مۇتەخەسسىسلەر: ئاپتونومىيىگە باغلانغان ئۈمىد ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ (3)
2015.11.12
ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون ۋە ئاۋسترالىيە گرىفىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك بىردەك ئۇيغۇرلار رايونىدا بايلىقنىڭ ۋە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ تەقسىملىنىشىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئوخشىمىغان ئۆلچەملەر يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. پروفېسسور مايكىل بولسا بۇ خىل تەڭسىزلىكنى رايونلار ئارا پەرق بويىچە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «روشەنكى، ئۆتكەنكى ئاتمىش يىلدا، بولۇپمۇ دېڭ شياۋپىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان 1970-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىش يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىمۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. بۇ يەردىكى يادرولۇق مەسىلە شۇكى، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇ يىللار بويى ئۆزىگە خاس رەۋىشتە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بۇنىڭغا دائىر كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى مىسال كەلتۈرۈش ئەلۋەتتە مۇمكىن. ئەمما، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەزكۇر رايوندا رايونلار ئارا زور پەرقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدۇر. نوپۇسنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا نەزەر سالغىنىمىزدا شۇنى بايقايمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن جەنۇبقا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ رايوننى بولسا خىتاي كومپارتىيىسىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارقىدا قالغان رايون، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ؛ شىمالدىكى ئۈرۈمچى ۋە باشقا ئاساسلىق نېفىت شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىياتى بولسا ئۇچقاندەك ئالغا مېڭىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولسا خىتايلار. شەك- شۈبھىسىزكى، مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر دەل مۇشۇ رايوندىكى ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي نارازىلىقنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ «شىنجاڭدىكى ئاپتونومىيە: خىتاي خوجايىنلىقى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق» ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا مانا مۇشۇ خىلدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كۈچىيىپ ماڭغان زىددىيەتلىك پەرقلەر ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىك ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار رايونىدا ئەمگەك بازىرىدىكى تەڭسىزلىكمۇ ئېشىپ ماڭغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان بۇيرۇق بويىچە ئىچكىرىگە يۆتكىلىشى ھەمدە مەزكۇر يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ قولى ئارقىلىق تاماملىنىشى ئۇيغۇرلاردىكى «ئىقتىسادىي ئېزىلىش» تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن؛ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا زور ساندا كۆچۈپ كېلىشى ھەمدە خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا رەھبەرلىك ئورنىغا تاللىنىشى بولسا ئۇيغۇرلاردا ئۇلارنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مىسالى تەرىقىسىدە چۈشىنىشنى پەيدا قىلغان. ئاخىرىدا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بېسىملىرى تىك سىزىق بويىچە ئېشىپ بارغان. ئەمما بۇ ئىككى ئامىل خىتاي ئاساسى قانۇنىدا چوقۇم قوغدىلىشى تەكىتلەنگەن مەزمۇنلار ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار دۆلەت سىياسەتلىرى ماھىيەتتە دەل ئۇيغۇرلار رايونىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنى «چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان» دەپ يەكۈن چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خۇلاسە خاراكتېرلىك سۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەزمۇنلار ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئۆركەش دۆلەتنىڭ 2014-يىلى تەيۋەن 49-قانال تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ «يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا توختىماستىن قان تۆكۈلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا بەرگەن جاۋابىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭنى بېسىۋالغان نەچچە ئون يىلدا ئىزچىل تۈردە ۋەھشىي بولغان مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. شۇنداقلا شىنجاڭغا زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كەلدى. ئىقتىسادىي بايلىقلىرىمىزمۇ سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ قولدىن كەتتى. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ‹مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادىي ياردەم بەردى› دېگەن قارىشىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىن يۆتكەپ كېتىۋاتقان نېفىت، گاز ۋە باشقا رەڭلىك مېتال بايلىقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ياردىمى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار رايونىدا تەرەققىيات بولغان بولمىغانلىقىنى باھالاشتا ئالدى بىلەن دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئاتمىش يىل ئاۋۋالقى سەۋىيىدىن قانچىلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئۆلچەملەر بويىچە ئۆلچىگەندە ئۇيغۇر رايونىدا ئاپتونومىيە جاكارلانغان ئاتمىش يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەتتە ۋە دىن جەھەتتىكى ئەھۋالىدا ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىرنەچچە نۇقتىدىن بايان قىلدى.
ئاخىرىدا بىز ئاپتونومىيە ئېلان قىلىنغان ئاتمىش يىل مابەينىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىز ئۈچۈن مىكروفوننى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان زۇبەيرە خانىمغا سۇندۇق. ئۇ بۇ ئاتمىش يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش ئەھۋالىغا قوشۇلۇپ، ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالنىڭ يامانلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇر رايونىدا ئاپتونومىيە ئېلان قىلىنغان ئاتمىش يىل مابەينىدىكى تارىخقا نىسبەتەن مۇتەخخەسىسلەر ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن نەزەر سېلىپ تەھلىل يۈرگۈزمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئاپتونومىيىنىڭ تولۇق جارى قىلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۇچىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە كۆز قاراشتا بولماقتا.