«ئاشى» ۋە «خاتۇ» ئالتۇن كانلىرىدا تالان-تاراج قىلىنغان بايلىق ۋە قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار
2024.03.29

ئۇيغۇر ئېلى ھەقىقەتەن يەر ئاستى بايلىقلار مول بولغان بىر زېمىندۇر. ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى يەتمىش نەچچە يىلدا ھېچقاچان ئۆز بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ھەقلىرىگە ئېرىشكىنى يوق. ئەكسىچە، ئىنسانلىق ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ بايلىقلار، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئۇيغۇرلار ھەتتا ئۆز بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلغۇچىلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنىپ، ھەتتا جانلىرىدىنمۇ ئايرىلماقتا.
خىتاينىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جۇغراپىيەلىك تەكشۈرۈش باشقارمىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە 2016-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كان بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇن كانلارغا دائىر ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. يەنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇن كان بايلىقى مىقدارى 2007-يىلىدىكى 87 توننا (مەملىكەتلىك 21-دەرىجە) دىن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى 728 توننا (مەملىكەتلىك 3-دەرىجە) غا يەتكەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى لاگېر ياكى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلۈش، يوقىتىلىش، خىتايلاشتۇرۇلۇش ياكى ياقا يۇرتلارغا قوغلىنىش… قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنگەن بولماستىن، بەلكى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى بىلەنمۇ زىچ باغلانغان.
بىز ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدا ئاشى ئالتۇن كانىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يارىلانغان ۋە قازا قىلغان 40 نەچچە نەپەر ئىشچىنىڭ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدۇق. غۇلجىدىكى ئاشى ئالتۇن كانى بولسا شىنجاڭ يەرلىك مېتال گۇرۇھى غەربىي دىيار ئالتۇن شىركىتىگە تەۋە ئالتۇن كان ئىدى. قارىمايدىكى خاتۇ ئالتۇن كانىمۇ ئوخشاشلا شىنجاڭ يەرلىك مېتال گۇرۇھى غەربىي دىيار ئالتۇن شىركىتىگە تەۋە ئالتۇن كاندۇر. بىز بۈگۈن خاتۇ ئالتۇن كانى ۋە بۇ كاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
27-مارت كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى كارخانا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى «دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەپتىشى شېرى مىيىرخۇففېر (Sheri Meyerhoffer) نىڭ بۇ ھەقتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، «دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » خىتاي بىلەن ئالتۇن كان قىدىرىش ۋە قېزىش تۈرى بويىچە توختام ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كانلاردىن تاپقان پايدىغا شېرىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي بىلەن ئورتاق كونترول قىلىۋاتقان پايغا مەسئۇل ئىكەن. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا، «دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ھەمكارلىقتىن قول ئۈزگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
«دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلار ئۈستىدە ئىزدەنگىنىمىزدە، خىتاي ئالتۇن گۇرۇھى (中国黄金集团) نىڭ ئورگان تور بېكىتىدە، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2006-يىلىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خاتۇ ئالتۇن كانىنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەزكۇر تور بەتتىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، «دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » نى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى بىلەن بىرلىكتە خاتۇ ئالتۇن كان شىركىتىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، كاندىن چىقىدىغان پايدىنىڭ 80 پىرسەنتكە ئېرىشىدىغانلىقى دېيىلگەن. دېمەك، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئون نەچچە يىل ئاۋۋاللا باشلىنىپ بولغان.
