچە بالا كۆرۈپ ياقتۇرغانلىقىنى ۋە بۇ كارتوندىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بىز توقماق شەھىرىدىكى بىر يەسلىگە كىرىپ بالىلاردىن سوراپ چىقتۇق، ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «فىكسىكى» فىلىمىنىڭ ناخشىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇنداپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.