خىتاي نېمە سەۋەبتىن ئارال شەھىرىدە يېڭىدىن «كەسپىي تەربىيەلەش بازىسى» قۇردى؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.09.04
yepiq-terbiyelesh-merkizi-yuli.gov.jpg لوپنۇر ناھىيەلىك «يېپىق تەربىيە مەركىزى» نىڭ دەرۋازىسى.
yuli.gov

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «بىڭتۈەن گېزىتى» نىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» (南疆职业技能培训实训基地) نىڭ بىڭتۈەنگە قاراشلىق ئارال شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر بازىنى ئارال شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە «تارىم كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى» بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىك ئالاھىدە ئورگانى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» 2002-يىلىدىن كېيىن تارىم دەرياسىنىڭ ئاقسۇ تەۋەسىدىكى دەريا-ئېقىنلار قوشۇلغان جايىدا «ئارال» (阿拉尔) ناملىق بىر يېڭى شەھەر بەرپا قىلىپ، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، ئايلىق تۇرمۇش كاپالەت پۇلى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ شەھەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق نوپۇسىنى خىتايلار تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارال شەھىرىدە 30 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىقى خەۋەردە، «مەزكۇر بازىنىڭ قۇرۇلۇشى مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىقى، كەسىپلەر بىلەن تەربىيەلەش ئارقىلىق مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ۋە كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۈنۈملۈك باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېيىلگەن. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 74.01 پىرسەنتى (خىتاي ئىستاتىستىكىسى) دەل جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ياشايدۇ. شۇڭا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان غايەت زور ئەمگەك كۈچىمۇ، دەل بۇ يەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇر نوپۇسىدىن كېلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئارال شەھىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر بازا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، «كەسپىي تەربىيەلەش» سۆزى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆز ئالدىمىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى كېلىدۇ. چۈنكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدىكى يېپىق ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرى بولغانلىقى خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن دەلىللىنىپ بولغان. گەرچە جازا لاگېرلىرىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ غايىپ قىلىنغانلىقى نۆۋەتتە تاشقىي دۇنياغا نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما 2019-يىلى نويابىردا خەلقئارا مۇخبىرلار ھەمكارلىقى (International Consortium of Investigative Journalists) تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» (China Cables) خەلقئارا جەمئىيەتنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، قامالغانلارنىڭ سانى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەنىدى. ئەينى چاغدا خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز مەزكۇر ھۆججەتكە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ تەخمىنەن 900 مىڭدىن 1مىليون 800 مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنداقتا، ئارال شەھىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» نىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟

بىز بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك ئورنى» غا قاراپ باقايلى. خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» تىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» نى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشتا مۇنداق بىر سىياسىي تېرمىننى قوللانغان. يەنى «شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» (新疆一盘棋,南疆是棋眼). بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېنىقلىمىسىنى «شىنجاڭ دېگەن بۇ چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى رەقىبلەر دەل خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلاردۇر. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوقاتماي تۇرۇپ، شىنجاڭدا مۇقىملىقنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. قارايدىغان بولساق، 2019-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ئاشكارىلىنىۋاتقان خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى»، «قاراقاش تىزىملىكى»، «نەنكەي ھۆججىتى»، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»، «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى»، شۇنداقلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ كۆچۈرۈلۈش، ئۆي-ماكانسىزلاشتۇرۇلۇش، ياتاقلىق مەكتەپ، يېتىمخانا، ساناتورىيە، تۇغماس قىلىش، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ياكى قۇل ئىشچى قىلىنىش. . . قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۆتكەن 20 يىلدا ئېچىلغان ئۈچ قېتىملىق ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇقىملىق بەرپا قىلىش» خىتاينىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانى بولۇپ كەلدى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يىل 28-ئىيۇل ئېچىلغان خىتاينىڭ ئىككى مۇھىم يىغىنمۇ دەل جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن» ئېچىلغان. بۇ يىغىنلارنىڭ بىرى، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سۈرۈش يىغىنى» ؛ يەنە بىرى، «جەنۇبىي شىنجاڭنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت يىغىنى» دۇر. «‹ئۈچ خىل كۈچ›نى يوقىتىشتىن ئىبارەت يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتتىن قىلچە تەۋرەنمەسلىك؛ مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا سىڭدۈرۈش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى قارىشىنى ئۈنۈملۈك ۋە ھەقىقىي مەنىسىدىن قوبۇل قىلدۇرۇش قاتارلىقلار» بۇ ئىككى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغان.

شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر نوپۇسى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپلا تۇرىدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەر خىل ناملاردا مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىدىغانلىقى ئېنىق. «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەتمۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېنىق. چۈنكى «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «تارىم كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى» نىڭ «14-بەش يىلدىكى كەسپىي تەرەققىيات نىزامى» دا بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. يەنى مەزكۇر نىزامنامىدە «بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ئارال شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەركىزى، ئىقتىساد مەركىزى، داۋالاش مەركىزى، مائارىپ مەركىزى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسىپلەر تەرەققىياتى، نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن مۇۋاپىق كەسىپ ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياجنى كۆپەيتىدۇ. . .» دېيىلگەن.

دېمەك، مەزكۇر نىزامنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئارال شەھىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاتناش، ئىقتىساد، مائارىپ، داۋالاش ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئاشكارا. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئارال شەھىرىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەشتىكى ھالقىلىق ئورۇن قىلىپ تاللىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئارال شەھىرىدە ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» نىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى داۋاملىق «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىپ، جەنۇبتىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا، ئارال شەھىرىنىڭ بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر ئۆتەڭگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» نى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇرماقچى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى پۈتۈنلەي يالغانچىلىقتۇر. ئەكسىچە، بۇنداق بىر بازىنىڭ قۇرۇلۇشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى داۋاملىق يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان يەنە بىر سىياسىي پىلانى دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.