بۇ شىركەت ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خاتۇ ئالتۇن كان شىركىتى بولسا، «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى» غا مەنسۇپ بولغان «شىنجاڭ غەربىي دىيار ئالتۇن پاي چەكلىك شىركىتى» نىڭ قارىمايدىكى تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ يەرلىك مېتال گۇرۇھى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 2022-يىلى دېكابىردا غۇلجادىكى «ئاشى ئالتۇن كانى» گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى دەل بۇ كارخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەينى چاغدا كان ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 40 ئادەمدىن 22 كىشى قۇتۇلۇپ، 18 كىشىنىڭ كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن ئېنىقلانغانىدى. ئەمما مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتلار تاكى بۈگۈنگىچە سىرتقا ئاشكارىلانغىنى يوق. بەلكى بۇ ئىشنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىمۇ، ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىدىن بولسا كېرەك. خۇددى ئاشى ئالتۇن كانىدىكىگە ئوخشاشلا، قارىمايدىكى خاتۇ ئالتۇن كان شىركىتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى بۇ ھەقتىكى يۇقىرىقى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە خاتۇ ئالتۇن كان شىركىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سانىغا دائىر ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق دوكلاتلىرىدا بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى كۆرەلەيمىز. مەزكۇر شىركەتنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن 15 نەپەر ئىشچى يۆتكەپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. 2021-يىلىدىكى خىزمەت دوكلاتىدا بولسا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن 62 نەپەر نامرات ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى دېيىلگەن. خىتاي رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ئورگان تور بېتىدە 2020-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇچۇرىدا، 2017-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن 24 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەمما دىققەتنى چېكىدىغان يېرى شۇكى، مەزكۇر خەۋەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 48-50 ياشلاردىكى ئەر-ئايال ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. يەنى، بۇ ياشتىكى ئادەملەر نورمالدا ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان خىزمەتلەر ياكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سالاھىيىتىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ كىشىلەر ئەسلىدە دېھقان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ پەرەز قىلالايمىز. دېمەك ئوتتۇرا ياشلىق بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز كەسپىنى، ئائىلىسى، پەرزەنتلىرىنى تاشلاپ، كەسپ ئۆزگەرتىپ ياقا-يۇرتتا ئىشلەمچى بولۇشنى تاشلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
2021-يىلى كانادادىكى «يۇلتۇز ئارال كۈندىلىك گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، «دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » نىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇنلارنى تالىشىپ جېدەللىشىپ قالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ئاشكارىلانغان. مەزكۇر خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، «دېيناستى ئالتۇن شىركىتى (Dynasty Gold Corp) » نىڭ خىتاي نەسلىدىن بولغان دىرېكتورى ئىفىي چوڭ كانادانىڭ «يەر شارى پوچتا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان. يەنى بۇ يەردە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز ئالدىغا ئېچىش، ئىشلىتىش ھەتتا چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن بۆلۈشۈش دەرىجىسىگە يەتكەن. ئەمما ئەنە شۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولسا، بۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قۇل ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق بىر قارا يۇمۇر ھە!؟ بەلكى بۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچىغا ئايلانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى، شۇنداقلا تالان-تاراج قىلىنىۋاتقان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى بولغانلىقىدا گەپ يوق.
ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئالتۇن كانلار شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىغا تەۋە ئىكەن، ئۇنداقتا مەزكۇر كارخانىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خىتاينىڭ ئېنېرگىيە تورىدا 2021-يىلى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى» ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە بۇ شىركەتنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 6 يېزا-بازار ۋە 21 ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، 18 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى بايان قىلىنغان. كۈلكىلىك يېرى، 18 يىلدا ئۇلار مەسئۇل بولغان رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ئاران 1200يۈەنگە ئۇلاشقان. لېكىن بۇ شىركەتنىڭ كىچىككىنە تارمىقى بولغان خاتۇ ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ 2015-يىلىدىكى يىللىق ساپ پايدىسى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى غەربىي دىيار ئالتۇن شىركىتىنىڭ ساپ پايدىسىدىن 142.15پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن. 2016-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا ساپ پايدىسى غەربىي دىيار ئالتۇن شىركىتىدىن 102.71پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن. ھەتتا خاتۇ ئالتۇن كانىدا بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان. مەزكۇر كاننىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغانلىقى ھەتتا كان ئاستىدا قالغانلارنى قايتۇرۇپ چىقمىغانلىقى ئاشكارىلانغان. شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەر سەۋەبلىك خاتۇ ئالتۇن كانىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئارانلا 1 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇشى، ھەتتا خىتاينىڭ ئالتۇنچىلىق ساھەسىدىكى خىتايلار ئارىسىدىمۇ نارازىلىق ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
شۇنىسى ئېنىقكى، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، ئاشى ئالتۇن كانى ۋە خاتۇ ئالتۇن كانلىرىدا ۋەقەگە ئۇچراپ قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئىنسان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماسلىقى، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كان ئاستىغا تاشلاپ قويۇلۇشىدەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك يورۇتۇپ بېرىدۇ. دېمەك خىتاي دائىرىلىرى ئاشۇ كانلاردا ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغان ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىدىمۇ؟ تۆلىسە قانچىلىك تۆلىدى؟ ئۇلار مانا بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇردى خالاس.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.