بۇ يىللىق «ئانىلار بايرىمى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى
2019.05.13

ھەر يىلدا بىر قېتىم تەبرىكلىنىدىغان خەلقئارالىق «ئانىلار بايرىمى» كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى جاپاكەش ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ۋە ئائىلىسىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، جەمئىيەتكە قوشقان بىر كىشىلىك تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلىدىغان بىر بايرامدۇر.
ھەر يىلى 12-مايغا بېكىتىلگەن بۇ كۈندە پەرزەنتلەر ئۆز ئانىلىرىغا ھەرخىل خۇشپۇراق گۈللەرنى ۋە سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلىدۇ، مېھرىبان ئانىسىنىڭ مەڭگۈ شۇ گۈلگە ئوخشاش گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تىلەكلەرنى تىلىشىدۇ، ئانىلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن دۇئالارنى قىلىشىدۇ.
ھالبۇكى، بۈگۈنكى بۇ مۇبارەك كۈن ئۇيغۇر دىيارى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن بولماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرى نەتىجىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلەر ئانىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم بولغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئانىسىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىپ تۇرماقتا. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئانىلار بايرىمى» ھەققىدە ماقالە ۋە يازمىلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئانىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە.
12-ماي «زىمىستان» تورىدا «ئانىلار بايرىمىدا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر ئانا ئۈچۈن مۇراجىئەت» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى زىبا مۇرات مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا سولانغان ئاپىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئەھۋالىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمماسلىققا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى ئانىسىز قويۇشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى تۋتتېر بېتىگە چاپلىغان يازمىسىدا ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئانىسىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇنۇلارنى يازغان: «ئانىلار بايرىمىدا مەن ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن، چىرايىنى كۆرەلمەيمەن. مەن ئۇ توغرىلىق ھېچنېمىنى بىلمەيمەن. بۈگۈن ئانامغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىشقا ئىمكانسىزمەن. خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!»
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى 13-ماي رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئانىسى بارلارنىڭ ئانىسىنىڭ قەدرىگە يېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ۋەتەندە خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا سولانغان، كېيىن شۇ يەردە ۋاپات بولغان ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانىلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
مۇشۇ قاتاردا يەنە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئانا-بالىلار، خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتقان ۋە زورلۇققا ئۇچراۋاتقان قىزلار ئۈچۈن بىر بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.